ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتنىڭ رەئىسى – رۇشەن ئابباس خانىمغا ئوچۇق خەت

ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە – ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىلىردىن

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رۇشەن ئابباس خانىم. سىزنىڭ تۈنۈگۈن ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتنىڭ فەيىسبوك سەھىپىسدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ يىتەكچىلكىدە 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدىغان نامايىشقا ئاۋاز قۇشۇپ ئۇيغۇردىياسپورادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنى بۇ نامايىشقا چاقىرىق قىلغان قىسقا، جانلىق شەكىلدىكى ۋېدىيورىڭىزنى كۆردىم. مەنمۇ جەنۋەدىكى نامايىشقا بىر ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇم بىلەن ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ۋە نەچچە مىليۇنلىغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاۋازى بۇلۇش ئۈچۈن بارىمەن.

ئىمزا توپلاش پائالىيتى ئېلىپ بىرىش ھەققىدە سىز بىلەن ئورتاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىش ئۈچۈن ئوچۇق خەت شەكىلدە بۇيازمىنى يازدىم. << ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك >> دەپ دىياسپۇرادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار بىر كۈزەتكۈچى جامائەت بۇلۇش سۈپتى بىلەن بۇ ئىشقا ئادىل باھا بەرسۇن. چۈنكى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەربىر ئىشتا ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ تەكلىپ- پىكىر بىرىش، كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش ھەققى بار.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال بىز ھەركەتكە ئۈتىشمىز كېرەك. ھەركەت يالغۇز نامايىش قىلىش ئۈچۈن چاقىرىق قىلىش ۋە پۇل توپلاش بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. بەلكى پىلانلىق، سېستىمىلىق ھەركەت ئاساسىدا جامائەت پىكىرى توپلاش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدۇ. بۇ جەھەتتە سىزنىڭ تەجىرىبىڭىز ۋە كۆرگەنلىرىڭىز كۆپ شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق تەجىرىبىگە ئىگە بىر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بۇلۇش سۈپتىڭىز بىلەن بۇ ئىشلارنى مەندىن ناھايتى ياخشى بىلىسىز.

مەن ئامىستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىش جەريانىدا خەلىقئارا قانۇن ئوقۇغان كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللىندىغان جازا لاگىرىنى تاقاش ، ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش، بىگۇناھ ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى قۇيۇپ بىرىش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيتىمنى سىزمۇ قوللاپ 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى پىدايىلار ئېكرانىدا بۇ ھەقتە ئۆتكۈزگەن نەق مەيدان سۆھبىتىگە سىز ۋە دولقۇن ئەيسامۇ تېلفۇن قىلىپ بۇ ئىمزا توپلاش جەدىۋېلىنىڭ مەزمۇنلىرىنىڭ ناھايتى ياخشى تەييارلانغانلىقىنى بۇ پائالىيەتنى قوللايدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرگەن ئىدىڭلار. ئەمما بۇنى دۇنيا خارەكتېرلىك كىڭەيتەيلى دەپ ھەر ئىككىڭلارغا مەسلىھەت سالدىم، ھەتتا بۇ ئىشنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەھبەرلىكىدە بولسۇن دەپ، ئەمما بۇ جەھەتتە ھىچقايسىڭلارنىڭ ئەمىلىي قوللىشىڭلارغا ئىرشەلمىدىم. ئاخىرى ئۈزەم يالغۇز ئامىستېردامدا دۇنيانىڭ ھەقايسى جايلىرىددىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئىمزا قويدۇرۇپ 10 مىڭ ئىمزا توپلىدىم. 10 مىڭ ئىمزانى ب د ت غا قۇرۇلتاي نامىدىن ئىىۋەرتەيلى، دىسەممۇ دولقۇن ئەيسادىن ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋاب ئالامىدىم. مەن ئۈزەم توپلىغان 10 مىڭ ئىمزانى سىزگە بەرسەم، سىز ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتىنىڭ نامىدا بۇ ئىمزا توپلاشنى دۇنيا خارەكتېرلىك كېڭەيتىپ ب د ت كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتىغا تاپشۇرۇش پائالىيتىنى ئېلىپ باراسىڭىز. چۈنكى سىزنىڭ تەشكىلاتىڭىزنىڭ تەسىرى كۈچلۈك. جەنۋەگە نامايىشقا باردىغان تەشكىلاتلارغا بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلنى ئىۋەرتىپ بەرسەك، ئۇلار ئۆز ئەتراپىدىكى كىشلەرنىڭ ئىمزاسىنى توپلاپ جەنۋەگە ئالغاچ كەلسە، ئەگەر بارالمايدىغانلار بولسا سىكانىرلاپ ئىۋەرتىپ بەرسىمۇ بۇلىدۇ. ئىمزا توپلاش پائالىيتىنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلرى ئۈزىنىڭ نىشان-مەقسەتلىرىنى ئىمزا توپلاش پائالىيتى ئارقىلىق جامائەت پىكىرى توپلاپ مەسىللىرىنى ھەل قىلىپ كەلمەكتە. قېنى ئەمدى سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەركەت قىلىۋاتقان باشقا تەشكىلاتلارنىڭمۇ بۇ ئىشقا جىددى قارىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. چۈنكى بۇ مەلۇم بىر شەخىسنىڭ ئىشى ئەمەس، مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش.
2022-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى

ئەسكەرتمە:

مەن رۇشەن ئابباس خانىمغا ئۇچۇق خەت ناملىق بۇ يازمامنى يېزىپ ئېلان قىلغاندىن كىيىن فەيىسبوكتا كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. تۈركىيەدىكى ئابدۇللاھ قاراجىم بۇ ھەقتە رۇشەن ئابباس خانىم بىلەن تېلفۇندا ،يەنە بەزى قېرىنداشلار مەسىنجىردا كۈرۈشۈپ بۇ يازمىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان مەسىللەردە رۇشەن ئابباس خانىم بىلەن پىكىر ئ‍الماشتۇرۇپتۇ. رۇشەن ئابباس خانىم ئابدۇرېھىم غېنى بىلەن جەنۋەدە كۈرۈشۈپ بۇ ھەقتە تەپسىلى پاراڭلىشمەن دەپ ئۇلارغا چىرايلىق جاۋاب بىرىپتۇ. 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدىكى بوزۇق ئورۇندۇق مەيدانىدا رۇشەن ئابباس مېنى كۈرۈپلا چىرايلىرى ئۈڭۈپ، قوللىرىنى شىلتىپ كىلە بۇ يەرگە دەپ ۋاقىراپ كەتتى. مەن چىرايلىقچە نامايىشتىن كىيىن چىرايلىق پاراڭلىشايلى دىسەم، خۇددى خىتاينىڭ رودىپاي ساقچىسدەك ئالدىمنى تۇسۇپ، ھەي ماڭا قارىتا نىمىشقا ئوچۇق خەت يېزىپ تەنقىد قىلىپ تىللايسەن؟ دەپلا قوللىرىنى شىلتىپ ئەدەپسىزلىك قىلدى. ئۈزەمنى تۇتۋېلىپ چىرايلىقچە، رۇشەن خانىم سىزنى يازمامنىڭ قايسى قىسمىدا تىللاپتىمەن؟ ياكى تەنقىد قىلىپتىمەن؟ سىز يازمامنى تەپسىلى ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى ھىچبىر تەنىد قىلمىدىم بەلكى سىزنى چوڭ كۈرۈپ، سىزنى ھۆرمەتلەپ، تەشكىلاتىڭىزنىڭ تەسىرىدىن پايدىلىنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ھەركەت قىلايلى دەپ ئۈزەمنىڭ چىرايلىق پىكىرىنى يازاىم دىسەممۇ، يەنىلا تەتۈرلىك قىلىپ نىمىشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ماڭا قارىتا يازما يازىسسەن؟ سەن كىمتىڭ دەپ قايناپ چالۋاقاپ كەتتى. رۇشەن ئابباسنىڭ بۇ سەپرا، تەرسە مىجەزىنى ئىلگىرى باشقىلار دىگەندە ماڭا غەيۋىتىنى قىلىپ بىرۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ قەتئى ئىشەنمىگەن ئىدىم. ئەمما بۇ قېتىم ئۆز كۈزۈم بىلەن ماڭا قىلغان يولسىز ھاقارىتىدىن ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. بىر ئايال كىشى بىلەن تەڭ بولماي، خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن 13 سائەت يول يۈرۈپ كەپتىمەن، ب د ت نىڭ ئالدىدا ۋاقىرشىپ يۈرۈپ خىتايغا ئۇيۇن قۇيۇپ بەرمەي دەپ بەك ئېغىر بېسىقلىق بىلەن نىمە دىسە دەۋالسۇن ، خىتايدىن ئالالمىغان دەردىنى مەندىن ئېلۋالسا خۇمارى بېسىقىپ قالار دەپلا سۈكۈتتە تۇردۇم. ھەتتا نۇرغۇن ئۇيغۇرلار رۇشەن ئابباسنىڭ ماڭا قول شىلتىپ سىوراققا تارتىۋاتقانلىقىنى، ماڭا ھاقارەت قىلۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ بەك ئوڭايسىزلىنىپتۇ. ھەي رۇشەن ئابباس ب د ت نىڭ ئالدىدا ئابدۇرېھىم غېنى بىلەن ئۇرشدىغان بولدى، بەك سەتلىشىدىغان بولدى دەپ ئەندىشە قىلغان ئىدۇق.  رۇشەن ئابباس سىزگە قوللىرىنى شىلتىپ ۋاقىرسىمۇ سىز گەپ قىلماي كۈلۈپ تۇرۇپ جىمىدە تۇرۋالدىڭىز، ئايال كىشى بىلەن تەڭ بولماي جىمىدە سۈكۈتتە تۇرۋالغان بۇ ئىشىڭىزدىن بىز بەك خوش بولدۇق. ھەنىم بولسا جىدەل -ماجىرا چىقماي نامايىش ئاخىرلاشتى دىدى. << ئەلنىڭ كۈزى، ئەللىك>> دەپ رۇشەن ئابباسقا يازغان ئوچۇق خېتىمنى ئوقۇپ ئۈزەڭلار جاۋاب بىرىڭلار ئەي خەلقىم. مەن رۇشەن ئابباسنى تەنقىد قىلىپ يېزىپتىمەنمۇ؟ تىللاپتىمەنمۇ؟ ياكى چوڭ كۈرۈپ يېزىپتىمەنمۇ؟

2022-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى