ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئادەم بولمىساڭ ئەقلىڭ بىلەن، ئەخمەق بۇلسەن ساقىلىڭ بىلەن
ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىردىن
بۈگۈن ئەتگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دىياسپۇرادىكى پائالىيەتلىرىنى كۈزىتىپ كىلىۋاتقان بىر كۈزەتكۈچىدىن تېلفۇنۇمغا كەلگەن ئۇچۇرنى ئۇقۇپ ھەيران قالدىم. ئۇچۇردا فەيىسبوكتا تالىپ ئاتاجاننىڭ ئۈزىنىڭ سەھىپىسدە ئېلان قىلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى سۈرگۈندىكى ھۈكۈمىتى دەپ لوگوسى بىلەن .لاھىيلەنگەن << دۆلەت بايرىمىمىزنى خاتىرلەش پارىژ يىغىنى ئاخباراتى >> دەپ ئېلان قىلغان قىسىقچە يازمىسى ئىدى
ئابدۇرېھىم غېنى ئەپەندى سەن بۇ تالىپ ئاتاجاننىڭ چىقارغان يازمىسىنى ئاۋال بىر ئوقۇپ باق. ئاندىن سەن بىلەن بۇ ھەقتە پاراڭىشايلى دىگەن ئۇچۇرى ئىدى.

ھۆرمەتلىك تالىپ ئاتاجان ئەپەندىم سىزنىڭ ئوقۇش تارىخىڭىزنى جۈملىدىن سىزنىڭ كىمكىكىڭىزگە ئائىت ئارقا كۈرنىشىڭىزنى مەن پەقەتلا بىلمەيمەن. پەقەت ھەرقېتىم ئېلان قىلغان يازما ۋە باياناتلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئوقۇغاندىلا، ۋەتەندە ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئەمەس بەلكى خىتاي مەكتىپىدە ئوقۇپ ئۇيغۇرچنى سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمىتنىڭ كىلونلانغان نۇسخسىنى قۇرۇپ ئۈزى رەئىس بولغاندا ئانا تىلغا يۈز كىلەلمەي ئانا تىلنى ئۈگەنمىسەم بولمايدىكەن دەپ ئۈگىنىپ ئەمدى ساۋادى چىقىۋاتقان بىرسى كۆز ئالدىمغا كىلەتتى. پارىژدا ئاچقان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش ھەققىدىكى باياناتىڭىزنى ئوقۇپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم. ئىملادىكى، سۆز-جۈمىللەردىكى خاتالىق ھەرقەدەمدە بىر ئۇچىراپ تۇرسىمۇ بۇلاپتۇ، ئاخىرغىچە ئوقۇۋېتەي دەپ ئاخىرغىچە سەۋىر قىلىپ ئوقۇپ تۈگەتتىم. نۇرگۇل ساۋۇت خانىمنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلەلمىگەنلىكىڭىزگە قاراپ نىمە دىيشىمنى بىلەلمەي بۇ ئۇچۇق خەتنى يېزىپ سىزنى ئۇچۇق شەكىلدە تەنقىد قىلىپ بۇ يازمىنى يازدىم. ئاۋىستىرىيە بىلەن ئاۋۇستىرالىيەنى پەرىق ئەتمەي ئاۋىستىرىيەدە تۇرۇشلۇق نۇرگۇل ساۋۇت خانىم دىگەن جۈملىنى ئوقۇغاندا سىزدىكى مەسۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ بەكمۇ تۈۋەن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. سىز ئېلان قىلغان يىغىن ئاخباراتىنى ئۈزىڭىز يازامسىز ياكى باشقىلار يېزىپ بېرەمدۇ؟ ئەگەر باشقىلار يېزىپ بەرگەن بولسا سىز ئۇيغۇرچىنى راۋان ئوقۇيالايدىغان بىرسى بولسىڭىز بۇنى بىر تەھىرلەپ ئېلان قىلاتتىڭىز. ئەگەر سىز يازغان بولسىڭىز ئىملا خاتالىققا دىققەت قىلمىغان تەقدىردىمۇ، ئاۋستىرالىيە بىلەن ئاۋىستىرىيەنى پەرىق ئىتەلمىگەنلىكىڭىزگە قاراپ ھەيران قالدىم.نۇرگۇل خانىم ئاۋىستىرىيەدىن ئەمەس بەلكى ئاۋىستىرالىيەدىن كەلگەن. ئۈزەڭلار يىغىنغا چاقىرغان بىر ئادەمنىڭ قايسى دۆلەتتىن كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي يازغىنىڭلارنى ئاۋال بىرەر قېتىم تەھىرلىمەي مۇشۇنداقلا تارقىتىپ يۈرسەڭلار بۇنى ئوقۇغان ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلغۇچى، كۈزەتكۈچى نىمە دەپ باھا بىرەر؟ بۇ بىر قېتىملىق ئەمەس ھەر قېتىم بىرەر بايانات ۋە يازما يېزىپ ئېلان قىلسڭىز خۇددى ئۇيغۇرچە ساۋادى ئەمدى چىققان بىر ئادەمدەك يازما يېزىپ ئېلان قىلسىڭىز يازمىڭىزنى ئوقۇغان ئۇيغۇرلار دىققەت قىلمىغان بىلەن ئۇيغۇرلارنى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ كۈزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز. بۇ سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغىلا تەسىر كۆرسەتكەن بولسا مىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ھىچ ئىشىم يوق ئىدى. ئەمما دۆلىتىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىسمىنى قوللىنىپ ئېلان قىلغان بولغاندىكىن مىللىتىمىزگە ئورتاق بولغان ئىشلاردا پىكىر قىلىش ۋە قەلەم تەۋرىتىشنى بىر ۋىجدانى بۇرچۇم دەپ بىلىپ بۇ ئۇچۇق تەنقىدنى يازدىم. مىللەتچىلىك ئەڭ ئاۋال ئۈزىنىڭ تىلىنى، يېزىقىنى، مەنىۋى قىممەتلىرىنى قەدىرلەشتىن باشلىنىدۇ. ئانا تىلىمىزغا بۇنداق بىپەرۋالىق بىلەن قارىماڭلار. .ئۈزەڭلار يازغاننى ئەڭ ئاۋال ئۈزەڭلار ئوقۇپ بىر قېتىم تەھىرلەپ بۇلۇپ ئاندىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىڭلار. بولمىسا ئۇيغۇرلارنى كۈزەتكۈچىلەر ۋە تەتقىق قىلغۇچىلار تەرپىدىن بايقىلىپ قالسا نىمە دىگەن سەتچىلىك.
يېزىلغان ۋاقتى 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى