شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرلەيمەن

شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىنى خاتىرلەيمەن

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۈگۈن 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا يەنى 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى قۇرۇلغان كۈن . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شانلىق تارىخمىزدىكى بۇ سەلتەنەتلىك كۈننى خاتىرلەيمەن.

1944-يىلى 9-ئاپرېل ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، غۇلجا ناھىيە بازىرى (ھازىرقى غۇلجا شەھىرى) دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات – غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى.

1944-يىلى 14-ئاۋغۇسىت ، پاتىخ مۇسىلىموپ، ئەكبەر، سېيىت، غېنى باتۇر قاتارلىقلار نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا قوراللىق پارتىزانلار ئەترىتى قۇردى.

1944-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭ ھۈكۈمتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە ناھايتى تېزلىك بىلەن بىرقاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ نىلقا بازىرىنى ئازاد قىلدى، قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن  خىتاي گومىنداڭ ھۈكۈمىتى ئۈرۈمچىدىن3000 دىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئارقىمۇ-ئارقا مەغلۇپ بولدى.  قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھرىگە بېسىپ كىرىپ ھەرەمباغ ئۇرۇشى، ئايرودروم ئۇرۇشى ۋە لياڭشاڭ ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى بىلەن غۇلجا شەھرىنى خىتاي گومىنداڭ ھۈكۈمتىنىڭ قولىدىن تولۇق ئازاد قىلىپ 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12 – كۈنى  شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۈكۈمتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ مۇنتىزم ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى جاكارلاندى. قوشۇننىڭ فورمىلىرى سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭكىگە تەقلىد قىلپ تىكتۈرۈلدى. ئارمىينىڭ پاگون ،كاكار ،بايراقلىرى بېكىتىلدى، مېدال ۋە ئوردېنلار تارقىتىلدى. ئارمىيە باش شىتابى قارمىقىدا ھەربىي تەمىنات باشقارمىسى، سىياسى باشقارما، ھەربىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ھەربى سوت، ھەربىي ھەرىكەت  باشقارمىسى  قاتارلىق ئورگانلار تەسس قىلىندى. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىدىن قېچىپ غۇلجىغا كېلىپ يەرلەشكەن چار پادىشانىڭ ئاق ئورۇس سولداتلىرىدىن بولغان پالېنوف باش قوماندانلىققا،  مازھاروف شىتاب باشلىقلىقىغا، ئۇيغۇرلاردىن زۇنۇن تېيىپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا، غېنى باتۇر ھەربى سوتنىڭ باشلىقلىقىغا ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنللەندى. مۇنتىزىم قوشۇننىڭ ئومۇمى ئەسكىرى كۈچى 40 مىڭدىن ئاشاتتى.

بۇ قوشۇن گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ ۋەتەننى ئازات قىلىش ئىرادىسى ۋە جەڭگۋارلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتتىن خىتاي قوشۇنلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىپ،گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ پولات ئىستىھكاملىرى،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى مەكىزى بولغان ئۈرۈمچىىنىڭ پولات قورغىنى دەپ ئاتالغان شىخو، جىڭ مۇداپىئە سەپلىرىنى بىتچىت قىلىپ، داۋاملىق ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرلەپ، ئۈرۈمچىگە 150 كېلومېتىر كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ توختاپ، دەريادىن ئۆتۈپ  ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جەنۇبىي يۆنىلىش قىسمىنى تەشكىللەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ھۇجۇم باشلاش بىلەن تەڭ، بۇ جايلارغا مەخپى ئادەم ئەۋەتىپ جاي – جايلاردا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ تەشكىللەيدۇ. جەنۇپتا تاشقورغان، تاشمىلىقلارنى مەركەز قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلار قىسمىنى قۇرۇپ،خىتاي قوشۇنلىرى قولىدىكى جايلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلايدۇ. مۇنتىزىم قىسىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ھېساپلانغان باي، ئونسۇ ناھىيەلىرىنى ئازات قىلىپ، خىتاي قوشۇنلىرىنى ئاقسۇ شەھەر سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋالىدۇ. باشقا قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارمۇ تۇشمۇ – تۇشتىن ھۇجۇم باشلاپ ئۆز تەۋەسىدىن خىتاي قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. خىتاي قوشۇنلىرى ئاساسەن شەھەرلەردىكى سېپىل ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ.

بۇ دەل 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان مەزگىل بولغاچقا، جاڭ جېيشى روزۋېلىتنى ئىشقا سېلىپ، سىتالىن بىلەن سۈلھىلىشىپ ،تاشقى موڭغۇليەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىش، لۈشۈن، دالىيەن پورتلىرىنى سوۋىت ئىتپاقىغا ئىجارىگە بېرىش ھەمدە بۇ يەرلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇشىغا رۇخىسەت قىلىش، شەرقى شىمالدا تۆمۈريول ياساش ھوقۇقىنى بېرىش قاتارلىق ئىمتىيازلارنى بېرىش بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي تەۋەلىكىدە ساقلاپ قېلىشقا كېلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سوۋىت ئىتتپاقى بارلىق ھەربى مەسلەھەتچىللىرى ۋە ھەربىي خادىملىرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپلا قالماي،قورال – ياراق، ئوق –دورا ۋە باشقا زۆرۈر ئەشيالارنى سېتىپ بېرىشنى توختىتىدۇ.  ھەمدە شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدۇ.

بىر نەچچە ئايلىق جاپالىق سۆھبەتلەردىن كېيىن ئاخىرى 1946-يىلى 4-ئايدا،ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدسىدا  « 11ماددىلىق بىتىم» ئىمزالىنىپ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتى نامدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بىرلەشمە ھۈكۈمەت قۇرۇلىدۇ، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى قىسقارتىلىپ 6 پولك قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. جەنۇپتكى ئون مىڭلىغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلارمۇ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىدۇ. لېكىن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمتى بۇ كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغاچقا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەرەپ ۋەكىللىرى  1947-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىدۇ ھەم ئارمىيەنى قايتىدىن كېڭەيتىپ، 5ئاتلىق پولىك، 3پىيادىلەر پولكى ۋە بىر ئاتلىق باتالىيوندىن تەركىپ تاپقان تېخىمۇ مۇكەممەل 30 مىڭ كىشلىك قوشۇن تەشكىللەيدۇ.

1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى گومىنداڭ بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۈرىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە چېكىنىشكە باشلايدۇ. 6- ئايدا لىيۇ شىياۋچى سوۋىت ئىتپاقىغا سۆھبەتكە بارىدۇ. سۆھبەت داۋامىدا سوۋىت ئىتتپاقى جوڭگو كومىنستىك پارتىيسىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا كىرىش قەدىمىنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى دىڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بىردانە رادىست  (تېلېگرافچى) ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا كېلىدۇ. خىتاي  ھۆكۈمىتىنىڭ ماتېرىياللىرىدا ئېيتىلىشىچە، 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ماۋزىدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تېلگىرمما يوللاپ 9- ئايدا ئېچىلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش يىغنىغا تەكلىپ قىلغان. 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىدۇڭغا تىلگىرامما يوللاپ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە، غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى دوختۇر ھاكىم جاپپار بىلەن يارۇللا بېكوفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە موسكۋانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى بىلەن قازاقىستان رېسپوبلكىسى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر قازاق رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

بۇ سۆھبەتتە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىقلارنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا ھېچقانداق سىياسىي تەلەپ ۋە شەرت قويماي قاتنىشىپ، خىتاينىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىنى ھىمايە قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ؛ ئەخمەتجان قاسىم بۇنى رەت قىلىپ، ئەگەر ئۆزلىرى يىغىنغا قاتناشسا شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇستەقىللىق، پەقەت بولمىغاندا فېدېراتسىيە تۈزۈم بويىچە ھوقۇققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بولمىسا مۇنداق يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى كەسكىن ئېيتىدۇ. سۆھبەت ئىنتايىن كەسكىن تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتىدۇ ۋە كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ. تالاش-تارتىشنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىقلار ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا مىللىي مەسىلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە ھەل قىلىشى، يەنى رېسپوبلىكا (ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت) ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشىدۇ. بىراق، موسكۋا ۋەكىللىرى بۇنىڭغىمۇ رازى قىلارلىق جاۋاب بەرمەيدۇ، سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ.
خىتاي ھۈكۈمىتى ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتادىن ئايرىلىپ، 27-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە بايقال كۆلى بويىدا ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىندا ھېچقانداق مىللىي ۋە سىياسىي ھوقۇق تەلىپى سۇنمايدىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ يېڭى جۇڭگونى تولۇق قوللىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە .لېكىن ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سۈيقەست بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشنىدۇ.

بىر قاتار ئۇرۇشلاردىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرى گومىنداڭ ھۈكۈمتىنى تەيۋەنگە قوغلىۋېتىپ، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى  كوممۇنىست خىتاي جۇمھۇرىيتىنى قۇردى. 1949-يىلى  10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن ئېتىبارەن  تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن شەرقى تۈركىستانغا بېسىپ كىرىپ شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 -كۈنى مۇنتىزىم شەرقى تۈركىستان مىللي ئارمىيىسى تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرپىدىن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ   5- كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي ئارمىيسىنىڭ  تەركىبىگە قوشۇۋىتىلدى ۋە 1955-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي يوق قىلىندى.

شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان، مىللىتمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسى ئاخىرقى ھېساپتا تاجاۋۇزچى خىتاي  كوممۇنىستلىرى تەرپىدىن ئۈزۈل -كېسىل يوق قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ مۇستەملىكسىگە چۈشۈپ قالدى.

دوكتۇر نېبىجان تۇرسۇن يازغان « ئۇيغۇر ئۇمۇمى تارىخى»

2021-04-06