1.شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشى
بۈگۈن 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسى قۇرۇلغان خاتىرە كۈن

20-ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان كەسكىن سىياسىي داۋالغۇشلارغا تولغان رايون ئىدى. 1931-يىلدىن 1934-يىلغىچە ۋە 1944-يىلدىن1949-يىلغىچە شەرقى تۈركىستاندا خىتاي تاجاۋۇزچى ھاكىميىتىگە قارشى كۈچەيگەن ئازاتلىق ھەركەتلىرى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر سىياسى تارىخىداا ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىملەرنى قالدۇردى. بۇلۇپمۇ 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىنىڭ 1949-يىل تارقىتىلۋېتىلشىگچە بولغان جەرياندا بېسىپ ئۆتكەن كۈرەش مۇساپىلىرى ئۇيغۇر تارىخدا شانلىق ئىزلارنى قالدۇردى.
جاللات شېڭ شىسەي 1943-يىلى سوۋېت ئىتىپاقىدن تۇيۇقسىز يۈز ئۆرىگەندىن كىيىن، 1944-يىلى شەرقى تۈركىستاندا ئىككىنجى قېتىملىق كەڭ كۈلەملىك ئىنقىلاپ پارتىلدى. 1944-يىلى 9-ئاپرېل، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن غۇلجا ناھىيە بازىرى(ھازىرقى غۇلجا شەھىرى)دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات – غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى، ئېلىخان تۆرە رەئىس بولدى.
1944- يىلى 8-ئايدا پاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، سىيىت باتۇر، غېنى باتۇر قاتارلىقلارنىڭ باشچىلقىدا نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا پارتىزانلار ئەتىرىتى قۇرۇلدى.
1944-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا، نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭ ھۆكۈمتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە نىلقا بازىرىنى ئازاد قىلدى. بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىدىن 3000دىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئارقىمۇئارقا مەغلۇپ بولدى. قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھرىگە بېسىپ كىرىپ ھەرەمباغ ئۇرۇشى، ئايرودروم ئۇرۇشى ۋە لياڭشاڭ ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن غۇلجا شەھرىنى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمتىنىڭ قولىدىن تولۇق ئازاد قىلىپ، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى قۇردى.
1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى، غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسىگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇنتىزم شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. قوشۇننىڭ فورمىلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭكىگە تەقلىد قىلپ تىكتۈرۈلدى. ئارمىيىنىڭ پاگون، كاكار، بايراقلىرى بېكىتىلدى، مېدال ۋە ئوردېنلار تارقىتىلدى. شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيە باش شىتابى قارمىقىدا ھەربىي تەمىنات باشقارمىسى، سىياسى باشقارما، ھەربىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ھەربىي سوت، ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلار تەسىس قىلىندى. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىدىن قېچىپ غۇلجىغا كېلىپ يەرلەشكەن چار پادىشانىڭ ئاق ئۇرۇس سولداتلىرىدىن بولغان پالېنوف باش قوماندانلىققا، مازھاروف شىتاب باشلىقلىقىغا، ئۇيغۇرلاردىن زۇنۇن تېيىپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا، غېنى باتۇر ھەربى سوتنىڭ باشلىقلىقىغا، ئابدۇكېرىم ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. مۇنتىزىم قوشۇننىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 40 مىڭدىن ئاشاتتى.

مىللىي ئارمىيە گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى ئازاد قىلىش ئىرادىسى ۋە جەڭگۋارلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، خىتاي قوشۇنلىرىنى شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۈرۈمچىىنىڭ پولات قورغىنى دەپ ئاتالغان شىخو، جىڭ مۇداپىئە سەپلىرىنى بىتچىت قىلىپ، ئۈرۈمچىگە پەقەت 150 كىلومېتىرلا كېلىدىغان ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، جەنۇبىي يۆنىلىش قىسمىنى تەشكىللەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ھۇجۇم باشلاش بىلەن تەڭ، بۇ جايلارغا مەخپىي ئادەم ئەۋەتىپ جاي – جايلاردا خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ تەشكىللەيدۇ. جەنۇپتا تاشقورغان، تاشمىلىقلارنى مەركەز قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلار قىسمىنى قۇرۇپ، خىتاي قوشۇنلىرى ئىشغالىدىكى جايلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلايدۇ. مۇنتىزىم قىسىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن ھېسابلانغان باي، ئونسۇ ناھىيەلىرىنى ئازات قىلىپ، خىتاي قوشۇنلىرىنى ئاقسۇ شەھەر سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋالىدۇ. باشقا قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارمۇ تۇشمۇ – تۇشتىن ھۇجۇم باشلاپ، ئۆز تەۋەسىدىن خىتاي قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ. خىتاي قوشۇنلىرى ھەممىلا يەردە ئاساسەن شەھەرلەردىكى سېپىل ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ.
بۇ دەل 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان مەزگىل ئىدى، جاڭ جيېشى روزۋېلىتقا يالۋۇرۇپ، ستالىن بىلەن سۈلھىلىشىدۇ ۋە تاشقىي موڭغۇليەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىش، لۇشۈن، دالىيەن پورتلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىجارىگە بېرىش، ئەسكەر تۇرغۇزۇشغا رۇخسەت قىلىش، شەرقى شىمالدا تۈمۈريول ياساش ھۇقۇقىنى بىرىش قاتارلىق ئمتيازلار بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي تەۋەلىكىدە ساقلاپ قېلىشقا كېلىشىدۇ. نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقى تۈركىستاندىن بارلىق ھەربى مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھەربى خادىملىرىنى ئەكىتىپلا قالماي، شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىگە قورال – ياراق، ئوق –دورا ۋە باشقا زۆرۈر ئەشيالارنى سېتىپ بېرىشنى توختىتىدۇ. ھەتتا شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلايدۇ.
سەككىزئايلىق جاپالىق سۆھبەتلەردىن كېيىن 1946-يىلى 4-ئايدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا «11 ماددىلىق بىتىم» ئىمزالىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنىڭ نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ، مىللىي ئارمىيە قىسقارتىلىپ 6 پولك قىلىپ تەشكىللىنىدۇ. جەنۇبتىكى ئون مىڭلىغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلارمۇ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىدۇ. لېكىن، خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمتى كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغاچقا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋەكىللىرى 1947-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىدۇ ھەم ئارمىيەنى قايتىدىن كېڭەيتىپ، 5 ئاتلىق پولك، 3 پىيادىلەر پولكى ۋە بىر ئاتلىق باتالىيوندىن تەركىپ تاپقان، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان 30 مىڭ كىشلىك قوشۇن تەشكىللەيدۇ.

1949- يىلى خىتاي كوممۇنىستلىرى گومىنداڭ بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلىبىسنى قولغا كەلتۈرىدۇ. نەتىجىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قاچىدۇ. شۇ يىلى 6-ئايدا ليۇ شاۋچى سوۋېت ئىتتىپاقىغا مەخپىي سۆھبەتكە بارىدۇ. سۆھبەت داۋامىدا سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىش قەدىمىنى تېزلىتىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى دېڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بىردانە رادىست (تېلېگرافچى) ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا كېلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماتېرىياللىرىدا ئېيتىلىشىچە، 8-ئاينىڭ 18-كۈنى ماۋزېدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنى 9-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان. 8-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزېدۇڭغا تېلېگرامما يوللاپ بۇ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1949-1944-يىللىرىدىكى شەرقى تۈركىستان ئازادلىق ئىنقىلاپى دەۋرىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى دوختۇر ھاكىم جاپپار بىلەن يارۇللا بېكوفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان سۆھبەت خاتىرىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئىنقىلاب رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە موسكۋانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى ۋە قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر قازاق رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
سۆھبەتتە، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارغا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشقاندا ھېچقانداق سىياسىي تەلەپ ۋە شەرت قويماي قاتنىشىپ، خىتاينىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىنى ھىمايە قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ، ئەخمەتجان قاسىمى بۇنى قەتئىي رەت قىلدۇ ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇستەقىللىق، پەقەت بولمىغاندا، فېدېراتسىيە تۈزۈمى بويىچە ھوقۇققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنداق بولمىسا، مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى كەسكىن ئېيتىدۇ. سۆھبەت ئىنتايىن كەسكىن تالاش-تارتىش ئىچىدە ئۆتىدۇ ۋە يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدۇ. تالاش-تارتىش ۋە بېسىمنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف قاتارلىقلار ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا مىللىي مەسىلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە ھەل قىلىشى، يەنى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى بىرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشىدۇ. بىراق، موسكۋا ۋەكىللىرى بۇنىڭغىمۇ قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمەيدۇ، سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدۇ.
خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ تەشۋىق قىلىپ كەلگىنى بۇيچە بولغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتادىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا يىغىنغا ماڭغاندا 27-كۈنى كۈنى ھاۋا رايى سەۋەبىدىن بايقال كۆلى بويىدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدۇ. ئۇلار بېيجىڭدىكى يىغىندا ھېچقانداق مىللىي ۋە سىياسىي ھوقۇق تەلەپ قىلمايتى، كوممۇنىست خىتاي ھۈكۈمىتىنى تۇلۇق ئېتىراپ قىلاتتى. لېكىن، ئۇيغۇرلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ سۇيىقەست بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.









2 . شەرقى تۈركىستان دۆلەت ئارمىيسىنىڭ يوق قىلىنىشى
تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيسى سېۋىت ئىتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىشەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 –كۈنى، شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، خىتاي خەلىق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كۇرپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ خىتاي ئارمىيسىنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېتىدۇ. ھەتتا 1962-يىلى خىتاي ھىندىستان چىگرا ئۇرشى يۈزبەرگەندە خىتاي ھۈكۈمىتى سابىق شەرقى تۈركىستان جەڭچىلىرىنى تىزراق كۆزدىن يۇقۇتۇش ئۈچۈن ھىندىستان ئارمىيسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتۇرىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئۇلار تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاجايىپ قەھىرىمانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق چۈچىگەن ۋە ۋە خەۋىپسىرىگەن خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇلارنى خىتاي ئارمىيسنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا قۇشۇۋېتىدۇ ھەم ئەسكەرلىكتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسدا ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزىلارغا ئىۋەرتىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ساقلىنىپ قالغان ئىككى پولىكىمۇ يەنى 5- كۇرپۇسنىڭ 13-دېۋىزىيە 38-پولىكى،14-دېۋىزىيەنىڭ 40-پولىكى 1969-يىلى يەنى شىمالىي شىنجاڭ دالا ئارمىيسىگە قۇشۇۋېتىلىپ يوق قىلىندۇ.10 يىل داۋاملاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە شەرقى تۈركىستان ئارمىيسىنىڭ گېنىراللىرى ۋە ئەسكەرلىرىنى تۈرلۈك سۈيقەسىت ۋە باھانىلەر بىلەن ئۆلتۈرۈپ يوق قىلىدۇ. .
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان ۋە مىللىتىمىز قەلبىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستان دۆلەت ئارمىيەسى تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن يوق قىلىۋېتىلگەن بولسىمۇ، تارىخىمىزنىڭ شانلىق سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ. ئۇ بىزنىڭ تارىخىي غۇرۇرىمىز، شۇنداقلا كەلگۈسى ئىنقىلاۋىمىز ئۈچۈن مەدەتكارىمىز.
مەنبە: نەبىجان تۇرسۇن يازغان << ئۇيغۇر ئۇمۇمىي تارىخى >>. تور دۇنياسى 2022-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى