ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
نورۇز بايرىمى تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش ۋە مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي بايراملىرىنىڭ بىرىدۇر.

نورۇزنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىياتى
«نورۇز» ئەسلىدە پارسچە «يېڭى كۈن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «نەۋرۇز»سۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بولۇپ، «باھار يامغۇرى»، «تۇنجى باھار كۈنى» دېگەن مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختا پارىسلار بىلەن بولغان دىن، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان «پارس تىلى قىزغىنلىقى»نىڭ تەسىرىدە، تىلىمىزدىكى «يېڭى كۈن» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە «نەۋرۇز»سۆزىنى قوللانغان. بۇ بايرام شەمسىيە كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى (ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى)، يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. نورۇز بايرىمى ئەسلىدە يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە ئىنتايىن چوڭ تەسىرگە ئىگە.
ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمىنىڭ قاچان باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتېرىياللار بولمىسمۇ، نورۇز بايرىمى ھەققىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قىش ئاياغلىشىپ باھار كەلگەندە، تەبىئەت ۋە جانلىقلار ئويغىنىپ ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرى باشلانغاندا ئەجدادلىرىمىز بۇنى يېڭى يىلدىكى يېڭىچە ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ بىلگەن. دېمەك، نورۇز بىزنىڭ يېڭى يىل بايرىمىمىز.
«نورۇز» بايرىمى دىمەك- باش باھار دىمەك،«ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن ، يىلنىڭ بېشى باھاردىن»، شۇڭا بۇرۇنقى شاھ سۇلتانلار ۋە كاتتا بايلار بۇ كۈننىڭ ھۆرمىتىگە زىنداندىكى مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش،ئالىم -ئۆلمالارنىڭ كىتاپلىرىنى ئېلان قىلىش، كۆپەيتىپ يازغۇزۇش قاتارلىق كاتتا ئىشلانى قىلدىكەنتۇق. 11- ئەسىردە ياشغان بۈيۈك ئەدىب يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆزىنىڭ “قۇتادغۇبىلىك ” ناملىق بەدىئىي قامۇسنى مىلادىيە 1069يىلى قاراخانىلار سۇلالىسنىڭ پايتەختى قەشقەردە يېزىپ تاماملاپ، نۇرۇز كۈنىدە بۇ كاتتا ئەسىرنى قاراخانىيلار خانى بۇغرا ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان.
كلاسسىكلىرىمىزدىن مەھمۇد قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەلشىر ناۋائى قاتارلىقلارمۇ ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىردە نۇرۇز بايرامنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان ھەم بۇ بايرامنى يارقىن تىللار بىلەن تەسۋىرلەپ كۆپلىگەن شىئېرلارنى يازغان.
دېمەك، ئۇيغۇرلار نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى دەۋرلەردە مەدەنىيەتتە تىللاردا داستان بولغىدەك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىنى بېيتقان بولۇپ، بۇ مەدەنىي مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۇش ئۇچۇن نورۇزبايرىمىنى ھەرخىل شەكىللەردە قۇتلۇقلاپ كەلگەن.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ مەدەنىيەت خىتاي ھۈكۈمتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى تۈپەيلىدىن پۈتۈنلەي چەكلىنىپ ھەتتا يوق قىلىنماقتا ، ئۇيغۇرلار خىتاي مەدەنىيىتى ۋە خىتاي كۈلتۈرىدىكى بايراملارنى تەبرىكلەشكە مەجبۇرلانماقتا.
دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ كۈلتۈر دېمەك مەۋجۇتلۇق دېمەكتۇر، خىتاي بىزنى قىرىپ يوقىتىش بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى، ئالدى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ رۇھىنى، قەلبىنى ئۆلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئېتىقادىمىز بىلەن بىرلىكتە كۈلتۈرىمىزنى يوقىتىش ئۈچۈن سۈيقەستلىك پىلانلارنى تۈزۈپ پۈتۈنلەي پۈتۈنلەت ئاسمىلاتسىيە قىلىشنى ئىجرا قىلماقتا، ئۇيغۇرلارنى «كۈلتۈردە ئاچ قالغان قالاق مىللەت» دەپ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنى «خىتاي كۈلتۈرى، مەدەنىيتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشماقتا. نورۇزنىڭ ئورنىغا چاغان بايرىمىنى ئومۇملاشتۇرماقتا.
خىتاي بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىمەن دەۋاتقاندا، ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئەلۋەتتە بۇ مەدەنىيەتنى ياشىتىش، ئۇيغۇرلۇق روھىمىزنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بايرىمى بولغان نورۇزنى تەبرىكلەيمىز، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە ئەنئەنۋى كىيىملىرىمىزنى كىيىپ بىر يەرگە جەم بۇلۇپ، بىر – بىرىمىز بىلەن كۆرۈشۈپ ھال-ئەھۋال سورىشىمىز، ئۇيغۇر تائاملىرىدىن، سازەندىلەرنىڭ ناخشا -مۇزىكىلىردىن، سەنئەتچىلەرنىڭ نۇمۇرلىردىن تەڭ ھۇزۇرلىنىپ، جۇدالىق ھەسرىتىگە تەسەللىي بېرىمىز، ۋەتەندە ئۆتكۈزگەن نورۇز تەنتەنىلىرىنى سېغىنىپ تۇرۇپ ئەسلەيمىز، پەرزەنتلىرىمىزگە بۇ ئەنئەنىۋى بايرامنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرىمىز ۋە ئۆگىتىمىز، ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇيغۇر كۈلتۈرى بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىمىز. نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىگە شانلىق تارىخى كۈلتۈرىمىز ۋە ئۆرىپ ئادەتلىرىمىزنى تۇنۇشتۇرىمىز. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈر ئاساسىنىڭ كۈچلۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى، بىراۋلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا ئەمەس، بەلكى چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە لايىق مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلالايمىز. شۇنداقلا ھىبچبىر خىتاي كۈلتۈرى بىلەن ئالاقىسى، باغلىنشى مۇناسىۋتى بولمىغانلىقىنى ئەملىي پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلاپ 21-ئەسىردە <<قايتا يۈزبەرمەديدۇ>> دىگەن قەتلامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بىرۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىردىن-بىر يول ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەركىن، ھۆر ياشاش ئىرادىسنى نامايەن قىلالايمىز.
ھەممىڭلارنىڭ نۇرۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
2022-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى
نۇرۇز پائالىيىتىمىزدىن نادىر كۆرۈنىشلەر




