جەنۋەدىكى نامايىش تەسىراتىم

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۇلتۇر 10-ئايد پارىژدا ئېلىپ بېرىلغان زور كۈلەملىك «ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى» نى فىرانسىيە پارلامىنتىدا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلدىغان نامايىش پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كىتۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىرىغاندىن بۇيان سالامەتلىكىم تازا دىگەندەك ئەسلىگە كىلىپ بۇلالماي خىزمەت ئورنىمدىمۇ يېرىم كۈن ئىشلەپ يېرىم كۈن داۋالىنىپ كىلىۋاتقان بولغاچقا ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى تىنىچ شەكىللىك نامايىشنىمۇ ۋاقتىنچە توختۇتۇشقا مەجبۇر بولغان ئىدىم. بىر مەزگىل نامايىش قىلمىغاندىكىن راسىت گەپنى قىلسام نامايىشنى سېغىنىپمۇ قاپتىمەن. ئازراق بولسىمۇ نامايىش خۇمارىمنى بېسىش ۋە مىللىتىم ئالدىدىكى مەسۇلىيتىمنى ئادا قىلىپ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان خەلقىمنىڭ ئاۋازى بۇلۇش ئۈچۈن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە جەنۋەدىكى نامايىشقا قاتناشتىم.نامايىش بۈگۈن 5-ئاينىڭ 13-كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدىكى بوزۇق ئورۇندۇق مەيدانىغا گوللاندىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، بىلگىيە، ئەنگىليە، ئاۋستىرالىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدىكى مېشىل باچېلىت خانىم «ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىڭ » ناملىق نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن توپلاندى.

بۇگۈن ئەتگەندىلا بۇ مەيدان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق، ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت نامايىش پىلاكاتلىرى، جازا لاگىرى كىيىملىرىنى كەيگەن پۇتلىرىغا زەنجىر -كېشەن سېلىنغان ئۇيغۇرلار بىلەن تولغان ئىدى. نامايىشقا شېۋېتسارىيەدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى ۋە بىرقىسىم كىشلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىللىرىمۇ قاتناشتى. نامايىش ئەتگەن سائەت 10 دا داغدۇغلۇق باشلىنىپ بۇزۇق ئورۇندۇق مەيدانىدىن جەنۋە كۈلى بۇيغا جايلاشقان ۋېلسىن سارىيدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى ئالدىغا بارغىچە يول بۇيى « خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى توختات ! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈكۈتنى بۇز! ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىل! خىتاي ھۈكۈمىتى يالغان سۆزلەۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار ئۈلەۋاتىدۇ! خىتاي ھۈكۈمىتى دىيالۇگ ئۆتكۈزمىسە، تەكشۈرۈشكە بارما! » دىگەندەك جاراڭلىق شۇئارلارنى توۋلاپ بىر سائەتتىن ئارتۇق ماڭدۇق. مۇخبىرلار، ساياھەتچىلەريول بۇيى توختىماي فىلىمگە ۋە رەسىمگە تارتىپ ماڭدى. ۋېلسۇن سارىينىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى نامايىشنىڭ مەقسىدى ھەققىدە دولقۇن ئەيسا، رۇشەن ئابباس، جازا لاگىر شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق، گۈلباھار جېلىلوۋا، بىر قىسىم كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى ، تىبەت تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى ئارقا -ئارقىدىن سۆز قىلىپ مېشىل باچىلىت خانىمنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى »ھەققىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

سائەت 12:30 بولغاندا 60 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئىمزا قويغان خەت، ئامېرىكا ئۇيغۇر كىشلىك ھۇقۇق پىروجېكىتى تەييارلىغان 480 ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ تىزىملىكى بىلەن ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرى تەييارلىغان 7000 دىن ئارتۇق غايىب بولغان ئۇيغۇرنىڭ تىزىملىكى 10 نەچچە ئادەمدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا كىشلەر تەرپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتىدىكى بىر خادىمغا تاپشۇرۇپ بەردۇق.

بۇ خادىم ھەربىر ئۇيغۇر بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشتى. كۈرشۈش جەريانىدا مەن گوللاندىيەدىن كەلگەن كىشلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى، مانا بۇ 5 يىلدىن بۇيان غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ رەسىملىرى دەپ كىيىم شەكىلدە ئۈستىمگە كىيۋالغان لاھىيەنى كۆرسەتتىم. بۇ خادىم مەن سىلەر تەييارلىغان بۇ ماتېرىياللارنى مېشىل باچېلىت خانىمغا يەتكۈزىمەن دەپ ۋەدە بەردى. يىغىپ ئېيتقاندا بىز بۈگۈن ۋەتەندە ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرغان جازا لاگىرىدا ئىنسان قېلپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۋاتقان، چارىسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كىشلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان ب د ت كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتىغا يەتكۈزدۇق. بىر كۈنلۈك خىزمىتىمدىن رۇخسەت سوراپ 13 سائەت ماشىنىلىق جاپالىق يول يۈرۈپ قاتناشقان بۇ نامايىشم ب د ت كىشلىك ھوقۇق كومتىتىنىڭ خادىمى بىلەن بىۋاستە كۈرشىش پۇرسىتىگە ئىرشكەنلىكىمدىن ھاردۇقىممۇ چىقىپ قالغاندەك بولدى. «سەۋەب بىزدىن نەتىنجە ئاللاھ » دىن دەپ مىللىتىمىز ئۈچۈن قىلغان بۇ خىزمەتلىرىمىز بىرەر خەيرىلىك ئىشلارنىڭ روياپقا چىقىشغا ۋەسىلە بولغۇس