ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈندىن باشلاپ ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى يالغۇز كىشلىك نامايىشىم، زۇلۇمدىن تۇنجۇقۇپ قالغان خەلقىمنىڭ ئاۋازى بۇلۇپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئامستېردامغا كەلگەن ساياھەتچىلەرگە خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ قىرغىنچىلقىنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان پائالىيتىم كۈچلۈك دىققەت قوزغاپلا قالماي بەلكى توردۇنياسىدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ كەلمەكتە.بۇنىڭ نەتىجىسىدەنۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تۇنۇشتۇم، پىكىر ئالماشتۇردۇم. ماڭا ھېسداشلىق قىلىپ مېنى قوللايدىغان كىشلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىللىرى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەشەببۇسچىلىرى، شۇنداقلا فېسبوكتىكى30 دىن ئارتۇق ھەرخىل ئۇچۇر-ئالاقە ۋە دوسلۇق گۇرۇپىللىرى مېنى ئۆزلىرى فەيىسبوكتا قورغان گۇرۇپىلارغا تەكلىپ قىلىپ،مىنىڭ يالغۇز كىشلىك نامايىش پائالىيتىم ھەققىدە يازما، رەسىم ۋە ۋېدىيولارنى يوللاپ تۇرۇشۇمنى تەۋسىيە قىلدى.بۇنىڭ بىلەن ماڭا تور دۇنياسىدا خىتايغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشىمغا تېخمۇ ياخشى شارائىتلار يارىتىلدى.
ئامىستېردامدىكى تىنچ شەكىللىك نامايىشمنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشى بىلەن خىتايلارنىڭ ماڭا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە تەھدىتلىرىمۇ كۈچىيىشكە باشلىدى. نامايىشى جەريانىدا بىر قانچە قېتىم مېنى ھاقارەتلىگەن،ماڭا تۈكۈرگەن،ھەتتا “سەن خىتاي ھۈكۈمىتگە قارشى ساختا تەشۋىقات قىلىۋاتسەن، بۇنى توختاتمىساڭ سېنى ئۆلتۈرۋېتىمىز” دەپ قورقۇتقانلارمۇ بولدى.ھەتتا ئۈيۈمنىڭ ئەتراپىدىمۇ منىڭ ھەركەتلىرىمنى كۆزىتىپ يۈرگەن خىتايلارنىمۇ بايقاپ قالدىم. 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا نامايىش قىلۋاتسام بىر ئەر-ئايال خىتاي ماڭا ھاقارەت قىلىپ جىدەل چىقاردى، بۇ جىدەلنى باشقىلار نەق مەيدانىدارەسىمگە تارتىپ ۋېدىيوغا ئېلۋاپتىكەن، شۇ كۈنىلا تىۋېتىر،فەيىسبوكلاردا تارقاتتىم.شۇنىڭ بىلەن ئامرىكىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچى، زىيالىيلار مۇستەقىل ئۇيۇشمىسى 2019-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ يىقىندا ئامرىكا دۇك ئۇنىۋىرسىتى، ئىرلاندىيە دۇپلىن ئۇنىۋىرسىتى، كانادا مەكمەستىر ئۇنىۋىرسىتى ۋە تورونتو ئۇنىۋىرسىتى، فىرانسىيە سىتراسبورگ ئۇنىۋىرسىتى، گوللاندىيە ئامىستىردام مەيدانىدا كەينى -كەينىدىن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى پائالىيەتچىلىرنى ھاقارەتلەش، تەھدىت سېلىش، كومىنىسىتپەرەس ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشكىللىك پاراكەندە قىلىشىغا قارىتا ئۇيۇشمىمىز نامىدىن جىددىي دىققەت قىلىمىز. بۇ ئوقۇغۇچىلار باشقىلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى بوغۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا، بىز بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. بىز ئامرىكا، كانادا، فىرانسىيە، ئىرلاندىيە ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ئوقۇغۇچى، زىيالىيلىرىنى ھىمايە قىلىپ، ئۇلارنى چەتئەل تەھدىتىدىن قوغدىشىنى سورايمىز. بىز ھەرقايسى دۆلەت مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئورگانلىرىنىڭ يۇقارقى ئىشلارنى ياخشى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىش تىرىغان ئوقۇغۇچىلارنى كۈشكۈرتكەنمۇ-يوق ئېنىقلاپ كۆرۈشكە ئۈندەيمىز، دىدى.


مەن ۋېدىيونى ۋە يۇقارقى باياناتنى دەلىل-ئىسپات سۈپتىدە ساقچى ئىدارىسىغا مەلۇم قىلىپلا قالماي،گوللاندىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكىگىىمۇ خەت يېزىپ، بىخەتەرلىكىمنى قوغداشنى تەلەپ قىلدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ ئامىستېردامدىكى ھەر قېتىملىق نامايىش جەريانىدا ساقچىلار نامايىش ئاخىرلاشقىچى دام مەيدانىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلدى.كورۇنا ۋېروسى تۈپەيلىدىن پۈتۈن دۇنيا كارانتىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن مەنمۇ نامايشىمنى ۋاقىتقىچە توختۇتۇپ تور دۇنياسىدىكى تەشۋىقاتىمنى كۈچەيتتىم. 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىنىستىگىرامغا ئىتالىيەلىك سىياسەتچى ماۋۇرىزو گاسپارى Maurizio Gasparriنىڭ كورونا ۋېرۇسى ھەققىدە سۆزلىگەن ۋېدىيۇنى يوللىسام خېلى كۆپ ئىنكاس يېزىلىپ مۇنازىرە بولۇپ كىلۋاتقانتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى بىر خىتاي«سەن يەنە خىتاي ۋېرۇسى دىسەڭ سېنى ئۆلتۈرۋېتىمەن» دەپ تەھدىت سالدى. 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشىمدا دوپپا كىيىپ، 10 پارچە رەسىم بىلەن بىللە كۆرگەزمە قىلىپ،«بۈگۈن ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى كۈنى،بۇ دوپپىنى كىيىش ھازىر خىتاي ئىشغالىيتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا چەكلەنگەن، مەن ھەرقېتىلمىق نامايىشمدا ئۇيغۇرنىڭ تىپىك مەدەنىيەتلىردىن بىرى بولغان دوپپامنى كىيۋالىمەن. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ دوپپامنى كۆرۈپ ئۇيغۇركەن دەپ يېنىمغا كىلىپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلۋاتقان قىرغىنچىلىقىغا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلىق رەسىملەرنى كۆرۈپ ماڭا ھېسداشلىق قىلىدۇ ھەم ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ» دىگەن يازمنى قوشۇپ يوللىسام، «سەن بۆلگۈنچى، سەن چۇقۇم ئۈلۈشكە تىگىشلىك»دەپ تەھدىت سېلىپ ئۇچۇر يازدى. مەن بۇنىڭدىن قورقۇپ قالمىدىم، بەلكى خىتايغا قارشى تەشۋىقاتىمنىڭ تەسىرى بۇلۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندىم. شۇنداقتىمۇ بىرەر كېلىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساقچى ئىدارىسغا مەلۇم قىلدىم.
2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلار يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرلار پاجىئەسى قايتا تەكرارلانمايدۇ دېيىلگەن بولسىمۇ، 21–ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى دەۋردە خىتاي ئىشغالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستاندا ئۇ پاجىئە قايتا تەكرارلانماقتا.خىتاي ھۈكۈمىتى ھېچنېمىگە پىسەنت قىلماستىن ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىىقى يۈرگۈزمەكتە. مەن بۇنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرىنى ساياھەتچىلەرگە داۋاملىق كۆرسىتىمەن، چۈشەندۈرىمەن. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنى بىلمىگەنلەر بىلىپ قالىدۇ؛ خىتاينىڭ ياۋۇزلۇقىنى تونۇمىغانلار تونۇپ قالىدۇ. خىتايلارنىڭ ماڭا ئۆلۈم تەھدىتى سېلىشى مېنى بۇ پائالىيەتتىن توسۇپ قالالمايدۇ. ھەققانىيەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ھەرۋاقىت ئۈلۈم كۈتۈپ تۇرىدۇ.ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشتەك روھ قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. ئەزىز مىللىتىمنىڭ ئەركىنللىك ۋە مۇستەقىللىق كۈرەش يۇلىدا، خىتايلارنىڭ ۋەھشىيلىكىگە ھەرگىز باش ئەگمەيمەن.