ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپاتنىڭ 27 يلىقىدا ئويلىغانلىرىم

ئەلنىڭ ھۈكۈمى لىللاھ

ئۇيغۇر خەلىق ماقال- تەمسىلىردىن

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ئەيسا يۈسۈپ ئ‍الىپتېكىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 27 يىل بولغان كۈنىدە يەنى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇنىڭ ۋاپاتىنىڭ 27 يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلسا، تۈركىيەدىكى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقپى خاتىرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزلدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە ئىجابى باھالار بىرىلدى. ئەمما ئۇنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىدىكى مۇنۇپۇللۇق،  خاتالىقلار، بىپەرۋالىقلار ھەققىدە ھىچنىمە دىيىلمىدى. بۇ ئشلار 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدا << ئۈچ ئەپەندى>> دەپ تۇنۇلغان شەرخىسلەردىن بىرى بولغان بۇ رەھمەتلىك  ھەققىدە  ئاڭلىغان ۋە ئوقۇغان يازمىلاردىن نۇرغۇن ئىشلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.

ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن 1901- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر ۋاىلايىتىگە قاراشلىق يېڭىسار ناھىيىسىدە تۇغۇلغان بۇلۇپ كىچىكىدىن خىتاي مەكتىۋىدە ئوقۇپ خىتايچىنى ناھايتى ياخشى ئۈگىنىدۇ. 15 ياش ۋاقتىدا شۇ ۋاقتىدىكى يېڭىسارناھيىسنىڭ ئامبىلى چېن دېلى ئەيسا يۈسۈپنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيسىنىڭ يۇقۇرلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى ناھىيلىك ھۈكۈمەتنىڭ تەرجىمانلىقىغا قۇبۇل قىلىدۇ. ئۇ خىزمەتتىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ خىتاي ئامبالنىڭ ئىشەنچىسگە ئىرىشىپ ئۈزىنىڭ بۇ ئامبالغا سادىقلىقىنى ئەملىي خىزمەتلىرى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. بۇ مەزگىل شەرقى تۈركىستاندا ياڭزىشىن ھاكىميەت يۈرگۈزۋاتقان مەزگىل ئىدى. ياڭزىشىن سېۋىت ئىتپاقىنىڭ چىگىرا رايۇنلىرىدىكى سودا شەھەرلىرىدە بەش كونسۇلخانا تەسىس قىلىش ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن بېجىڭدىكى رۇس تىلى مەكتىۋىدە ئوقۇغان يېڭىسارنىڭ ئامبىلى چېن دېلىنى ئۆزبىكىستاننىڭ ئەنجاندا تۇرۇشلۇق كونسۇلى قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ئەندىجاندا شۇ مەزگىللەردە تۇرۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلەر كۆپ بولغاچقا چېن دېلى خىزمەتىتىكى قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۈزىگە سادىق بولغان ئەيسا يۈسۈپ ئارقىلىق ئەنجان، تاشكەنىتىلەردە تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىش مەقسىتىدە ئۇنى كونسۇلخانغا تەرجىمان دىگەن سالاھىيەت بىلەن ئاۋال ئەنجانغا، 1928-يىلى تەشكەنتىكى كونسۇلىغا بىللە ئۈزى بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىپ بارىدۇ.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تارىخىدا ئۈزىنىڭ سىياسى كۈرەشلىرى جەريانىدا باشتىن كەچۈرگەن ئىش-ئ‍ىزلىرىنى، ئۈزى ياشىغان دەۋېرنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي ئەھۋاللىرىنى ئەسلىمە شەكىلدە يېزىپ شۇ دەۋىرنى ۋە شۇ شەخسىنىڭ ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنى كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ياخشى چۈشنىشى ۋە تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن ئەسلىمە قالدۇرغان ئۇيغۇرلار بەك ئاز. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ھايات ۋاقىتدا ئۈزى يېزىپ قالدۇرغان << ئەسىر شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن>> ناملىق ئەسلىمسى شۇ دەۋېرنى چۈشنىشتە بىزنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەسلىملەردىن بىرى.

ئەيسا يۈسۈپ ئۈزىنىڭ ھايات ۋاقىتدا باشتىن كەچۈرگەن ئەسلىمىلىرىنى ناھايتى تەپسىلى، راستچىللىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن ھەقىقىي ئەھۋاللارنى يۇشۇرماي دادىللىق بىلەن يېزىپ قالدۇرغان. بۇنداق دىيىشمدە تۈۋەندىكدەك سەۋەبلەر بار.

بىرىنجىدىن، ئۈزىنىڭ ئەسلىمسىدە كونسۇلخاندىكى بىر خىتاي پالەچ بۇلۇپ قېلىپ چوڭ-كىچىك تەرىتىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالماي قالغاندا، كونسۇل ئۇنىڭغا بۇ خىتاينى بېيجىڭغا ئاپىرىپ ئائىلسىگە تاپشۇرۇپ قۇيۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغاندا بۇ خىتاينىڭ چوڭ-كىچىك تەرەتلىرىنى تازلاپ بېيجىڭغا ساق-سالامەت ئاپىرىپ قۇيۇشتەك ئۈزىنىڭ ئاجايىپ ئالىجاناپلىقىنى، خۇجايىنى تاپشۇرغان خىزمەتكە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلدىغانلىقنى قىلچە يۇشۇرماستىىن ھەقىقەتنى يېزىپ قالدۇرغانلىقىدەك راستچىلىقى بۇ ئەسلىمنى ئوقۇغانلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ.

 ئەمما بۇ ئەسلىمە كىتابىنىڭ 500،501- بېتىدىكى خىتاينىڭ قۇۋ تۈلكىسى دەپ نام ئالغان  شۇ چاغدىكى گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ دىپلۇماتىيە مىنىستىرى جاڭ جېجوڭ 张治中 بىلەن قەشقەرگە زىيارەتكە بارغاندىكى ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئاشكارلاپ بىزگە قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ  يازغان قۇرلارنى ئوقۇغاندىمۇ ئۇنىڭ سەمىمىلىكى ۋە راستچىلقىدىن سۈيۈنىمىز، بۇنداق دىيشىم ئەگەر ئۇ راستچىل بولمىسا بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەت ھەققىدە ھىچنىمە دىمىگەن بۇلاتتى.

مېنىڭ گېنىرال جاڭ جېجوڭ 张治中 بىلەن ئىشلارنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن جەنۇپقا قىلغان بىر قېتىملىق ساياھىتىم ھەققىدە شۇلارنى قوشۇپ قويىشىم كېرەك. گېنىرال جاڭ جېجوڭ بۇ كۆزدىن كەچۈرۈش جەريانىدا شۇنداق بىر ئىش قىلغان بولۇپ، بۇ ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. ئۇ كۇچا، ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەندىكى خىتاي قوشۇنلىرىغا شۇنداق بىر مەخپىي نوتۇق سۆزلىگەن. بۇ نوتۇق كېيىنچە بىر كىتاپچە قىلىنىپ، ئۈستىگە ئالاھىدە مەخپى دەپ يېزىلىپ، ناھايىتى دېققەت بىلەن ئىچكى قىسىمدا تارقاتقان. مەن ھىجرەت قىلىشتىن بۇرۇن بۇ مەخپى ھججەتتىن بىر دانىسى  قۇلۇمغا چۈشۈپ قالدى، ھازىر ئۆيۈمدە بار، مۇۋاپىق پەيىتتە ئۇنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، نەشىردىن چىقىرىمەن ئىنشاللاھ.

جاڭ جېجۇڭنىڭ سۆزلىگەن لېكسىيەسىدىكى ئەڭ مۇھىم نوقتىلارنىڭ بىرسى شۇكى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر مىللىي مەسىلىدۇر. بۇنىڭ بىر مىللىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى بۈگۈنگىچە ئىتىراپ قىلمىدۇق، خىتاي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن. خىتايلارغا خاس ئىش قىلدۇق. دېپلوماتىك مەسىلە دەپ ئېيتتۇق. چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە قول تىقىشى بىلەن بولغان ئىش دىدۇق، لېكىن مىللىي مەسىلە دىمىدۇق. بۇ مىللىي مەسىلە بولمىسا يەرلىك خەلق نېمىشقا خىتايلارغا قارشى قوزغىلىدۇ دىگەن چاغدا، روسلارنىڭ، ئىنگىلىزلارنىڭ، تۈركلەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن چىققان مەسىلە دىدۇق. بولمىسا يەرلىك خەلق بىزنى ياخشى كۆرىدۇ، بىزدىن ئايرىلىشنى خالىمايدۇ دىدۇق. ھالبۇكى بۇ بىر مىللىي مەسىلىدۇر. بۇ زىمىننىڭ خەلقى خىتاي ئەمەس، بۇ زىمىن خىتاي زىمىنى ئەمەس، بەلكى بېسۋېلىنغان زىمىن شۇڭا بۇ بىر مىللىي مەسىلىدۇر دېيىلگەن.

بۇ يەردە شۇنى قوشۇپ قوياي، مەن خىتايدا مەجبۇرىي 10 يىل ياشىدىم، بۇ جەرياندا ھىچبىر خىتاينىڭ ئاغزىدىن بۇ بىر مىللىي مەسىلە دېگىنىنى ئاڭلىمىدىم. مەنمۇ ھەيران قالىمەن ئەجىبا بۇلار بۇنى بىلمەمدىغاندۇ دەپ. ئەمما ئۇلار  بىلىدىكەن. كېىينچە بىلدىمكى ئەسلىدە بۇ خىتايلارنىڭ، گومىنداڭچىلار ۋە خىتاي زىيالىلار تەرپىدىن سىڭدۈرۈلگەن سۈنئىي بىر ئىدىيە ئىكەن. ئىتىراپ قىلمايسەن، مۇشۇنداق دەيسەن دەپ تەلىم تەربىيە قىلىنغانىكەن. بىز بۇ بىر مىللىي مەسىلە دېسەك، ياق بۇ بىر دېپلوماتىك، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن بولغان ئىش دەپ تۇرىۋالاتتى. …….

 مەنبە : ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ << ئەسىر شەرقى تۈركىستان >> دىگەن كىتابنىڭ 500-501-بەتلىرى

يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز ھەققىدە نۇپۇزلۇق مۇتەخەسىسى لىندا بېنسون ( LINDA BENSON) 1940-يىللاردا ئۈچ ئەپەندى دەپ بۇ ئۈچ لىدىر ھەققىدە مۇنداق دىگەن:<< قىسقىسى، ئۇلار خىتاي ھۈكۈمىتى ئۈچۈن مەركىزى ھۈكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ماسلىشىپ، شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئالدىغا قورچاڭ لېدىرلار ئىدى. مانا بۇنىڭدىنمۇ گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە مائاش بىرىپ بېقىشتىكى مەخسىدىنى ناھايتى ئېنىق بىلگىلى بۇلىدۇ.

بۇ رەھمەتلىك لىدىر ئەيسا يۈسۈپ نىمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق مەنپەتى بولغان بۇ سىرلىق مەخپى ھۆججەتنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ دۇنياغا ئاشكارىلىمايدۇ؟ شۇنداقلا شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋەكىلى سۈپتىدە خەلىقئارادا ئېلىپ بارغان سىياسى ۋە دىپلۇماتىيە كۈرەشلىرىگە ئائىت قىممەتلىك ھۆججەتلەرنى نىمە ئۈچۈن  شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتى ئۈچۈن تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان تەشكىلاتلارغا ياكى ئىنقىلابچىلىرىمىزغىمۇ تاپشۇرۇپ بەرمەي قارا ساندۇقتا مەخپى ساقلاپ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشى بىزگە نۇرغۇن چەكىسىز سۇئاللارنى قويماقتا. ئەگەر ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ھەققىدە تەتقىقات قىلغان بىر چەتئەللىك بولسا چۇقۇم ئەيسا يۈسۈپنىڭ بۇ ئەسلىمسىنىڭ ناھايتى راستچىللىق بىلەن يېزىلغانلىقى نۇقتىسدىن ئەيسا يۈسۈپكە ئىجابى باھا بەرسە، ئەمما ئۇنىڭ خىتايغا ئاجايىپ سادىق، ئۆز مىللىتىنىڭ ئ‍ورتاق قىممەت قاراشلىرى، ئورتاق مەنپەتىگە كەلگەندە بىپەرۋا، ھاماقەت شۇنداقلا بىر خىيانەتچى دىگەن يەكۈننى چىقىرامدۇ- چىقارمامدۇ؟ بۇنى ھەربىر تەپەككۇرى ئويغاق، ئۆز مىللىتنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ئۈستىدە تىنىمسىزتەپەككۇرقىلىۋاتقان ۋىجدانى ئويغاق ھەربىر ئۇيغۇر ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋاپات بولغاندىىن كىيىن شەرقى تۈركىستان دەۋاسى ئۇنىڭ ئىزباسار ئوغلى ئەركىن ئالىپتېكىن، ئارسىلان ئالىپتېكىن، ئىلغار ئالىپتېكىندىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋارىسلىق قىلىپ دىياسپۇرادىكى شەرقى تۈركىستان دەۋاسىنى ئۈزىنىڭ تىزگىنىدە تۇتۇپ كەلدى. ئەركىن ئالىپتېكىن دۇنيادىكى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بۇلۇپ كىرەلمىگەن دۆلەتسىز مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 1991-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى  گوللاندىيەنىڭ دەنھاق شەھرىدە دۇنيا دۆلەتسىزلەر تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىقىشقا ئاساس سالدى. شۇنداقلا 2004-يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى قۇرۇپ چىقتى. ئەمما دادىسىدىن مىراس قالغان << شەرقى تۈركىستان >> نىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىگە ئائىت بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى تا ھازىرغىچە يا مىللەتكە قايتۇرمىدى ياكى دۇنياغا ئېلان قىلمىدى. مەن بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەت ھەققىدە دولقۇن ئەيسا بىلەن كۈرۈشكەندە دولقۇن ئەيسا بۇنداق بىر مەخپى ھۆججەتنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.  ھەتتا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بۇ ھۆججەتنى ماڭا بىرىپتىكىەنمۇ؟ دەپ تېلفۇندا ماڭا قۇپاللىق بىلەن جاۋاب بەرگەندە، ئەركىن ئالىپتېكىندىن سۈرۈشتىسنى قىلىپ باقسىڭىز بولمامدۇ؟ -دىسەم، سەن ئۈزەڭ كۈرۈشۈپ ئۈزىدىن سوراپ باق  دەپ ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بەرگەن ئىدى.. 2021-يىلى 6- ئايدا ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن بىرقانچا قېتىم تېلفۇندا كۈرۈشتىم، ئۇمۇ بۇنداق بىر مەخپى ھۆججەت بارلىقىنى ۋە دادىسىنىڭ بۇ ھۆججەت ھەققىدە ئۈزنىڭ ئەسلىمسىدە ھىچقانداق بىر ئۇچۇر قالدۇرمىغانلىقىنى دەپ دادىسىنىڭ بۇ خىيانىتىنى ئاقلىماقچى بولدى. مەن تېلفۇندا ئەركىن ئالىپتېكىنگە ئۈيىڭىزدە دادىڭىز يازغان << ئەسىر شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن>> دىگەن كىتان بارمۇ؟-دەپ سورىسام بار دىدى. ئەمسە شۇ كىتابنىڭ 500-بېتىنى ئېچىڭە قايسى قۇردا بارلىقىنى سىزگە دەپ بېرەي دىسەم ئۇكام ئۆيگە مېھمان كىلىپ قالدى دەپ<< قۇتانغا بۆرە كىرسە ئىتنىڭ تەرىتى قىستاپتۇ >> دىگەندەك  تېلفۇننى قۇيۋەتتى. كىيىن يەنە بىر قېتىم تېلفۇن قىلىپ ، مەن دولقۇن ئەيساغا شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ دۇنياغا ئېلان قىلىش ئارقىلىق بىر قانۇني يول تۇتۇشنىڭ زۇرۈرلىكى ھەققىدە مەسلىھەت بەردىم دىگەن ئىدى. سىز نىمىشقا دۇنيا دۆلەتسىزلەر تەشكىلاتنى قۇرغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى قۇرغاندا ھازىر دولقۇن ئەيساغا مەسلىھەت بەرگەن ئىشلارنى ئۈزىڭىز قىلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئېلان قىلمايسىز؟ نىمە ئۈچۈن بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەتلەرنى شۇنداقلا دادىڭىز ساقلىغان قىممەتلىك ھۆججەتلەر مىللەتنىڭ ھەققى تۇرسا مىللەتكە تاپشۇرمايسىز؟ ياكى ئۈزىڭىز قۇرغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا تاپشۇرۇپ بەرمەيسىز؟-دىسەم، مەن بۇ قېتىم تۈركىيەگە بارغاندا شۇ قارا ساندۇقنى ئېچىپ بارلىق ھۆججەتلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا تاپشۇرۇپ بىرىمەن دىگەن ئىدى. ئەپسۇس تا ھازىرغىچە شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلكىگە ئائىت مۇتلەق مەخپى ھۆججەت بولسۇن ياكى باشقا قىممەتلىك ھۆججەتلەر بولسۇن تا ھازىرغىچە يا دۇنياغا ئاشكارىلمىدى ياكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا تاپشۇرۇپ بېرىلمىدى.

ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا دولقۇن ئەيسا كاناداغا بارغاندا ئۇنىڭ قوللىغۇچىللىرى يىغىلىپ كانادادىكى جامائەت بىلەن بىر سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بۇ سۆھبەت جەريانىدا بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز دولقۇن ئەيسادىن ئابدۇرېھىم غېنى سۈرۈشتىسنى قىلغان << شەرقى تۈركىستان >> نىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مۇتلەق مەخپى ھۆججەت ھەققىدە سوئال سوراپتىكەن. دولقۇن ئەيسا مەن ئابدۇرېھىم غېنىغا قايتا-قايتا دىدىم بۇنداق ھۆججەت يوق دەپ، ئامما ئابدۇرېھىم غېنى بۇ ھۆججەت ھەققىدە بەك كىرشىۋالدى. ھەتتا مەن ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن بىللە كۈرشەيلى گېرمانىيەگە كەل دىسەم گىرمانىيەگە كىلەلمەي توردىلا بىر نەرسە يېزىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا بۇ ھۆججەت ھەققىدە سۇئال قۇيۇپ يۈرىدۇ. ئۈزىنىڭ گىپىنى يورغىلتىپلا يۈرسە ياكى گېرمانىيەەە كىلەلمىسە مەن قانداق قىلىمەن؟ << سەن تاز دىۋالغىچە مەن تاز دىۋالاي>> دىگەندەك ئۈزىنىڭ ماڭا نىمە دىگەنلىكىنى يۇشۇرۇپ مېنى قارلاپتۇ. 

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى سىز بىلەن تېلفۇندا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۈرۈشكەندە سىزماڭا سەن يوق ھۆججەتنى بار دەپ ئۇششۇقلۇق قىلۋاتسەن؟ سەن گەپ چۈشنەمسەن؟ دەپ ماڭا قاتتىق قۇپاللىق بىلەن گەپلەرنى قىلغانلىقىڭىز ئىسىڭىزدە يوقمۇ؟ ياكى خۇپسەنلىك قىلۋاتامسىز؟ مەن سىزگە تىۋېتىردىن ئەيسا يۈسۈپنىڭ كىتاۋىدىكى بۇ مەخپى ھۆججەتكە ئائىت مەزمۇننى رەسىمگە تەرتىپ ئىبەرتىپ بەرسەم تىۋېتىردا چەكلىۋەتىڭىز. سىگنالدا خەت يازسسام مېنى بۇنىڭدىن كىيىن ئىزدىمەن، سەن بىلەن بولغان مۇناسىۋتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن دەپ ئۇنىڭدىمۇ چەكلىۋەتىڭىز مانا بۇ ئىسپاتلار. بۇنىڭغا نىمە دەيسىز؟ سىزئىجتىمائىي ئالاقە قۇراللىرىدا چەكلەپ ھەقىقەتنى يوق قىلىمەن دىگەن بىلەن تارىخنىڭ ۋىجدانى سورىقىغا دۇچار بۇلسىز. ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك دەپ مانا بۇ ئىسپاتلارغا مىللىتىمىزنىڭ ۋىجدانى ئويغاق خەلقىمىز بىر نىمە دىسۇن!

دولقۇن ئەيساغا ئەڭ ئاخىرقى سۇئال: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ بىردىن-بىر ھوقۇقلۇق ئورگىنى دەپ ئېلان قىلغان بولغاندىكىن، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ زىمىننىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي دۆلىتى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتى بولغان بۇ << مۇتلەق مەخپى ھۆججەت >> نى شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن ئىزدېرىكىنى قىلىىش، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەركىن ئالىپتېكىندىن قارا ساندۇقتىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى، شۇنداقلا بۇ مەخپى ھۆججەتنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا تاپشۇرۇش ھەققىدە ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ھەم ئۇنىڭغا بېسىم قىلىش ھەتتا سوتقا ئەرىز قىلىش مەسئۇلىيتىڭلار ۋە مەجبۇرىيتىڭلار بار. ئەپسۇس بۇنى سىلەردىن كۈتكەن ئىدۇق قىلالمىدىڭلار. ئەكىسچە ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن جەمەتىنىڭ خىيانىتىگە كۆز يۇمدىڭلار. بۇ نىمە ئۈچۈن؟ سىز مېنى گېرمانىيەگە كەل ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن بىللە كۈرشۈپ بۇ ئىشلارنى ھەل قىلايلى دىسەم كىلەلمىدى دەپ ماڭا تۆھمەت قىلىپسىز. مەن ھەرزامان گېرمانىيەگە بېرىشقا تەييار. سىزنىڭ قاچان ۋاقتىڭىز بار؟ بىز بىرلىكتە ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن كۈرشۈپ شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق مەنپەتىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ئىزدېرىكى قىلىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئەملى قەدەم باسايلى.

يېزىلغان ۋاقتى: 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى