ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
قۇرسىقىڭ ئاغرىمسا تاۋۇز يىيىشتىن قورۇقما – ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىلى
بۈگۈن 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئامىرىكىدىكى ئاكتىۋېسىت سەۋرى ھۈسەيىن خانىمنىڭ << خىتاينىڭ يۈزىنى يۇيدىغان سۇپۇن >> ناملىق تەنقىدى يازمىسدا دىياسپۇرادىكى بىرقىسىم ئۇيغۇرئاكتىۋېستلارنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلغان خىتايلارغا ئاپىرىن ئوقۇغانلىقىنى، خىتايلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مەينەت يۈزىنى، قارداپ كەتكەن گىلوبال ئىماگىنى يۇيۇش ئۈچۈن ناھايتى مەقسەتلىك پايدىلنىۋاتقانلىقىنى ناھايتى سەزگۈرلۈك بىلەن ئېچىپ بەرگەن ماقالىسى مىنىڭ دىققىتىمنى تارتتى. بۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر ئاي ئىلگىرى يەنى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەن 44 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزغا شام يېقىپ ھىسداشلىق قىلىش كىچىسىدە بىر قىسىم خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھاقارەت قىلىپ قەستەن چىقارغان پاراكەندىچىلكى ھەققىدە << بالا كەلسە قېرىنداشتىن كىلەر>> دىگەندەك ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ مېنى تەنقىد قىلىپ يازغان << نامايىشچى خىتايلار بىلەن جىدەل ئوينامدۇق؟ >> ناملىق يازمىسىدىكى نامايىشنى ئۇيغۇر كۈتۈرە ئالمىغان، خىتايمۇ نامايىش قىلسۇن. خىتاينىڭ شۇئارىغا، نىشانىغا قارشى بولسا ئۇلارنىڭ ئارسىغا سىغدىلىپ نىمە بار؟ خەلىق ئورۇنلاشتۇرغان سورۇنغا تەكلىپسىز بېرىپ، ئۈزى بىلگەننى ۋاقىراش زادى نىمە ئۈچۈن زۇرۇر؟ خىتاي خەلىق نامايىش قىلۋاتقان سورۇنغا بېرىپ ئۇلارنىڭ شۇئارىغا ئارلىشىپ ئۇلار بىلەن جىدەل قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ دىگەندەك ئۆتكۈر زەھەرخەندىلىك سۆزلىرى بىلەن خىتايلارنى ئاقلاپ مېنى تەنقىد قىلىپ يازغان يازمىسى كۆز ئالدىمدا قايتىدىن پەيدا بولۇپ بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى. ھازىرغىچە ئابدۇۋەلى ئايۇپنى تەنقىد قىلىپ بىرەر يازمىمۇ يېزىپ باقمىغان ئىدىم ئەمما فەيىسبوكتا ئۇنىڭ بەزى يازمىللىرىغا قارىتا ئۈزەم ئويلىغان نوقتىددىن چىقىش قىلىپ بىر قانچە قېتىم سۇئال قۇيۇپ ئىنكاس يازسسام مېنى ئىنكاس يازالماس قىلىپ قويغان ئىدى.





ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ يازمىسى بىلەن تەڭلا <<يامغۇردىن كىيىن چىققان بامبۇك نوتىسدەك >> تەرەپ- تەرەپتىن ماڭا قارشى كۈچلۈك تەنقىد، ھاقارەتلەش كۈچىيىپ كەتتى. ئادەتتە ماڭا قارىتا ئىلمى يېزىلغان تەنقىدلەرنى ناھايتى سۈيۈنىش ئىچىدە ئوقۇيمەن، چۈنكى ئىلمىي تەنقىد مەن ھىس قىلالمىغان، كەم قالغان تەرەپلىرىمنى ئىلمىي نوقتىدىن كۆرسىتىپ بىرىشتىكى بىر ئەينەك، شۇنداقلا روھىمنى تاۋلاشتىكى بىر مەنىۋە ئىنىرگىيە ئىدى. ئەمما خىتايلارنىڭ قەستەن ئۇيغۇرلارغا ھاقارەت قىلىپ چىقارغان بۇ ئورۇنسىز جىدەللىرىگە << خەقنىڭ ئۆتسە ياندىن ئۈتەر، قېرىنداشنىڭ جاندىن >> دىگەندەك ئۈزەمنىڭ مىللىتىنىڭ بۇ ئورۇنسىز ھاقارەت، تىللاشلارغا قەتئى چىداپ بۇلالمىدىم. چۈنكى خىتايلارنىڭ ئۆكتەملىك بىلەن ماڭا ئەمەس، مىللىتىمگە ناھايتى ئېغىر ھاقارەت قىلىپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلماقچى بولغاندا كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ ھەي خىتاي نىمشقا ئۇيغۇرغا ھاقارەت قىلىسەن؟ سەن ئۇيغۇرغا ھەقىقىي ھسداشلىق قىلماقچى بولساڭ نەچچە مىليۇن ئۇيغۇر جازا لاگىرىدا ختاي دۆلىتىنىڭ ئىنسان قېلپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۋاتقاندا، 10 نەچچە دۆلەت ختاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دىگەندە خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئورۇنلاشتۇرمايسەن؟ سەن ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلقىنى ئېتىراپ قىل دەپ ئۈزەمنىڭ ئورۇنلۇق پىكىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ مىللىتىمنىڭ غۇرۇرۇنى قوغدىغاندا بەزى ئۇيغۇرلار مەندىن پەخىرلەنسە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار مەندىن نەپرەتلىنىپ خىتاي بىلەن مەيداننى بىر قىلىپ ماڭا ھاقارەت قىلغان ئىدى. بۇنى ھەربىر ۋىجدانى ئويغاق ئۇيغۇر ئۈزىنى مىنىڭ ئورنىمدا قۇيۇپ تەپەككۇر قىلىپ باقسۇن.
مەن بۇ قېتىملىق خىتاينىڭ شام يېقىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىش پائالىيتىگە ئابدۇۋەلى ئايۇپ دىگەندەك تەكلىپسىز ئەمەس بەلكى خاڭكۇڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىغۇچى فېيلۇڭ لاۋ، ختاي ئۆكتىچى پائالىيەتچىسى جاۋچىڭ ۋېننىڭ تەكلىپى بىلەن << ئۇيغۇرلارنى قوللاش >> تەشكىلاتىنىڭ نامىدىن بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن قاتناشتىم. قاتناشقىنىممۇ بەك ياخشى بۇلاپتۇ. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ختايلارنىڭ ھىيلە-مىكىرىنى بىچىت قىلىپ مىللىتىمنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىسام، يەنە بىر تەرەپتىن خىتايغا ھىسداشلىق قىلىپ ئۆز مىللىتنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىغان ئۇيغۇرغا ھاقارەت قىلىپ خىتايغا يان باسدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپتى-بەشىرسىنىمۇ بىلۋالدىم ھەم مىللىتىمگىمۇ ھىس قىلدۇردىم.
مەن ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ يازمىسىغا قارىتا فەيىسبوكنىڭ ئۈزدىلا تۈۋەندكى ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈپ ئابدۇۋەلى ئايۇپقا بۇنىڭغا نىمە دەيسىلەر؟ دىگەندەك كۈچلۈك سۇئالنى قۇيۇپ جاۋابىنى كۈتتىم، ھەتتا پىدايىلار ئېكرانى خىتايلار قەستەن چىقارغان جىدەلگە قارىتا نەق مەيدان سۆھبىتى ئورۇنلاشتۇرغاندىمۇ مەن ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭمۇ بۇ سۆھبەتكە بىللە چىقىشىنى تەلەپ قىلدىم، ئەپسۇس ئابدۇۋەلى ئايۇپ يا نەق مەيدان سۆھبىتىگە چىقمىدى ياكى مەن قويغان سۇئالغا قارىتا ھىچقانداق بىر ئىنكاس بىلدۈرمىدى.
ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى نامايىشتا بايراق تۇتۇپ تىنىچ تۇرغاندا ھىچبىر خىتاي قارشىلىق قىلماي توختىماي رەسىمگە ۋە ۋېدىيوغا تارتقان ئىدى. بىردەمدىلا بىر گۇرۇپپا خىتايلار كىلىپ ئۇيغۇر تىرورچى دەپ سۆزلەپ بىزگە ھاقارەت قىلدى. جىدەل شۇنىڭ بىلەن باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىزنى قوللايدىغان خىتايلار ئۇ بىزگە قارشى خىتايلار بىلەنمۇ ۋاقىرشىپ كەتتى. نامايىش مەيدانىمۇ ئىككىگە ئايرىلدى. بىزنى قوللايدىغانلار بىز بىلەن بىللە تۇردى، بىزگە قارشىلار ئايرىم بىر نامايىش سورۇنى قىلدى. ئۇلارنىڭ يېنىغا ھەتتا بىزنى قوللاپ تۇرغان خىتايلارمۇ بارمىدى. خىتايلار بىزنى تىرۇرچى دىسە يەنە جىم تۇرساق بىزدىكى غۇرۇر يۇقالدى دىگەن گەپ. ھەتتا خىتاي دەسلەپتە ماڭا قول شىلىتىپ ئالدىمغا ئېتىلىپ كەلگەندە مەنمۇ ئالدىغا ئېتىلىپ مېنى ئىتىرمە يۇقال تىروسىت خىتاي دەپ ئىككىنى ۋاقىرسام سەل كەينىگە يېنىپ بۇشاپ قالدى. نەق مەيدانغا ئىككى ساقچى ماشىنىسى كىلىپ ئەڭ ئاۋال بىزدىن ئەھۋال سورىدى ۋە خاتىرجەم نامايىشىڭلىنى قىلىۋەرىڭلار، ھىچكىم توسالغۇ بۇلالمايدۇ دىدى. ئاندىن باشقا خىتايلار ئۇ خىتاينى تىللاپ كەتتى. بىزنى تەنقىد قىلىۋاتقانلار خىتايلار مىللىتىڭلارنىڭ غۇرۇرنى دەپسەندە قىلىىا سۈكۈتتە تۇرامسىلەن؟ ۋىجدانىڭلار بىلەن ئويلاپ بېقىڭلار؟ جىدەلنىڭ باشلانغان ۋاقتىدا ۋېدىيو ئالماپتۇق، جىدەل سەل ئەۋجىگە چىققاندا بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا ئىسپات بولسۇن دەپ نەق مەيدان قىلدىم. شۇڭا ئىشنىڭ بېشىنى بىلمەي بىزنى تەنقىد قىلىپ بىزگەھاقارەت قىلماڭلار. نەق مەيداندىكى خىتايلار ئۈزى بىر مىللەت بولغان خىتايلارنىڭ يولسىزلىقىغا قارىتا بىز بىلەن بىر سەپتە تۇردى. ھەتتا ماڭا تىۋېتىردىن ئۇچۇر يېزىپ ئەپۇ سوردى. بۇ خەتنى ئەتە ئېلان قىلىمەن. ئەمما بەزى ئۇيغۇرلار بىزنى قارلاپ، بىزگە ھاقارەت قىلىپ ئۈزىنىڭ ختايلار بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن ئىپادىلدىڭلار. ھەي خىتاي بىلەن بىرسەپتە تۇرۇپ بىزنى ھاقارەتلىگەن، تەنقىد قىلغان ئۇيغۇرلار قېنى سىلەردىكى ۋىجدان؟ سىلەرنىڭ قېنىڭلار ئۇيغۇر قېنىمۇ ياكى خىتاي بىلەن چاڭلىشىپ كەتكەن قانمۇ؟
جىدەلنى كىم چىقارغانلىقىنى نەق مەيداندا بولغان بولساڭلار ئاندىن چۈشنەتىڭلار. ھەتتا قەستەن جىدەل چىقارغان خىتايلارنىڭ يولسىزلىقىنى كۆرگەن خىتايلارمۇ ئىككى گۇرۇپپا بۇلۇپ ئۆز-ئارا جىدەللەشتى. بىر گۇرۇپپا خىتايلارنى بىزنى قوللاپ يەنە بىر گۇرۇپپا خىتايلار بىلەن جىدەللەشتى. توردا ئولتۇرۋېلىپ تەنقىد قىلىش ۋە ئەقىل ئۈگىتىش بەك ئاسان. ئەملىي مەيداندىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش ئاسان ئەمەس. ئىككى ماشىنا ساقچى كەلگەندىكىن بىر قىسىم جىدەل چىقارغان خىتايلار دام مەيدانىدىن قېچىپ كەتتى. ساقچىلارمۇ بىزنى قوللىدى. ئەمما ئۆز مىللىتىمىز بولغان ئۇيغۇردىن تەنقىد ئاڭلىدۇق. جىدەلخۇر، ئىش قىلىشنى بىلمەيدىغان دىگەندەك. بەك ئەقىللىق بولساڭلار توردا ئولتۇرۇپ ئەقىل كۆرسەتمەي ئەملىي مەيدانغا چىقىساڭلار ئاندىن ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى بىلسىلەن. مىللەت ئۈچۈن ئۈزىمىزنىڭ مەسۇلىيتىنى ئادا قىلىپ كىلۋاتقان ئىشلىرىمىزدىن بىرەرسى سىلەرگە يارغان بولسا ھىچقانداق كۈچ كەتمەيدىغان مەنىۋى قوللىشىڭلار بۇلاتتى ئەپسۇس بۇمۇ يوق.، ھەتتا دوستلىقىڭلاردىنمۇ چىقىرىپ ئىنكاس يازالماس قىلىپ قۇياغلىق. ئەمما ئۈزەڭلار شاھىت بولمىغان ئىشلاردا ئۈزەڭلارنىڭ ھىسسى چۈشەنچىسى بىلەن بىزنى تەنقىد قىلىشىڭلارنى قانداق چۈشەنسەك بۇلار؟ مەن دام مەيدانىدا نامايىش قىلشنىڭ قائىدە-تەرتىپىنى ناھايتى ياخشى بىلىمەن، بۇ ھەقتە ساقچىلار ماڭا ئالاھىدە ئەسكەرتىشمۇ بەرگەن.. ھازىرغىچە خىتايلارنىڭ كۈچۈكلىرى نۇرغۇن قېتىم قەستەن جىدەل چىقىرشنى پىلانلاپ كەلدى. دام مەيدانىدا نامايىش قىلىش ھۇقۇقۇمنى ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن ھىيلە -مىكىرنى ئىشلىتىپ باقتى ئەمما تۇزاقلىرىغا چۈشمەي كەلدىم. ساقچىلارمۇ بۇ ئىشلارنى ناھايتى ياخشى بىلگەچكە ھەرقېتىم نامايىشقا چىققاندا مەخسۇس ساقچىلار كىلىپ ئەتراپنى كۈزتىپ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنكى نامايىشتا ئاۋال خىتايلار ئالدىمغا ئېتىلىپ كەلدى. دەسلەپتىكى بەزى ئىشلارنى ۋېدىيوغا ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قالدۇق. بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسا ئىسپات بولسۇن دەپ ئاندىن نەق مەيدان قىلدىم.قالغىننى ۋېجدانڭلارغا سۇئال قۇيۇپ بېقىڭلار؟
بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە نەق مەيداندا خىتايلارنىڭ قەستەنلىك بىلەن چىقارغان جىدەلنى كۆرگەن ئىككى خىتاي مەندىن كەچۈرۈم سوراپ يازغان ئىنگىلىسچە خېتىنىڭ تەرجمسى:
بىرىنجى خەتنىڭ تەرجىمسى: غېنى، مەن بۈگۈن كېچە دام مەيدانىدىكى ماتەم تۇتۇشقا قاتناشقان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. بۈگۈن كېچە بولغان توقۇنۇشتىن بەكلا ئۆكۈندۈم. بۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىز ئەمەستى. بىزنىڭ كۆپىنچىمىز خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە ئوت ئاپىتىدە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنى ئەسلەش ئۈچۈن كەلگەنىدۇق. سىلەرگە ھۇجۇم قىلغان ئوقۇغۇچى بىزنىڭ توپىمىزدىن ئەمەس، ئۇ ئەسلى بىزنى توسۇش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. بۈگۈن كەلگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار قانداق نامايىش قىلىشنى بىلمەيتتى (ئەمىلىيەتتە بۇمۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق نامايىش. چۈنكى خىتايدا بىزگە نامايىش قىلىش پۇرسىتى يوقتى). شۇڭا جىدەل چىققاندا بىز تەمتىرەپ كېتىپ، مەيداننىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈۋالدۇق. ئەمما مەن چىن دىلىمدىن سىزنى قوللايمەن. يىغىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر مەيلى قايسى مىللەتتىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرلىشىپ CCP قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن بالدۇرراق جەم بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.



ئىككىنجى خەتنىڭ تەرجىمسى : مەن بۈگۈنكى دام مەيدانىدىكى ماتەم تۇتۇشقا قاتناشقان بىرىمەن. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدىغان بىر خىتاي بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈگۈن كېچە بولغان ئىش ئۈچۈن كۆپ ئەپۇ سورايمەن. ئالدىراقسانلىق بىلەنلا چالا-بۇلا تەشكىللەنگەن بۇ ھەركىتىمىزنىڭ سىلەر بىلەن ئەتراپلىق كوردىنات ئېلىپ بارالمىغىنى ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى بەزىلەرنىڭ خىتاي شوۋىنىمىزلىق ھىسسىياتىنىڭ ئارقىغا كىرىپ سىزنىڭ چىشىڭىزغا تەككىنى ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. بىزنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىگە قارشى تۇرۇغلۇق قايمۇقۇشلارنى تۈگىتەلمەستىن ئەكسىچە مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتكىنىدىن قاتتىق ئۆكۈندۈم. شۇنداقلا نۇرغۇن بۇرادەرلىرىمىز ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، سىياسەتتىن ، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئازاپلىرىدىن خەۋەرسىزدۇر. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بۇرمىلانغان ئۇچۇرلىرى ۋە تەشۋىقاتلىرى تەسىرىدە، ئۇلار نىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇپ، ئۇلارنى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئىززەت-غورۇرىدىنمۇ مەھرۇم قىلغىنىدىن خەۋەرسىزدۇر. شۇنداقلا ئۇلار يەنە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنىڭ سىمۋوللىرىنى غەلىتە ھىس قىلىدۇ، قورقىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنى رادىكال شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ. سىزنىڭ غەزىپىڭىزنى قوزغىغان بۇرادەرلىرىمىزنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. بىز ئۇلارغا سىزنىڭ خەلقىڭىز دۇچار بولغان ئەھۋاللارنى بىلدۈردۇق، شۇنداقلا خىتاي بولۇش سۈپىتىدە قانداق ئىمتىيازلارغا ئىگە بولغىنىمىز ۋە بۇ گۇناھلارغا شېرىك بولغىنىمىنى چۈشەندۈردۇق. ھازىر ئۇلارمۇ بۇ ئىشلار ئۈچۈن، شۇنداقلا بۈگۈنكى جىدەل ئۈچۈن ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھىس قىلدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ پۇشمان قىلغىنىنى سىزگە يەتكۈزۈشىمنى ئۆتۈندى. يىغىپ كەلگەندە، كېلەر قېتىم بىز پائالىيەتلىرىمىزنى ئوخشىمىغان ئاۋازلارنى سىغدۇرالايدىغان قىلىشقا تىرىشىمىز، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ئۆزگىچە ئىدىيە ۋە تەجرىبىلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشقا تەييار بولغانلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا ۋە ھىسداشلىق قىلىشقا تىرىشىمىز. مەن ئىلگىرى دام مەيدانىدا سىزنىڭ نامايىشىڭىزنى بىر قېتىم كۆرگەن، كېيىن پۇرسەت بولسا سىزگە بولغان شەخسىي قوللىشىمنىمۇ نامايەن قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئەگەر كېلەر قېتىملىق خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىگە قارشى نامايىشمىزغا قاتنىشالىسىڭىز بەك مىننەتدار بولاتتۇق. سىزنىڭ ھېكايىڭىزنى ۋە كۈرەشلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا تەشنامىز.





ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈزتۈپ كىلىۋاتقان گوللاندىيەلىك قوللىغۇچۇم بۇ قېتىملىق ئامىستېردامدىكى خىتايلارنىڭ قەستەن چىقارغان ماجىرالىرى ھەققىدە ئۈزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەپ << سەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە بېرىپ بەزىبىر خىتايلارنىڭ ھەقىقىي ئەپتى بەشىرسىنى ئېچىپ بەردىڭ. بۇنىڭدىن ناھايتى ئوڭايسىزلانغان بەزى خىتايلار ئۈزىنىڭ رەسۋاچىلقىنى يېپىش ئۈچۈن تىۋېتىردا سەندىن ئەپۇ سوراش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتماقچى بولدى. ئەمما ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىگە يىتەلمەيدۇ. مىنىڭ ئەڭ ھەيران قالغىنىم، بەزىبىر ئۇيغۇرلار سەن تەرەپتە تۇرۇپ ساڭا مەدەت بەرمەي بەلكى خىتايغا ھىسداشلىق قىلىپ سىنى تەنقىد قىلىشىنى قەتئىي قۇبۇل قىلالمىدىم. ھىچ بولمىسا سۈكۈتتە تۇرشى كېرەك ئىدى. ئۇلارنىىڭ خىتايغا ھىسداشلىق قىلىپ سېنى تەنقىد قىلىشتىكى مەقسىدى نىمە؟ >> دەپ كۈچلۈك سۇئالدىن بىرنى قويۇپتى، شۇنداق خىجىل بۇلۇپ كەتتىم. ھەم نىمە دەپ جاۋاب بىرىپ نىمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمەي قالدىم. قېنى بۇ سۇئالغا ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئۈزى بىر جاۋاب بىرىپ باقسۇن!.
قۇشۇمچە: ئالدىنقى ئايدا گوللاندىيە تۈنجى قېتىم ئۆز دۆلىتىدە خىتاي ساقچى پۇنكىتلىرىنىڭ بارلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردە ختاي ساقچى پۇنكىتلىرى بارلىقى كەينى -كەينىدىن ئېلان قىلىش بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى. شۇنداقلا دىياسپۇرادىكى ختايغا قارشى سىياسەتچى ۋە ئاكتىۋېستلارنى ئەندىشگە سالدى. گوللاندىيە ساقچى ئىدارىسمۇ ئامىستېردامدىكى خىتايلارنىڭ قەستەن چىقارغان ماجىراسىغىمۇ يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ مەن بىلەن تېلفۇندا سۆھبەت ئېلىپ باردى. 12-ئاينىڭ 27-كۈنى مېنى ساقچى ئىدارىسگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ باردىغان بولدى. بۇ ئىشلارنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا تەپسىلى مەلۇم قىلدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ دىمكۇراتىك دۆلەتتىمۇ ختايلارنىڭ ھاقارەت، تەھدىتىگە قارىتا بىرەر خەۋەر ئىشلەش ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشنى تەلەپ قىلدىم، ئەپسۇس ئۇلار خەۋەرمۇ ئىشلىمىدى.
ئىتالىيەدىكى زىمىستان تورى بۇ ھەقتە يازغان ماقالەمنىڭ ئىنگىلىزچىسنى مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئېلان
پايدىلانغان مەنبەلەر
سەرۋە ھۈسەيىن خانىمنىڭ << خىتاينىڭ يۈزىنى يۇيدىغان سۇپۇن >> ناملىق ماقالىسنىڭ ئۇلنىشى
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ << نامايىشچى خىتايلار بىلەن جىدەل ئوينامدۇق؟ >> ناملىق ماقاىلىسنىڭ ئۇلنىشى
يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى