ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
بۈگۈن 10- دىكابىر ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇلىيەلىكلەر، خوڭكۇڭلۇقلار، دېموكراتىك خىتاي پائالىيەتچىلىرى دۇنيا كىشلىك ھۇقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامىستېردام دام مەيدانىغا يىغىلىپ خىتاي كوممۇنىستىك ھۈكۈمىتىگە بولغان نارازىلقىمىزنى ئىپادىلەپ پائالىيەت ئېلىپ باردۇق.
پائالىيەت چۈشتىن كىين سائەت 15:00 دە گوللاندىيە تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تېرسىڭ جامپا خانىمنىڭ ئېچىلىش سۈزى بىلەن باشلاندى.

ئۇسۆزدە مۇنداق دېدى: <<بىز باش مىنىستىر رۇتقا مۇراجىئەتنامە سۇنۇپ، گوللاندىيە زېمىنىدا قانۇنسىز مەۋجۇت بولغان خىتاي ساقچىخانىلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىمىزنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭغا ئۈنۈملۈك تەدبىر – ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۇق. چۈنكى، مەيلى تىبەت، مەيلى ئۇيغۇر، مەيلى موڭغۇل ياكى خىتاي سىياسىي ئۆكتىچىلىرى بولسۇن، ھەممەيلەن گەرچە گوللاندىيە پۇقراسى بولساقمۇ، ئەمما خىتاي تەرىپىدىن سىستېمىلىق نازارەت قىلىندۇق ھەمدە چۆچۈپ، قورقۇپ كەتتۇق. بىز باش مىنىستىر رۇتىغا بۇ نۇقتىغا، يەنى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇراجىئەت قىلىمىز.خىتاينىڭ قانۇنسىز ساقچىخانىلىرىنى دەرھال تاقاش ھەمدە بۇ خىل قانۇنسىز ھەرىكەتنىڭ باشقا ئۇسۇلدا داۋاملاشماسلىقىنى نازارەت قىلىش كېرەك.>>
ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم غېنى سۆزگە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ سۆزلەپ مۇنداق دىدى: << بىز ئامىستېردام دام مەيدانىغا يىغىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنلەرنىڭ بىرى بولغان << دۇنيا كىشلىك ھۇقۇق >> كۈننى ياد ئېتىپ – خاتىرىلەپ تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭدىن 74 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى 1948- يىلى 10 – دېكابىر كۈنىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆپلىگەن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خاسىيەتلىك بىر ھۆججەتنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇ بولسىمۇ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئىدى.

ئۇنىڭدا، ئىنسان ئەركىن – ھۆر سالاھىيەتتە توغۇلغان، ئىنسانلار قەدىر – قىممەت ۋە ھوقۇق – ئىمتىيازدا باپباراۋەر، دېيىلگەن بولۇپ، بۇ يىلقى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرە كۈنىنىڭ شوئار – چاقىرىقى بولسا، ھەممەيلەن ئىززەت – ھۆرمەت، ھۆرلۈك – ئەركىنلىك ۋە ھەق – ئادالەتتىن بەھرىمەن بولسۇن، دېگەندىن ئىبارەت.
زامانىمىزدا، يەنى بۈگۈنكى دۇنيادا ھەربىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتامدۇ؟ جاۋابى، ئەلۋەتتە، ياق !!! چۈنكى، نۆۋەتتە مىڭلىغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەريىلى 15 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق خىراجەتنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ.
بىز بۇ يەردە، ئەينى ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىغا قول قويغان دۆلەتلەردىن شۇنى سورىغىمىز كېلىدۇ: سىلەر 74 يىل ئىلگىرى شۇ خاسىيەتلىك خىتابنامىغا قول قويغانىدىڭلار. ئەجەبا، بۈگۈن نېمىشقا شۇ خەلقئارالىق كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇشىغا قاراپ تۇرىسىلەر؟ نېمىشقا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا كۆز يۇمۇسىلەر؟! ئەجەبا، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ماقۇللانغانمۇ؟؟!
دۇنيا ئەھلىگە مەلۇمكى، نۆۋەتتە، يەنى دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا، شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسانلار جازا لاگېرلىرى – زىندانلاردا يېتىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچكى تەن ئەزالىرى رەھىمسىزلەرچە ئوغرىلىنىپ، ئاشكارا سېتىلىۋاتىدۇ، قىز – ئاياللار باسقۇنچىلىققا ۋە خىتايلار بىلەن مەجبۇرى توي قىلىشقا زورلىنىۋاتىدۇ، بالىلار مەقسەتلىك ئاتا-ئانىلاردىن ئايرىلىپ ، ئائىلىلەر خانىۋەيران بولۇۋاتىدۇ
ئېنىقكى، كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ھەربىر ماددىسىغا پىلانلىق، تەشكىللىك، مەقسەتلىك ھالدا لۈكچەكلەرچە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىز – بىچارىلىقىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى ياخشى بىلىدۇ.
ئۆزۈمنى ئالسام، مەن نىمە ئۈچۈن ھەپتە ئاخىرلىرى بۇ يەرگە كىلىپ نامايىش قىلىمەن؟ مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلار جازا لااگىرىدا، مېنىڭ 19 نەپەر ئائىلە ئەزالىرىم بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلگىلى بەش يىلدىن ئاشتى. ئۇلارنىڭ ھايات- ماماتلىقىنى بىلمەيمەن. مىنىڭ غايىب بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى دەپ ئېيتالايمەن. ئەلۋەتتە، كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ۋەتىنىمدىكى ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەر ۋە باشقا مىللەتداشلىرىمغا ياۋۇز – قارا قولىنى سۇنۇپلا قالماي، يەنە دۇنيادىكى دىمكۇراتىك، بىخەتەر بولغان گوللاندىيەدەك بىر دۆلەتتىمۇ مەندەك بىر سىياسىي پائالىيەتچىگىمۇ نىيىتىنى بۇزۇپ، مېنىڭ ئاۋازىمنى بوغماقچى، ئۈنۈمنى ئۆچۈرمەكچى بولدى، ھەتتا نەچچە – نەچچە قېتىم تەھدىت سالدى. ئەمما، ئادالەتنىڭ جاھالەتنى، يورۇقلۇقنىڭ زالالەتنى، ھەققانىيەتنىڭ رەزىلىكنى يىڭىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىم بولغاچقا خىتاي ھۈكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق مەيدانىمدىن ۋە نىيىتىمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىدىم.
كۆرۈۋاتىمەن، كۆرۈۋاتىمىز؛ شاھىت بولۇۋاتىمەن، شاھىت بولۇۋاتىمىز: كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ھازىر نامدا بار ئەمەلدە يوق، ئىسمى بار جىسمى يوق، قەغەزدە بار يۈرەكتە يوق بىر تاشلاندۇق ئاسارئەتىقىگە ئايلىنىپ قالدى. زالىم، تاجاۋۇزچى ۋە ئىككى قولى قان بىلەن بۇيالغان جاللات خىتاينىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار، رەھبەرلەر، خەلقلەر ۋە ھەممەيلەن گەپكە كەلگەندە كېكەچ، ھەرىكەتكە كەلگەندە پالەچ بولۇپ قالدى.

ئەمما، مەن زالىمنىڭ ئالدىدا كېكەچ، جاللاتنىڭ ئالدىدا قۇرۇق سۆلەت بولۇشنى خالىمايمەن. مەن ئۆزۈمدە بار قۇۋۋەت، ھۆرلۈككە ھامىلىدار شىجائەت، غەلىبىگە مەشئەل جاسارەت ۋە ۋەھشىيلىككە قارشى ھەيۋەت بىلەن داۋاملىق ئالغا ماڭىمەن.

مەن بۇ يەردە، پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆرلۈك سۆيەر ھۆكۈمەتلەر، تەشكىلاتلار، زاتلار ۋە خەلقلەرنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايىتىدىن ھېساب ئېلىشىنى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شاھىت بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر يۈزىدىن يوقىلىپ كېتىشىدە خىتاي كوممۇنىستلىرىغا شېرىك بولۇپ قالماسلىقىنى، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئىززىتى، ھۆرمىتى ۋە قانۇنىيلىقىنى قوغدىشىنى چاقىرىق قىلىمەن !

پائالىيەت داۋامىدا يەنە گوللاندىيە سوتشىيال پارتىسىدىن بولغان سىياسەتچى، بۇرۇنقى پارلامىنىت ئەزاسى خارى فەن بومىل، خەلىقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخخەسسى سىتېۋىن كىلېرىكلەرمۇ سۆز قىلىپ خىتاي دۆلىتىدىكى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىنى تەنقىد قىلدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىردىدا دۇنيا كىشلىك ھۇقۇق كۈنى مۇناسىۋتى بىلەن ئېلان قىلغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ دۈچ كەلگەن ئىرقى قىرغىنچىلقىنى ناخشا ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاب – ئوقۇبەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلاتقان ناخشىنى دام مەيدانىدا جاراڭلىق قۇيۇپ بىرىش بىلەن بۇ پائالىيەت ئاخىرلاشتى.
يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى