ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
شەرقى تۈركىستان سۈرگۇندىكى ھۈكۈمىتى رەئىسى غۇلام ئوسمان ياغما بىلەن باش مىنىستېر سالى خۇدايار 11-ئاينىڭ 30-كۈندىن باشلاپ بىلگىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگىلىيەدە ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان بىر قىسىم ئۇچۇرششلار، شۇنداقلا خەلىقئارالىق ئادۋۇكات روندى دېكسۇن ئارقىلىق گوللاندىيەدىكى خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمسىگە بۇلتۇر سۇنۇلغان<< ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلقى >> ئۈستىدىن خىتاي ھۈكۈمىتىنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى ئەرىز ئۈچۈن گوللاندىيەدىكى خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەكىمسى بىلەن يۈز-تۇرانە كۈرشىش ئۈچۈن زىيارىتىنى باشلىدى. ياۋرۇپا زىيارىتنىڭ 3-كۈنى گوللاندىيەگە يىتىپ كەلدى. گوللاندىيەدىكى قېرىنداشلار ئۇلارنى گۈل-دەستىلەر بىلەن زەيىست شەھرىدە كۈتۋالدى. شۇنداقلار قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە تۆت سائەتتىن ئارتۇق ئۇچۇق-ئاشكارا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

سۆھبەت جەريانىدا نىمە ئۈچۈن سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى بىر ھۈكۈمەت ئاستىغا ئۇيۇشۇپ بىرلىك ھاسىل قىلمايسىلەن؟ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىنى كۈزەتكۈچىلەر نىمە ئۈچۈن سىلەردە بىر قانچە سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەت بار؟ سىلەر قايسىنى ئېتىراپ قىلسىلەن؟ سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمەتلەرى ئىچىدە ئەڭ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان سالى خۇدايار باشچىلقىدىكى ھۈكۈمەت، باشقا ھۈكۈمەتلەر نىمە ئۈچۈن پاسسىپ؟ خەلىق ھۈكۈمەتتىن نىمنى كۈتىدۇ؟ ھۈكۈمەت خەلىقتىنچۇ؟ نىمە ئۈچۈن پارتىيە تەشكىللەپ ھۈكۈمەتنى پارتىيە ئارقىلىق باشقۇردىغان بىر سېستىما قۇرۇشقا قانداق قارايسىز؟ ئەخمەتجان ئوسمان نىمە ئۈچۈن ئىستىپا بىرىپ قايتا يەنە ئۆز ئالدىغا باشقىلاردەك سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەت تەشكىللىمەي سۈكۈتتە تۇردى؟ بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟ دىگەندەك سۇئاللاركەسكىن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى.




مەن بۇ ھەقتە ۋاقىت چىقىرىپ ئاريىم يۇقارقى سۇئاللار ئاساسىدا مەخسۇس بىر يازما يېزىپ ئېلان قىلىمەن. سۆھبەت جەريانىدا مەن ئابدۇرېھىم غېنى تۈۋەندىكى ئىككى تۈرلۇك تەكلىپمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.
1.خەلىقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى دىياسپۇرادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ جىددى تەشكىللىنىشىنىپ خىتايلار « 24-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتى » دە ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىپ ئۇيغۇرلارنى سۈيئستىمال قىلىپ قوزغىغان ئاق قەغەز ئىنقىلابغا جىددى ئىنكاس قايتۇرۇش يەنى ئاق قەغەز ئاق پېتى قالماسلىقى بۇنىڭغا چوقۇم شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى ئىپادىلەيدىغان خەتنى يېزىپ ئېلان قىلىش
2. شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق خىتابنامىسنى ئېلان قىلىش
يۇقارقى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن جىددى بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ تەشكىللىنىپ بۇ گۇرۇپپا ئىچىدە مەسلىھەتلىشىپ سېستىمىلىق دۇنيا خارەكتېرلىك ھەركەت ئېلىپ بىرىش .
مەن ئاق قەغەز ئىنقىلابى ھەققىدە تەشكىللىنىپ ئاق قەغەزگە نىمە يېزىپ ھەققىدە ئالدىنقى ھەپتە نەق مەيدان سۆھبىتى قىلىغاندىن كىيىن گۇرۇپپا قۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم كىشلەر بىلەن كۈرۈشسسەم بەزەنلەر دەرھال بۇ ياخشى پىكىر بۇلاپتۇ دەپ قۇشۇلدى، بەزەنلەر ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەي سۈكۈتتە تۇرۋالدى. مەن بۇ گۇرۇپپىنى قۇرۇش ئۈچۈن يەنە تىرىشچانلىق قىلىمەن ھەم بۇ ھەقتە نىمىلەر قىنلىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەردا قىلىپ تۇرىمەن. ئەمدى دىياسپۇرادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار جۈملىدىن ئۇيغۇرلار دەرھال تەشكىللىنىپ بىرلىكتە ھەركەت قىلشىمىز، ئۆز ئالدىمىزغا شەرقى
تۈركىستاننىڭ ئورتاق مەنپەتىدە بىرلىككە كەلمەيدىغان ئايرىمچىلىققا خاتىمە بىرشىمىز كېرەك.
تۈۋەندىكى ۋېدىيونى كۈرۈپ تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئورتاقلاشساڭلار مەمنۇن بۇلىمەن. كىم- كىملەر بىلەن بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ چىقساق بۇلار؟ خەلقىمىز ئۈزى تەۋسىيە قىلىپ باقسا دىگەن ئۈمىتتە. رەھمەت.
2022-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى يېزىلدى.