ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
بۈگۈن، يەنى 2022 – يىلى 13 – نويابىر (يەكشەنبە) كۈنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن، شۇنداقلا بېلگىيە، ئاۋستىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەيمىز، دېگەن پىلاكاتنى كۈتۈرۈشۈپ ئاۋال دام مەيدانىنى ئايلىنىپ نامايىش قىلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى ياڭرىتىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

بايراق چىقىرىش مۇراسىمدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرچە ۋە گوللاندىچە يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى خاتىرلەشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ: << مىڭلىغان شېھىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قۇرۇلغان بۇ مۇقەددەس ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز يىللاردىن بۇيان دىياسپۇرادىكى خەلقىمىز تەرپىدىن بىر ئەڭگۈشتەر سۈپتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەريىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ھەرخىل شەكىلدە جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز خاتىرلىنىپ كەلمەكتە. چۈنكى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق سىموۋىلى، شۇنداقلا بۇ ئىككى جمھۇرىيتىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك تەجىرىبە ساۋاقلار ۋە جەڭگىۋار مىللىي روھ ھازىر بىز داۋام قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ قىبىلنامىسى ۋە خەلقىمىزنىڭ روھىي ئۇزىقىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى جمھۇرىيتىمىزنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ غايىبانە روھىغا ۋاراسلىق قىلىش ھەربىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىدۇر>> دىدى


ئارقىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان گوللاندىيەدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسى پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر، گوللاند، ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا نوتۇق سۆزلەپ، خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ تارىخى ۋە مۇستەملىكە سىياسىتى، 2017 – يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن ئۇيغۇر ئ قىرغىنچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكى، شۇنداقلا دۇنيا جامائىتىنىڭ قاتىل خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

بۈگۈنكى نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە كانتۇنىيە مۇستەقىلچىللىرى، خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئىتىپاقنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سۆز قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇستەملىكە خەلقلەرگە قىلغان زۇلۇم – باستۇرۇشلىرى، شۇنداقلا خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان سىياسىي ۋە دىنىي قاراشتىكى ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىش سىياسىتى ئۈستىدە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى.

يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى