ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
خاتىرلىگۈدەك مىللىي بايراملىرى، قەھىرىمانلىرى تۇرۇپ خاتىرلىمىگەن مىللەت نادان مىللەت. بۇنداق مىللەت تارىخ سەھنىسدىن سۈپۈرلۈپ تاشلىندۇ- خاتىرەمدىن

ئامىستېردام دام مەيدانىدا 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلانغان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىغا قارشى يالغۇز كىشلىك، تنىچ شەكىللىك نامايىشمنىڭ ئەڭ يارقىن، ئەڭ جەلىپكار نوقتىسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچەلەرنى ھەيران قالدۇرغىنى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىلا بۇلۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلار ۋەتىننىڭ خىتاي دۆلىتى تەرپىدىن مۇستەملىكە زىمىنغا ئايلىنىپ قېلشى ئىدى. دۇنيانىڭ ئەڭ ناتۇنۇش يېرىدىن كەلگەن ساياھەتچىمۇ تىبەتنىڭ خىتاي دۆلىتى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان بىر مۇستەملىكە زىمىن ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدىكەن. ئەمما تىبەتنىڭ قوشنىسى، تەقدىردىشى بولغان شەرقى تۈركىستاننى، ھەتتا بۇ زىمىننىڭ ئىگىسى بولغان << ئۇيغۇر >> دىگەن بىر مىللەتنىڭ نامىنى ئاڭلاپ باقمىغانلارمۇ ھەقىقەتەن كۆپكەن. ئۇلار ھەتتا << ئۇيغۇر>>، << شەرقى تۈركىستان >> دىگەن ئىسىملارنى تەلەپپۇز قىلىشتىمۇ قىينىلىپ تۈرۈكمەنىستان، ئۆزبېكىستان دىگەندەك تەلەپپۇز قىلىغاندا ھەقىقەتەن ئىچىم سىقىلىپ روھىي جەھەتتە بىرخىل ئازابلىناتتىم. شۇڭا تىنىچ شەكىللىك نامايىش جەريانىدا ئەڭ ئاۋال ئۇلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ زىمىننىڭ خەرىتىسنى كۆرسىتىپ ئالدىرماي شەرقى تۈركىستاننىڭ خەرىتىدىكى جۇغراپىيلىك ئورنى بۇيچە چۈشەندۈرۈپ << ئۇيغۇرلار >> لارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي دۆلىتى تەرپىدىن بېسۋېلىنىپ << شىنجاڭ >> دىگەن مۇستەملىكە نامغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەندە، ئۇلار ھەيران قالاتتى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا << ئۇيغۇر تارىخى >> دىگەن پىلاكاتىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىسىقچە تارىخى، يەنى ھون ئىمپىريەسىدىن تارتىپ ئەڭ ئاخىرقى ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىگىچەبولغان تارىخلارنى كۆرسەتكىنىمدە ھەيرانلىق ئىچىدە ئاغزىنى ئېچىپلا قالاتتى. بەزىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخنى بىلدىغانلىقىنى بۇ مىللەتنىڭ قەدىمدىن تارتىپ جەڭگىۋار ھەم مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكىنى دىگەندە قەلبىم ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ كىتەتتى. بۇنداق ئىشلار ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى نامايىش جەريانىدا نۇرغۇن قېتىم يۈزبەردى. بىركۈنى گىرمانىيەدىن كەلگەن بىر ساياھەتچى ئۇيغۇر تارىخى بىلەن يانمۇ -يان قۇيۇلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت پىلاكاتلىرىمدىكى بارلىق سۈرەتلەرنى كۈرۈپ بۇلۇپ يېنىمغا كىلىپ : << يىگىت بېشىڭدىكى دوپپاڭنى يىراقتىن كۈرۈپلا ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم. سىنىڭ ۋەتىنىڭگە 15 يىل بۇرۇن ساياھەتكە بېرىپ ئۈرۈمچى، تۇرپان، غۇلجا، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى ساياھەت قىلغاچ ئۇيغۇر كۈلتۈرى بىلەن خېلى ئەتراپلىق تۇنۇشقان ئىدىم. ئۇيغۇرلار چەتئەلدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى بەك ھۈرمەتلەيدىكەن ھەم بەك قىزغىن مۇئامىلە قىلدىكەن. ئۇيغۇرلاردەك مېھماندوسىت مىللەتنى دۇنيانىڭ ھىچقانداق يېرىدە كۈرۈپ باقمىدىم. ئۈستى ئۇچۇق تەبئىي موزىي تۈسىنى ئالغان قەشقەردىكى تەسىراتىمنى تىل بىلەن تەسۋېرلەپ بىرەلمەيمەن. يىپەك يۇلى مەدەنىيتىنى يارتىپ دۇنياغا مەدەنىيەت تارقاتقان قەدىمىي تارىخقا ئىگە بۇ مىللەتنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ << بىر بەلۋاغ، بىر يول سىياسىتىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ ئىرقى قىرغىنچىلققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى سىنىڭ تەشۋىقاتلىرىڭدىن تېخىمۇ تەپسىلى كۈرۈش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسىقچە تارىخى كۆز ئالدىمدا قايتىدىن نامايەن بولدى. >> دىگەندە كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى. ئۇ يەنە: << شۇ تاپتىكى ھىسياتىڭنى چۈشنىمەن. كۆڭلىڭنى ھەرگىز يېرىم قىلما، بىر مىللەتنىڭ جەڭگىۋارلىق بىلەن ياراتقان تارىخى خاتىرلىنىدۇ. قان ۋە كۆز يېشىغا تولغان تارىخى كىيىنكىلەرگە ئىبىرەت بۇلىدۇ. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ئۇلارنىڭ شانلىق ئىش-ئىزلىرى بىلەن ئەسلەيمەن ھەم ئاچچىق قىسمىتىڭلارغا ھىسداشلىق قىلىمەن. ئۇرقۇن-ئۇيغۇر خانلىقى موڭغۇل دالاسىنى مەركەز قىلىپ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي ئاسىيادىكى كەڭ زىمىنلاردا ھۈكۈم سۈرۈپ، شانلىق مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قالدۇردى. موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن تېپىلغان مەڭگۈ تاشلار بۇنىڭ ئىسپاتىدۇ. مىلادى 618-يىلدى 907-يىلغىچە دەۋىر سۈرگەن تاڭ سۇلالىسدا 755-يىلى ئوڭلۈك – سۆيگۈن توپلىڭى يۈزبىرىپ پايتەخىت چاڭئەن قولدىن كىتەي دەپ قالغاندا، تاڭ سۇلالىسى پادىشاسى شۇ ئەنزۇڭ ئورقۇن-ئۇيغۇر دۆلىتىدىن ياردەم سوراپ تاڭ سۇلالىسنى قۇتقۇزۋېلىشنى ئۈتۈنگەندە، ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ قاغانى بايانچۇر قاغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاڭ دۆلىتىنىڭ زىمىنلىرىنى بېسۋالماستىن، بەلكى نەچچە مىڭ كىشلىك سەرخىل قۇشۇننى ياردەمگە ئىۋەرتىپ تاڭ دۆلىتىنى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار شۇ چاغدا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تاڭ سۇلالىسغا ھۇجۇم قىلىپ بېسۋېلىپ مۇستەملىكە قىلسىمۇ بۇلاتتى. ئەمما ئۇنداق قىلمىدى. بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر ئىنسانپەرۋەر، ئەھدىسىگە ۋاپا قىلدىغان، ئاق كۆڭۈل بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى كۈرۋېلىشقا بۇلىدۇ دەپ ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلىتىپ مېنى تېخىمۇ غۇرۇرلاندۇرغان ئىدى.
ئەپسۇس 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتى قۇرۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت قۇرشىغا ياردەم قىلىمىز، گومىنداڭ ھۈكۈمىتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى تازلاپ بەش يىلىدا چىقىپ كىتىمىز دەپ يالغان ۋەدىلەرنى بىرىپ شەرقى تۈركىستانغا ئەسكەر كىرگۈزۈپ مەڭگۈ مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. سەن بۇ تەشۋىقاتلىرىڭدا ئۇيغۇرنىڭ شانلىق تارىخى بىلەن بۈگۈنكى 21- ئەسىردە يۈز بىرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ئىرقى قىرغىنچلىق تارىخىنى ناھايتى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە دەلىل -ئىسپاتلىق ئۇچۇرلارنى بىرىپ دۇنيانى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەسىدىن ئىبىرەت ئېلىشقا چاقىرىق قىلىپ، ھەتتا تەشۋىقاتىڭغا ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنى سىلەرنىڭ ئەتەڭلاربۇلۇپ قالمىسۇن! دەپ كۈچلۈك سىگىنال بىرىپسەن. مەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ھەققانىي ھەركىتىڭلارنى قوللايمەن. مۇستەملىكىدىن تىزراق قۇتۇلۇپ مۇستەقىل دۆلىتىڭلارنى قۇرۇپ چىقىشىڭلارغا تىلەكداشمەن. خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيتى سېۋىت ئىتىپاقى ھاكىميىتىگە ئوخشاش ۋەيران بۇلدىغان كۈنلەرمۇ ئاز قالدى. مۇستەقىل بۇلۇش پۇرسىتىڭلار ھامان كىلىدۇ. چۇقۇم مۇستەقىللىققا بولغان ئۈمۈدىڭلارنى يۇقاتماڭلار، ئۈمىتلىك بۇلۇڭلار دەپ ئاق رەخىتكە << شەرقى تۈركىستان >> غا مۇستەقىللىق، خىتاي ئىشخالىيتى ئاستىدىكى << شەرقى تۈركىستان >> دىكى جازا لاگىرى تاقالسۇن! دەپ يېزىپ بېرىپ مەن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ خوشلاشتى. مەن تۆت يىللىق يالغۇز كىشلىك نامايىش جاريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلۋاتقان كۈرەشلىرىنىڭ ھەقلىق بىر كۈرەش ئىكەنلىكىنى ۋە ئۈزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ساياھەتچىلەر بىلەن نۇرغۇن قېتىم بۇنداق سۆھبەتلەرنى باشتىن كەچۈردىم. ئۇلارنىڭ دەۋاتقىنى : << سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ قىرغىنچىلىق ھەرگىزمۇ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىنىڭ ناچارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلارنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىسگە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن بولغان. چۈنكى مۇستەملىكە قىلغۇچى مۇستەملىكە بولغۇچىنى مەڭگۈ باش كۈتۈرەلمەس قىلىپ تۈپ يىلتىزىدىن يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى باشقا ھەرقانداق مۇستەملىكە قىلغۇچىدىن بەكرەك رەزىل، ئاچكۆز ۋە قەبىھ. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ باش كۈتۈرەلمەس قىلۋېتىشنى، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يوق قىلۋېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. سىلەر ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقاندىكىن بۇ يەردە بولسىمۇ ئەركىن بۇلۇڭلار، كۈچلۈك بۇلۇڭلار، مۇستەقىللىق ئارزۇيۇڭلارنى ئېتىقااقا ئايلاندۇرۇڭلار. پەرزەنتىڭلاردا ئۇيغۇر مىللى روھىنى يىتىلدۈرۈشكە سەل قارىماڭلار. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەريىلى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇڭلار. بۇنىڭ دىياسپۇرادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۈزىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىك ئېڭىنى تۇنۇتىشتىكى رۇلى بەك چوڭ بۇلىدۇ، دىگەندەك تەۋسىيەدە بولغانلا كۆپ بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دۆلىتى مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرشىنىڭ ھەققانىي بىر كۈرەش ئىكەنلىكىنى دىگەندە ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن بەكمۇ سۈيۈنۈپ غۇرۇر ھىس قىلدىم. ئۇلار سىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامىستېردام دام مەيدانىدا خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تىنىچ شەكىللىك قارشىلىق كۈرشىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى بەرپا قىلىشتا رۇلى بەك چوڭ. سەن بۇ ھەركىتىڭنى توختۇتۇپ قويماي ئىمكانىيتىڭنىڭ يىتىشچە ئىزچىل داۋاملاشتۇر. بولسا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە مۇشۇنداق قارشىلىق ھەركىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردىغان كۆپلەپ ئۇيغۇر پىداكارلار ئوتتۇرغا چىقشى كېرەك. ھەربىر ئۇيغۇر مەن شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن دەيدىكەن، ئەڭ ئاۋال چۇقۇم دۆلەتنى قەلبىڭلاردا قۇرشۇڭلار كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇلغان 11-ئاانىڭ 12-كۈنىنى خاتىرلەش ئارقىلىق دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، شۇنداقلا ئۇيغۇر پەرزەنتىڭلارنىڭ يۇمران قەلبىگە دۆلەتچىلىك ئېڭىنى سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلاردىكى ئۇيغۇر مىللىي روھىنى تىرىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىردىغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈزەڭلارغا بىر ۋەزىپە قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى قەلبىمنىڭ چۇڭقۇر يىرىگە ئورناپ كەتكەن ئىدى. شۇڭا ھەريىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق ئاتا قىلغان بۇ كۇننى ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۆتكۈزۈشنى مىللەت ئالدىدىكى بىر مەسئۇلىيتىم ۋە مەجبۇرىيتىم دەپ كەلدىم. 2022-يىللىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش پائالىيتنى ئىلگىركى يىللاردىكى تەبرىكلەش پائالىيتىگە قارىغاندا باشقىچە ئورۇنلاشتۇردۇم. خىتاي دۆلىتى ئىشخالىيتى ئاستىدىكى بىز بىلەن تەقدىرداش بولغان تىبەتلىكلەر، جەنۇبى موڭغۇلىيىلىكلەر، خاڭكۇڭلۇقلار، كانتۇنىيلىكلەرنىڭ ۋەكىللىرنىمۇ تەكلىپ قىلدىم. ئۇلارمۇ تەبرىكلەش پائالىيتىگە قاتنىشىپ سۆز قىلىدۇ. ھەتتا خىتاي دىمكۇراتىك پارتىينىڭ قۇرغۇچىسى ۋە بۇ پارتىينىڭ چەتئەلدىكى رەئىسى چېن جۇڭخېمۇ ئۈزىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈررۈپ ۋېدىيولۇق سۆز قىلدى. ئامىستردامدىن پۈتۈن دۇنياغا ئۇيغۇلارنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خۇجا بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى دۇنياغا جاكارلىغان بۇ كۈننى خاتىرلەۋاتقانلىقىمىزنى ئۇيغۇرچە، گوللاندىچە، ئىنگىلىزچە، تۈرۈكچە، ئەرەپچە ، خىتايچە قاراتلىق تىللاردا جاكارلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۇرىمىز.
شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش ھەربىر شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋىجدانى بۇرچى.
يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى
ئامىستېردام دام مەيدانىدا 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش پائالىيتى
ئامىستېردام دام مەيدانىدا 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش پائالىيتى
ئامىستېردام دام مەيدانىدا 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەش پائالىيتى