ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئامىستېردام شەھرىنىڭ لېيدىن مەيدانىدا 10-ئاينىڭ 25-كۈندىن 31-كۈنگىچە بىر ھەپتە << ئۇيغۇر ئاۋازى >> نامىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ھازىرغىچە گوللاندىيەدە تۈنجى قېتىم گوللاندىيەلىكلەر تەرپىدىن ئەتراپلىق، سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق پائالىيەت بۇلۇپ ھىسابلىنىدۇ.

بۇ رەسىم كۆرگەزمىسى ئامىستېردامدىكى دې بالى دىگەن مەدەنىيەت، سىياسەت ھەققىدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئاخبارات پىروگىرامىلىرنى ئىشلەپ تارقىتىدىغان بىر ئورگان تەرپىدىن 2022-يىلدىكى ئەركىن تەپەككۇر قىلغۇچىلارنىڭ كۈزلۈك ھەپتىلىك پائالىيتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


بۇ پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۇچىسى خاتول كاتاۋازى خانىم جازا لاگىرى شاھىدى ئۈمەر بەككالى، قەلبىنىۇر سىدىق، گوللاندىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلغۇچىلاردىن ئابدۇرېھىم غېنى، ئەرىك ئابلىكىم، ئەخمەتجان قاسىم قاتارلىقلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۈرۈشۈپ شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. ۋە بىزنى 25-نويابىر باشلىندىغان بۇ پائالىيەتنىڭ ئېېچىلىش مۇراسىمغا تەكلىپ قىلدى.

خاتول كاتاۋازى خانىم 10-ئاينىڭ 16-كۈنى ئامىستېردامدىكى نامايىش مەيدانىغا كىلىپ تەشۋىقاتلىرىمنى كۆرۈپ مەن بىلەن قىسىقچە سۆھبەتلەشتى. خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىنى دەلىل- ئسپات بىلەن ئېچىپ بەرگەن بۇ تەشۋىقات ماتېرىياللرىم خاتول كاتاۋازى خانىمنىڭمۇ دىققىتنى تارتتى. بۇ تەشۋىقات ماتېرىياللىرىمنى بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرسام بۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مەن ئۈچۈن يېڭدىن قۇرۇپ چىققان تەشكىلاتىم << ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى >> نى ياخشى بىر تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدىن كىيىن ھەمكارلىق ئاساسىدا تېخمۇ كۆپ ئۇيغۇرلارنى قوللاش خارەكتېرلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتىكى ياخشى بىر باشلىنىش ئىدى.

بۇ قېتىملىق << ئۇيغۇر ئاۋازى >> رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 15:00 ئامىستېردام شەھرىنىڭ بۇرۇنقى شەھەر باشلىقى جوب كوھىن ئەپەندىمنىڭ سۆز قىلشى بىلەن باشلاندى. لېيدىن مەيدانىغا يوغان كونتىنىر قۇيۇلغان بۇلۇپ كونتىنىرنىڭ سىرتىغا << ئۇيغۇر ئاۋازى >> دەپ يوغان يېزىلىپ قىسىقچە ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى. كانتىنىرنىڭ ئىچىگە ئېكىران قۇيۇلغان بۇلۇپ ئېكراندا نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان << ئاشكارلانغان ساقچى ماتېرىيالى >> دىكى كىشلەرنىڭ رەسمى قۇيۇلغان، يەنە بىر ئېكىراندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت سۈرەتلەر ئالمىشىپ چىقىپ تۇراتتى ، بۇنىڭغا ماس ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھىكايىلىرى ئاڭلىتىلماقتا ئىدى. كانتىنىرنىڭ ئالددىكى مەيدانغا << ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى >> نىڭ 7 مىتىرلىقتىن ئىككى دانە ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت سۈرەتلەر قۇيۇلغان بۇلۇپ ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

تۆت يىلدىن بۇيان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلقىقىغا قارشى يالغۇز كىشلىك نامايىشم باللىرىمغىمۇ كۈچلۈك تەسىر قىلۋاتقان ئىدى. نامايىش پائالىيەتلىرىمگە دىققەت قىلىپ كىلۋاتقان باللىرىم پائالىيەتلىرىمنى يۇتۇبىدىن قىزىقىپ كۈرەتتى. دادا نامايىشقا چىقساڭ بىزمۇ سەن بىلەن چىقىمىز دەپ بەزى ۋاقىتلاردا ئەگىشەتتى. ھەپتە ئاخىرى باللىرىم مەن بىلەن رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيتىگە باردى. ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا كۆرگەزمىگە كىلۋاتقان كىشلەرئىنتايىن كۆپ ئىدى. يوغان خەت بىلەن يېزىلغان << ئۇيغۇر ئاۋازى >> دىگەن خەت يولدىن ئۈتۈپ كىتۋاتقانلارنىڭ ئالاھىدە دىققتىنى تارتتى. ئۇلارغا توختىماي شەرقى تۈركىستاننىڭ قىسىقچە تارىخىنى خەرىتىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 21- ئەسىردە << قايتا تەكرارلانمايدۇ >> دىگەن قەتلىئامنىڭ ھازىرنىڭ ئۈزىدە خىتاي ئىشخالىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرۋىۋاتقانلىقىنى دەلىل- ئىسپات بىلەن چۈشەندۈردىم.

ئۇيغۇر ئاۋازى رەسىم كۆرگەزمىسنىڭ 6-كۈنى گوللاندىيەلىك سىياسەتچى، ئىشچىلار پارتىيسىدىن بولغان ياۋرۇپا پارلامىنتىنىڭ ئەزاسى تەيىس رېتىن ئەپەندىممۇ زىيارەت قىلدى. ئۇنىڭ زىيارىتى جەريانىدا مەن 5 يىلدىن بۇيان غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى ئاڭلىتىپ، ئۈزەمنىڭ 4 يىلدىن بۇيان 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىمنى ھەتتا گوللاندىيە ھۈكۈمىتىدىن دىپلۇماتىك يوللار ئارقىلىق خىتاي ھۈكۈمىتدىن ئۇلارنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ ئەمما خىتاي ھۈكۈمىتى 19 ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە جاۋاب بىرشتىن ئۈزىنى قاچۇرغانلىقىنى دەلىل -پاكىت بىلەن ئاڭلىتىپ غايىپ بولغان ئائىلە ئەزالىرىم خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى، شۇنداقلا مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ جانلىق كارتىنسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتىم. تەيىس رېتۈن ئەپەندىم ئۈزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۈزنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن قۇلدىن كىلدىغان تىرىشچانلىقى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى