گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشتا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ھىس قىلغانلىرىم                      

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ھەربىر ئۇيغۇردا قىساس ئېلىش ئېڭى شەكىللىنىشى كېرەك- خاتىرەمدىن 

خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش<< نۆل كوۋىد>>  رەزىل سىياسىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قاتتىق قامال قىلىش تېررورلۇق ھەرىكىتىدە يېمەك-ئىچمەك، دورا، شۇنداقلا كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ- زارى، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋېلىشى ھەققىدىكى سىنلارنىڭ تارقىلىشى  دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ ساراسىمىگە سالماقتا. 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى گوللاندىيەدىكى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر سۈنئىي ئاچارچىلىق ھەرىكىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن قېرىنداشلارنىڭ روھىنى ياد ئېتىش ۋە تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاچارچىلىق قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بىلەن گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش مەقسىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گوللاندىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئېلىپ باردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقى بىلەن يۈرىكى ئازابتىن پۇچىلانغان  نامايىشچى ئۇيغۇرلار، نامايىش جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى باسالماي ئەلچىخانىغا تۇخۇم، تاش ۋە بېنزىن سۈركەلگەن نەرسىلەرنى ئېتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. بىردەمدىلا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھويلىسىدا ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ ئەلچىخانا ھويلىسىدىكى يىغىپ قالغان ئەخلەتلەرگە ئوت تۇتۇشۇشقا باشلىدى. بۇ ئىشلار ماڭا بۇنىڭدىن 13 يىل ئىلگىرىكى يەنى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈندىكى  ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق نامايىش جەريانىدا يۈز بەرگەن خىتاي ئەلچىخانىسىغا تۇخۇم، تاش ئېتىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەپ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن كۈننى ئەسلەتتى. بۇ كۈندە مەنمۇ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئەلچىخانىسىغا تاش ئاتقان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۈچ كۈن تۇتۇپ تۇتۇش ئورنىدا يېتىپ چىققان ئاش دەقىقىلەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن كەچتى.

ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زېمىنىغا قارىتىپ ئاتقان شۇ بىر قانچە تېشىمدىن بىرى ئۇدۇل بېرىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت گېرىبىغا تەككەن ئىدى، يەنە بىرى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ دېرىزىسىنى چېقىۋەتكەن ئىدى. شۇ چاغدىكى ھاياجىنىمنى ھازىرمۇ ئويلىسام يۈرىكىم خۇشاللىقتىن يايراپ كېتىدۇ. بۇ كۈن مىنىڭ ھاياتىمدا ئۇنتۇلماس ئىز قالدۇرغان، مەڭگۈ ئىسىمدىن چىقمايدىغان، كېيىنكى كۈنلەردە  باللىرىم « دادا، سەن ۋەتىنىڭنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدىڭ؟» دەپ سورىسىمۇ پەخىرلىنىش ئىچىدە سۆزلەپ بېرىدىغان بىر ئەسلىمە قالدۇرغان ئىدىم. ھەقىقەتەن بالىلىرىمدا مەندىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بار. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا يەنى 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ۋارقىراپ تۇرۇپ ھەي تاجاۋۇزچى خىتاي، مىنىڭ 19 ئائىلە ئەزالىرىم قېنى؟ ئۇلار قەيەردە؟ نېمە ئۈچۈن مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىسەن؟ ئۇلارنىڭ گۇناھى نېمە؟ خىتاي دۆلىتى سەن تاجاۋۇزچى، تېررورىست دۆلەت. ماڭا 19 ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە جاۋاب بەر؟ مېنى تۇتۇپ جازا لاگىرىڭغا سولاپ قوي! دەپ  ۋارقىراپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئىچىدە بىخەتەرلىك خادىمى بىلەن ۋارقىراشقىنىمدا ساقچىلار كېلىپ مېنى تۇتۇپ قۇلۇمغا كويزا سېلىپ ماڭغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشنى ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ ئىنگلىزچە قانىلى ئارقىلىق دۇنياغا تارقىلىپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك بىر تەسىر پەيدا قىلغان ئىدى. شۇ چاغدا باللىرىم بۇ نەق مەيدان فىلىمنى كۆرۈپ مەندىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى شەكىللەنگەن ئىدى. ھەر قېتىم نامايىشقا ماڭغان ۋاقىتلىرىمدا ئۇلار: <<دادا، دادا سەن بەك باتۇر، سەن خىتايدىن قورقمايدىكەنسەن! ساقچىدىنمۇ قورقمايدىكەنسەن! بىز چوڭ بولغاندا ساڭا ئوخشاش خىتايغا قارشى نامايىش قىلىمىز>> دەپ نامايىشقا ماڭغاندا مەڭزىمگە سۆيۈپ خوشلىشاتتى. بالىلىرىممۇ چوڭ بولدى. نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا شۇ ۋېدىيونى يۇتۇبىدىن ساۋاقداشلىرىغا قۇيۇپ بېرىپتىكەن، ساۋاقداشلىرىمۇ: << داداڭ خىتايدىن قورقمايدىكەن، داداڭدىن پەخىرلىنىمىز، داداڭغا ھۆرمىتىمىز بار>> دېگەنلىكىنى باللىرىم ئۆيگە كېلىپ ماڭا دەپ بەردى.

ئېرشات قولغا ئېلىنغان ۋاقتى 2022-يىلى9-ئاينىڭ 14-كۈنى گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدى

تۈنۈگۈنكى نامايىش جەريانىدا گوللاندىيە ساقچىلىرى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ۋە نامايىش تەرتىپىنى ساقلاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش زۆرۈرىيىتى بىلەن، قېرىندىشىمىز ئېرشاتنى قولغا ئالدى. ئەلۋەتتە، بىز نەق مەيداندىكى نامايىشچىلار گوللاندىيە ساقچىلىرىنىڭ ئەستايىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن مۇستەملىكە ۋەتىنىمىزدىكى جاللات كەبى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئەخلاقى ھەم خىزمەت ئىستىلىنى سېلىشتۇرۇپ، گوللاندىيە ساقچىلىرىغا بولغان ھۆرمىتىمىز ۋە قايىللىقىمىز تېخىمۇ ئاشتى. ئېرشاتنىڭ قولىغا كويزا سېلىپ  ئېلىپ ماڭغان كۆرۈنۈش بىلەن، مېنىمۇ ساقچىلار قۇلۇمغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭغاندىكى كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمدىن سېلىشتۇرما بولۇپ ئۆتمەكتە. بىر ساقچى ماشىنىدا ماڭغاچ ماڭا: << سېنىڭ قورقماس پىداكارلىق جاسارىتىڭدىن تەسىرلەندۇق. سېنىڭ مىللىتىڭ ئۈچۈن قىلىۋاتقان پىداكارلىڭىغا ھۆرمىتىمىز بار، ئەمما بىز ساقچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سېنى قولغا ئالدۇق، بۇ بىزنىڭ خىزمەتتىكى مەسئۇلىيىتىمىز>> دېگىنىدە، مەن جاۋابەن: << سىلەرنىڭ كېلىپ مېنىڭ قولغا ئېلىشىڭلار بىلەن بۇ ئىش تېخىمۇ داغدۇغا قوزغىدى>>   دېسەم، ئۇ : <<خىتاي ھۆكۈمىتى يالغۇز سېنىڭلا 19 ئائىلە ئەزالىرىڭنى تۇتىۋالدىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن باشقا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىنىڭ غايىب بولغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش قىلمايدۇ؟ >> دېگەندەك كۈچلۈك سوئاللارنى سورىغان ئىدى. مانا بۈگۈن ئېرشاتنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا قىلغان پىداكارلىقى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا بېرىلگەن كۈچلۈك بىر سىگناللا بولۇپ قالماي بەلكى گوللاندىيە مېدىياسىدىمۇ كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلارنى ساراسىمىگە سالدى…« ۋاي ئېرشاتنىڭ ئەھۋالى قانداق بولۇپ كەتتى؟ ئۇنى قاچان قۇيۇپ بىرەر؟ >> دېگەندەك ئەندىشىلىك ئىنكاسلار ئېرشاتنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلار تەرىپىدىن فەيىسبوكتا كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

ئۆزۈمنى ئالسام، مەنمۇ تاجاۋۇزچى زالىم خىتايغا قارشى چەكسىز ئۆچمەنلىكىم ھەم ھېسابسىز نەپرىتىمنى نەيزە قىلىپ، ئۇشبۇ جاللاتنىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نۇرغۇن قېتىم زالىمنىڭ يۈرىكىگە مىخ، كۆزىگە زىخ بولۇپ قادالغان ئىدىم. ھەتتا شۇ سەۋەبلىك، مەنمۇ ئىككى قېتىم، يەنى 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل كۈنى ۋە 2020 – يىلى 14 – ئاۋغۇست كۈنى بۈگۈنكى قېرىندىشىمىز ئېرشاتقا ئوخشاش، تەرتىپ ساقلىغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كېتىلگەن ئىدىم. ئەمما ساقچىلارنىڭ ئەخلاقى، مۇئامىلىسى، ئىش بېجىرىش تەرتىپى، غەمخورلۇقى ۋە ئىنسانىيلىقى مېنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرگەن ئىدى. دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ساقچىسى خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا، خىتاي ھۆكۈمىتىدەك دىكتاتور دۆلەتنىڭ ساقچىسى دىكتاتورنىڭ بۇيرۇقىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن خەلقنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلار بىلەن قىينايتتى. 

abdurehim gheni arrested
گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ھازىر خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن يوقىتىپ شەرقى تۈركىستاننى مەڭگۈ مۇستەملىكە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغانلىكى رەزىل ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئىشقا سېلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى جازا لاگېرىغا سولاپ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خورلۇقلار ئارقىلىق ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىپ بولالمىغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ۋىرۇسى باھانىسى بىلەن قاتتىق كونترول قىلىش تېررورلۇق ھەرىكىتىدە كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈنئىي ئاچارچىلىق ئارقىلىق ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ جانلىق ئىسپاتى تور دۇنياسىدا تارقىلىۋاتقان ۋېدىيولار ئىدى.  شۇڭا، زالىمغا قارشى كۈرىشىمىزدە  قانۇنىيلىقىمىزنى ئاساس، ھەققانىيلىقىمىزنى يۆلەنچۈك، تارىخىمىزنى ئەينەك، پاجىئەرىمىزنى دەلىل، مۇستەقىللىقىمىزنى بايراق قىلىپ، ھەممىمىز ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، ھەقىقىي ئۇيغۇردەك ئۇيۇشۇپ، ئاۋۋال كۈچ، ئاندىن تەسىر، ئاخىردا ئەمەلىي نەتىجە بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

بۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە، ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ئاۋازىمىزنى چىقىرىپ، كىشى بېشىمىزغا كەلگەن قىسمەت – مۇسىبەتنى مىللەتنىڭ كۈلپەت – قىسمىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۇنيا مىقياسىدا خەلق ئىنقىلابى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىمىز لازىم. بىز تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئۆزىمىز تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خەلقلەرگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىساق، تاراتقۇلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ پارلامېنتقا، ھۆكۈمەتكە بېسىم – مەسئۇلىيەت شەكىللەندۈرەلىسەك، ھىيلىگەر، تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئاچلىق لاگېرلىرىنى چوقۇم تاقايدۇ. دېمەك، بۇ ئۇتۇق بىزنىڭ پىداكارلىقىمىزغا، جاسارىتىمىزگە، مىننەتسىز تىرىشچانلىقىمىزغا ۋە ئىرادىمىزگە بىۋاسىتە باغلىق.

شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئاچلىق لاگېرلىرىنى تاقاتقۇزۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ھەممىمىزنىڭ ۋىجدانىي بۇرچى ھەم ئىمانى مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. خىتاي بىزنىڭ جىسمىمىزنى قۇل قىلالىغان بىلەن روھىمىزنى قەتئىي قۇل قىلالمايدۇ. شۇڭلاشقا، روھىمىزغا سىڭگەن ئەركىنلىككە ۋە مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىش ھامىنى بىر كۈنى ئەمەلىيەتكە ئايلىنىدۇ، بىز بۇنىڭغا  شەكسىز ئىشىنىمىز.

ئېنىقكى، قىساس ئوتىنى خىتاي ئۆزى پۈتۈن ئۇيغۇرغا مەجبۇرىي تۇتاشتۇردى. بۇ ئوت ئەمدى ئەبەدىي – مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ. بىز چوقۇم قىساسىمىزنى ئالىمىز! بۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىر ئۇيغۇر مەنلا بولسام خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قىساسىمنى چوقۇم ئالىمەن، مەنلا بولسا ئۇيغۇر مىللىتى مەڭگۈ قۇل بولمايدۇ! مەنلا بولسام شەرقى تۈركىستان ھامان بىر كۈنى مۇستەقىل بولىدۇ. مىنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت. مەنلا بولسام خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىگە قارشى قارشىلىق ھەرىكىتى ھامان بىر كۈنى يالقۇن بولۇپ لاۋۇلداپ، زالىم خىتاينىڭ تەختى ھەم بەختىنى كۈل قىلىپ تاشلايدۇ دېگەن ئاڭدا ياشىشىمىز كېرەك.

ئاخىرىدا، پۈتۈن دۇنيادىكى قېرىنداشلىرىمدىن ئۈمىدىم شۇكى، بۇ قىساس ئوتىنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرىنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە توختاۋسىز يالقۇنجىتايلى! دۇنيا ھازىر ئاجىزلارنى كۆز يېشىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قورقماس جاسارىتىدىن، تىز پۈكمەس ئىرادىسىدىن تەسىرلىنىدىغان بولدى. بۇنى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىدىن ھېس قىلدۇق. بىز 73 ئۈچ يىل يىغلاپ دەۋا قىلدۇق، دۇنيانى تەسىرلەندۈرەلمىدۇق، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەلمىدۇق. ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ قورقماس پىداكارلىقىمىز، جاسارىتىمىز، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا تىز پۈكمەس ئىرادىمىز ئارقىلىق خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى خەلقئارالىق سىياسىي ئاتمۇسفىراسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ دۇنيانىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرەيلى. بۇ بىزنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە باغلىق.

2022-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى