ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گوللاندىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، چېخ، لىتۋانىيە ۋە ئىرېلاندىيە قاتارلىق توققۇز غەرب دۆلىتى شۇنداقلا ئۇيغۇر سوتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قەبىھ جىنايى قىلمىشلىرىنى بىردەك ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ «ئېغىر خەۋپى» بار دەپ ئېلان قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى( خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.
دەلىل-ئىسپاتلار ئېتىراپ قىلىنغان، داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەرىجىسى نېمە ئۈچۈن تۆۋەنلىتىلىدۇ؟
مەن 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانىغا ئۇچۇرغان بىر ئاكتىۋىست، شۇنداقلا نەچچە مىليون ئۇيغۇرنىڭ بىر جانلىق كارتىنىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرىمەن.
بىز چوقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايىتىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىشىمىز كېرەك.
بۇ دەھشەتلىك قىرغىنچىلىقنى رەت قىلىش ۋە تۆۋەنلىتىشنى ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ.
ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەنلىك-خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولغانلىق دېمەكتۇر! شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئازابىغا ھەسسە قوشقانلىق بىلەن باراۋەردۇر!
يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى