ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2022 – يىلى 9 – ئاينىڭ 4 – كۈنى (يەكشەنبە)، گوللاندىيەدە خىتايغا قارشى ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتى، ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىرلىكتە، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش قىلدى.
نامايىش خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە جەنۇبى موڭغۇلىيە دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مارشلىرىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. باشتا، تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى تىسرىڭ جامپا خانىم كىرىش سۆز قىلىپ، بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ كۈن تەرتىپىنى قىسقىچە ئېلان قىلدى ۋە خىتاي ئىشخالىيتى ئاستىدىكى بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئىنگىلىز تىلدا ئاڭلاتتى. ئۇ نۇتقىدا بىر قانچە كۈن ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان دوكىلاتى ھەقىقىدە ئالاھىدە توختالدى.
ئارقىدىن، ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر ئەپەندى ئۆزىنىڭ غايىب بولغان 19 ئائىلە ئەزاسىنىڭ ئىزدېرىكى قىلىش جەريانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى قىسىقچە سۆزلەش بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى جانلىق مىساللار بىلەن ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۆز ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ پاجىئە – قىسمەتنىڭ نۆۋەتتە مىليونلىغان ئۇيغۇر دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ جانلىق كارتىنسى ئىكەنلىكىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.
ئارقىدىنلا، جەنۇبىي موڭغۇلىيە قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى تېمىسلۇ شىبچۇد ئەپەندىم جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى موڭغۇللارنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان چىدىغۇسىز ئېغىر زۇلۇمنى راۋان خىتاي تىلىدا تونۇشتۇردى.
جازا لاگىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق ئۈزىنىڭ جازا لاگىردا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى. ئاخىردا ياشا ئۇيغۇر تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن ئەرىك ئابلىكىم سۆز قىلدى.
بۇ قېتىمقى نامايىش ئىككى سائەتتىن ئارتۇق داۋاملىشىپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. نامايىشتىن كىيىن، تىبەت، ئۇيغۇر، جەنۇبىي موڭغۇلىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قايتىدىن باش قوشۇشۇپ، خىتايغا قارشى بۇنىڭدىن كېيىنكى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشتا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرنى بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
بۇ قېتىمقى نامايىش خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئوخشاش تەقدىرلىك ئۈچ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ گوللاندىيەدە تۇنجى قېتىم بىر يەرگە يىغىلىپ، بىرلىكتە – بىر سەپتە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى قىلغان تەسىرى زور بولغان پائالىيەت ھېسابلىنىدۇ.






يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 04-كۈنى