ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
بۈگۈن 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ داڭلىق پېشۋالىرىدىن بىرى بولغان مەشھۇر شائىر، مائارىپچى، ژۇرنالىسىت ۋە جامائەت ئەربابى، «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنى بىر–بىرىگە تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك» دېگەن پەخىرلىك نامنىڭ ئىگىسى بولغان نىمشېھىت ئەرمىيە ئېلى سايرامى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتى تەرپىدىن خورلىنىپ بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنى چۇڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئىتىش بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ۋە مەنىۋى ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىش- ئىزلىرىنى ئەسلەشنى بىر ۋىجدانى بۇرچۇم دەپ بىلىپ بۇ يازمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.

نىمشېھىت ئەرمىيە ئېلى سايرامى 1906-يىلى شەرقى تۈركىستاننىڭ باي ناھيىسى سايرام يېزسىنىڭ تېزەك قاغا كەنتىدە بىر مەرىپەتپەرۋەرئائىلدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلە مۇھىتى ئۇنىڭ ئىدىيسىنىڭ شەكىللنشىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
نىمشېھىت كىچىكىدىنلا زۇلۇمغا، جاھالەتكە قارشى ئىسيانكار روھنى يېتىلدۈرگەن ھەم بۇ خىل روھنى ھۆرلۈككە ئىرشىشنىڭ، مەرىپەتلىك بۇلۇشنىڭ، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ خورىماس ئىنىرگىيسىگە ۋە ئىجادىيەتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان. ئۇ يېزىسىدىكى دىنىي مەكتەپتە ساۋات چىقارغاندىن كېيىن، 1922- يىلدىن 1928– يىلغىچە باي ۋە كۇچادىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلق قوشاقلىرى شەكلىدە يازغان «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قوليازما ھالەتتە ئەل ئىچىگە تارقالغان.
1929- يىلى ئۇ قەشقەرگە بېرىپ شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى «خانلىق مەدرىسە» دە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ «مادارا ئەئزەم» (چوڭ ياراشتۇرۇش) ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان «ئەنۋارۇلھۇدا» ( ھەقىقەت نۇرلىرى) ناملىق قەسىدىسىنى يېزىپ، شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئادالەتسىزلىكى ۋە مىللىي زۇلۇمنى ئېچىپ بەرگەن. بۇنىڭدىن ئەنسىرگەن جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى چەكلىگەن.
1933-يىلى قەشقەردە جىن شۇرۇن ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت ھۈكۈمرانلىقىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىنى پارتىلغاندا، ئەرمىيە ئېلىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشقان ھەم بىر قېتىملىق جەڭدە بوينىغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. شۇڭا، ئۇ دوختۇرخانىدىن ساقىيىپ چىققاندىن كېيىن يازغان شېئىرلىرىنى « نىمشېھىت » ( يېرىم جان ) دېگەن تەخەللۇس بىلەن ئېلان قىلغان. ئۇ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يېڭىچە مائارىپ ۋە ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن ئاكتىپ شۇغۇللانغان. 1936- يىلى 2– ئايدا «بىلىم ئىشقىدا» ناملىق مەشھۇر شىئېرىنى يېزىپ، پۈتكۈل ئورتا ئاسىيادا زىلزىلە پەيدا قىلغان.
1936-يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى << ئاقسۇ ئۇچۇرى >> ( كىيىن << ئاقسۇ گېزىتى>> گە ئۆزگەرتىلگەن) ناملىق گېزىت چىقارغاندا شائېر نىمشېھىت بۇ گېزىتتە 10 نەچچە يىل مەسئۇل تەھرىر بولغان. 1943-يىلى 9-ئايدا ئۇ شېڭ شىسەي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن ئاقسۇغا سۈرگۇن قىلىنغان شائىر لۇپتۇللا مۇتەللىپ بىلەن تونۇشۇپ، ئۇيغۇرمىللىتىنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدۇ.
قۇشۇمچە: نىمشېھىت ئەرمىيە ئېلى سايرامىنىڭ ئىنىسى كۆزگە كۈرۈنگەن مائارىپچى ئابدۇقادىر ئېلى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئوت يۈرەك ئىنقىلابچى شائىر لۇپتۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە گومىنداڭ ھۈكۈمىتى تەرپىدىن جادوغا بېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
نىمشېھىت بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى توپلاش، رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» ناملىق مەشھۇر داستاننى يېزىپ ئاقسۇ گېزىتىدە، كىيىن شىنجاڭ گېزىتىدە ئېلان قىلىغاندا خەلىق ئارسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغايدۇ. بۇ داستان خەمسەچىلىك شەكلى ۋە ئۇسلۇبىنى ئۈلگە قىلغان بۇلۇپ، دۇنياۋى ئۇلۇغ شائىر ئەلشىر نەۋائىدىن كېيىن بۇ ئۆلمەس تېمىنى ئۆزگىچە تەپەككۇر ۋە بەدىئىي ئىستىدات نۇرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ. 1948-يىلى ئۇنى ئۆز خىراجىتى بىلەن كىتاب قىلىپ باستۇرۇپ تارقىتىدۇ. ئۇ يەنەخەلىق ئارسىدىكى رىۋايەتلەر ئاساسىدا << لەيلى-مەجنۇن>>نى ئوپرا قىلىپ سەھنىلەشتۈرىدۇ. بۇ ئەسەر لۇپتۇللا مۇتەللىپنىڭ << غېرىپ-سەنەم>>، << تاھىر-زۆھرە>> ئوپرالىرى بىلەن بىللە ئاۋال ئاقسۇدا، كىيىن باشقا ناھىيلەردە سەھنىلەردە ئوينىلدۇ. ئارقىدىنلا ئۇلار << مىڭ ئۆي>> ۋە پەرھات شىرىن>> داستاننى سەھنىلەشتۈرۈشكە كىرشىدۇ. بىراق شائىر ئېغىر ئۆپكە ۋە مېڭە ئاغرىقىغا گىرىپتار بۇلۇپ قالىدۇ. دوستلىرى ئۇنى شۇ چاغدىكى ئاقسۇ ۋېلايەتلىك دوختۇرخانغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتكەندە، دوختۇر داۋالاشتىن باش تارتىپ << بۇ ئادەمنىڭ كىسىلى ئېغىر، قىرىق كۈنگە قالماي ئۈلۈپ قالىدۇ، بۇنى دەرھال ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ قۇلىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭلار!>> دەپ ھۈكۈم چىقىرىدۇ. ئاقسۇ گېزىتخانسى داۋالاشتىكى چىقىمىدىن قېچىپ شائىر نىم شېھىتنى ئىشتىن بۇشتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شائىر قۇلىدا بار مال-مۈلۈكنى سېتىپ ئۇنىڭ پۇلىغا كىرا قىلىپ 1945-يىلنىڭ ماي كۈنلىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتى باي ناھىيەسنىڭ تىزەك قاغا كەنتىگە يىتىپ كىلىپ ئۇيغۇر تىبابىتى بۇيچە داۋالىنىدۇ. ئاللاھنىڭ شىپالىق بىرىشى بىلەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ.
1945-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقى تۈركىستان ھۈكۈمىتى مىللىي ئارمىيە باش قۇماندانلىق شىتابى شەرقى تۈركىستاننى گومىنداڭ تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىدىن ئازات قىلىش ئۈچۈن ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش توغرىسدا قارار چىقرىدۇ. بۇ قارارغا ئاساسەن 1945-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى گېنىرال سۇپاخۇن سوۋۇرۇف ئاتلىق قۇشۇننى باشلاپ ئاقسۇغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاتلىق پارتىزانلار ئەتىرتى ئۈچ يولغا بۈلۈنۈپ باي ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلىپ باي ناھىيسىنى ئازات قىلىدۇ. نىمشېھىت 1945- يىلى 10- ئايدا، «شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى» نىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن قىسمى بىلەن بىللە غۇلجىغا بارىدۇ ھەم مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابى تەشكىل قىلغان «تارىخ يېزىش» ئىشخانىسىدا ئشلەيدۇ. 1948-يىلى «ئىتتىپاق» ژورنىلى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە، ئۇ «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» داستانىنى تولۇقلاپ يېزىپ، «ئىلى گېزىتى» دە ئېلان قىلىدۇ. ھەم ئۆز خىراجىتى بىلەن 3000 نۇسخا باستۇرۇپ تارقاتقان. ئۇ بۇ جەرياندا شېئىرىيەت بىلەنلا شۇغۇللىنىپ قالماي، يەنە سەھنە ئەسىرى ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللانغان.
1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتى شەرقى تۈركىستاننى ئىشخال قىلپ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا غۇلجىدىن يۇرتى بايغا قايتىپ كېلىپ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئاددىي پۇقرالىق تۇرمۇشىنى كەچۈرگەن ھەم داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1956- يىلى خىتاي ھەج ۋەكىللەر ئۆمىكى تەركىبىدە 10 غا يېقىن دۆلەتتە زىيارەتتە بولغان. شۇ قېتىمقى سەپەر جەريانىدا، ئۇ «سېغىندىم» ناملىق مەشھۇر شېئىرىنى يېزىپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.
نىمشېھىت ئۈزىنىڭ 43 يىللىق ئىجادى ھاياتىدا نۇرغۇن شىئېرلارنى، باللادا، داستان، ئوپرالارنى يازدى. ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، ئارزۇ ۋەزىنىلىك شېئىر شەكلىنى مەزمۇن جەھەتتە يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىرىنى كۈيلىگەن. ئۇنىڭ شىئېر–داستانىلىرى تىلىنىڭ راۋانلىقى، چۈشنىشلىكلىكى، تۇراق ۋە رېتىملىرىنىڭ تەڭكەشلىكى، قاپىيىلىرىنىڭ توق ۋە گۈزەللىكى جەھەتتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئۈچۈن ياخشى نەمۇنە بولغان. شائىر ھەرخىل ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلنىپ، ئۆز پىكرىنى چوڭقۇر شېئىرىي ھېسسىيات ۋە جانلىق شېئىرى ئوبرازلار ئارقىلىق ئىپادىلىگەن. شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا بىر قولىغا قەلەم، بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى ئۇنىڭ كۈرەشچان، جەڭگىۋار ھاياتىنىڭ تىمسالى…
ئەپسۇسكى، شائىر زور ئىجادىي قىزغىنلىق بىلەن «مىڭ ئۆي ۋە پەرھات–شېرىن» داستانىنى ئاخىرقى قېتىم تولۇقلاپ يېزىپ بولۇپ، «گۆر ئاغزىدىن يانغاندا» ناملىق شىئېرىي رومانى ۋە «يۈسۈپ – زىلەيخا» داستانى ئۈستىدە جىددىي ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە، ئاتالمىش << مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى >> قارا كۈلەڭگۈسى ئۇنىڭ قىممەتلىك ئىجادى ئەمگەكلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ مىسلىسىز خورلۇق ، ئازاب ئوقۇبەت ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچىراپ 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىدۇ.
شائىر ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ يەرلىكىدە ئارامخۇدا يېتىش ھۇقۇقىغىمۇ ئېرىشەلمىگەن. ئۇنىڭ مۇردىسى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەھىمسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتى تېزەك قاغۇدا يېتىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسىمۇ، ئارزۇسىغا يېتەلمىگەن، ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئەقەللىي ۋەسىيەتنى ئورۇنداشقىمۇ ئامالسىز ئىدى. ئۇ زار-زار يىغلىغان ھالدا ئەترەت كاتىۋاشلىرىغا تاۋۇت ۋە نامىزىنى چۈشۈرۈپ يەرلىككە قويۇشقا ئادەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئۇ چاغلاردا مەسچىتلەر چېقىپ تاشلانغاچقا، تاۋۇت ئەترەت ئىسكىلاتىدا ساقلىناتتى. يۈرىكى قازاننىڭ كۈيىسىدەك قارىداپ كەتكەن بىر قىزىل غالچا:
تاۋۇتنى بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى تاۋۇت زەھەرلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتىنى قەبرىستانلىققا قويۇشقا بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆلۈكلەرنى زەھەرلەيدۇ، -دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۆينىڭ بىردىنبىر مۈلكى بولغان كارىۋاتنىڭ پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ تاۋۇت قىلىنغان، «زەھەرلەنسىمۇ مەيلى» دەپ قارالغان «تۆت خىل ئۇنسۇر» دىن ئۈچ – تۆتى تاۋۇتنى كۆتۈرۈپ، مەھەللە ۋە قەبرىستانلىققا يىراق بولغان چۆل تاغ باغرىدىكى يۇلغۇن تۈۋىگە ئېلىپ بېرىپ كۆمۈپ قويغان.
تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سەرخىللىرنى يوق قىلىش سىياسى سۈيقەستى بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىر سىياسەت بۇلۇپ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئويغاق زىيالىلىرىنى تۈرلۈك باھەنىلەر بىلەن يوق قىلىپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ جازا لاگىرىدا ئىنسان قەلبىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بىز ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىمىز، ئۇلارنى ئۇنۇتمايمىز ۋە ئۇنتۇلدۇرمايمىز.
مەنبە:
شېرىپ نىيا خۇشتار: «شەرقى تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر»
نەبىجان تۇرسۇن: «ئۇيغۇر ئۇمۇمى تارىخى»، 5-توم
توردىكى باشقا مەنبەلەر
يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى