ئىش ئۆملۈكتە ، كۈچ بىرلىكتە .
ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىلىردىن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئامىستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ ۋەتىنىم، مىللىتىم ئالدىدىكى ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇمنى، مەسئۇلىيتىمنى، مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلىشقا تۈرتكە بولغان، ماڭا ئىلھام بەرگەن ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى ئامىستېردام دام مەيدانىغا يىللارچە قىش-ياز، ئىسسىق-سوغاق، قار -يامغۇر دىمەي ئىزچىل تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىۋاتقان كىشلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىللىرى دۆلىتى تاجاۋۇزچىلار تەرپىدىن مۇستەملىكە قىلىنپ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرغانلار، بەزىللىرى مۇستەبىت، دىكتاتۇر ھاكىمىيەت تەرپىدىن ئۆز خەلقىنىڭ كىشلىك ھۇقۇقى دەپسەندە قىلىنغانلار بولسا، يەنە بەزىللىرى ئۈزى بىلەن ھىچبىر يا مىللەت يا دىنىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنسانپەرۋەر كىشلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ پائالىيتىنى ناھايتى ئىنىچكە كۈزەتتىم ۋە ئۇلار بىلەن ئۇلارنىڭ پائالىيتى ھەققىدە سۆھبەتمۇ ئېلىپ باردىم. ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ئۈزىنىڭ ئىنسانىلىق بۇرچىنى ئاداقىلۋاتقان، ئۈزى بىلەن ھىچبىر مىللەت ۋە دىنىي قېرىنداشلىقى بولمىغان گوللاندىيەلىك كىشلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىللىرى ئىدى. ئۇلاردىن بىرەيلەننىڭ ناھايتى تەبىيلىك بىلەن ئېىيتقان << مەن كىشلىك ھۇقۇقى دەپسەندە قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىمكانىيتىمنڭ يىتىشچە ئىنسانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلىپ كىلىۋاتمەن>> دىگەن بۇ ئاددى ئەمما ناھايتى تەسرىلىك سۈزى ھەقىقەتەن قەلبىمگە كۈچلۈك تەسىر قىلىپ مىنىڭمۇ ئۆز مىللىتىمنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلشىمغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ نامايىشدىن ئۆرنەك ئېلىپ پۇختا تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى تىنىچ شەكىللىك نامايىشىمنى باشلىدىم. نامايىش جەريانىدا خەلىقئارا قانۇن ئوقۇغان بىر كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ماڭا : << سەن نامايىش قىلىش بىلەنلا قالماي بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللىندىغان ئىمزالىق جەدىۋەلگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئىمزا قۇيۇش پائالىيتىنى بىللە ئېلىپ بارساڭ قىلغان نامايىشىڭنىڭ تېخىمۇ قىممىتى بۇلىدۇ. سەن توپلىغان ئىمزا مەلۇم چەككە يەتكەندە ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىپ بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلنى ئىۋەرتىپ بەرسەڭ ئۇلار سىلەرنى قۇبۇل قىلىپ مەقسىدىڭلارنى ئاڭلايدۇ ۋە سىلەرنىڭ ئىمزا توپلاپ قىلىشتكى تەلىپىڭلارغا جاۋاب بىرىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سەن پىلانلىق ئىش قىلىشنىڭ سېستىمىسنى بىلشىڭ كېرەك ۋە شۇ سېستىما ئىچىدە ھەركەت قىلىشىڭ كىرەك >> دىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلنى لايىھەلىتىپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئالاقىلاشتىم. دولقۇن ئەيسا بۇ پىكىرىمنى قوللاپ : << مەن ئاۋال بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلنى كۈرۈپ باقاي، تۈزتىشكە تىگىشلىك يەرلىرى بولسا تۈزتىپ بىرەي، ئاندىن سەن ئىمزا توپلاشنى باشلا، مەلۇم چەككە يەتكەندە قۇرۇلتاي نامىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللاپ بىرەيلى >> دىدى. دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ سۈزلىردىن شۇنداق سۈيۈنۈپ رەھمىتىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم.

بۇ ئىمزا توپلاش جەدىۋىلدە شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىنى تاقاش، ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قۇيۇپ بىرىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى. دولقۇن ئەيسا بۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈرۈپ تۈزتىشكە تىگىشلىك يەرلىرىنى تۈزىتىپ بەرگەندىن كىيىن، بۇ ھەقتە پىدايىلار ئېكرانىدا نەق مەيدان سۆھبىتى قىلدىم. دولقۇن ئەيسا، رۇشەن ئابباس خانىم قاتارلىق بىرقانچىلغان پائالىيىتچىلەرنەق مەيدانغا تېلفۇن قىلىپ بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيتىنىڭ ئەھمىيتىگە يۇقۇرى باھا بىرىپ ئۈزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ھەتتا دولقۇن ئەيسا ئامىستېردامغا ئالاھىدە كىلىپ پائالىيتىمنى قوللاپ ئۈزىمۇ ئىمزا قويۇپ سانى 10000 گە يەتكەندە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يىتەكچىلكىدە ب د ت كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يەتكۈزۈپ بىردىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنىدى. 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئورۇنلاشتۇرشىدا جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا بەش مىڭ كىشلىك << ئۇيغۇر ئەركىنلىك كارۋىنى>> نامايىشى تەشكىللىگەندە ، مەن دولقۇن ئەيسا بىلەن كۈرۈشۈپ، بۇ نامايىش بىر تارىخى نامايىش بولدىغان بولدى، ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا بۇنداق غايەت زور نامايىش ئېلىپ بېرىلمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئىمزال توپلاش پائالىيتىنى دۇنيا خارەكتېرلىك كىڭەيتەيلى دەپ تەكلىپ – پىكىرىمنى بەردىم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتاينىڭ قىلدىغان ئىشى كۆپ بۇنىڭغا يىتىشىپ بۇلالمايمىز دىدى. ئۇنداق بولسا مەن قۇرۇلتايغا ھەمكارلىشىپ بۇ ئىمزا توپلاش جەدىۋېلىنىڭ پ د ف نۇسخىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا توردىن ئىۋەرتىپ بىرەي. ئۇلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە ئىمزا توپلاپ نامايىشقا ئالغاچ كەلسە، ئەڭ كەم دىگەندىمۇ 30 مىڭ ئىمزا توپلىيالايمىز.بۇ ئارلىقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دەرھال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتى بىلەن ئالاقە قىلىپ بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلنى تاپشۇرۇپ بىردىغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتسا بولغۇدەك دىسەم، دۇلقۇن ئەيسا يۇقىلاڭ باھانىلەر بىلەن بۇ پىكىرىمگە قۇشۇلمىدى. مانا ئەمدى 4 يىل ئۆتكەندىن كىيىن بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا يەنە نامايىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇپ توردا 30 مىڭ ياۋرۇ ياردەم پۇلى يىغدىغانغا سەپەرۋەرلىك قىلدى. بىز تور دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلاتلىرىنىڭ مەلۇم بىر نىشان- مەقسەت ھەققىدە ئىمزا توپلاش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۈرۈپ تۇرۋاتىمىز ۋە ئىمزامۇ قۇيۇپ كىلىۋاتىمىز. ئىمزا قۇيۇپ ئاخىرىغا كەلگەندە بىزگە ئىقتىسادى ياردەم قىلىڭ دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىپ كىلىۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا : << بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلسۇن! شەرقى تۈركىستانغا زىيارەتكە بارغاندا جازا لاگىرى شاھىتلرىنى بىللە ئېلىپ بارسۇن! تۈرمىلاردىكى، جازا لاگىرىدا بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئۇيغۇر سەرخىللىرى بىلەن بىۋاستە كۈرۈشسۇن! ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ئۈچۈن ئەملىي ھەركەت قىلسۇن! غايىپ بولغان ئورۇق-تۇققانلرىمىزنىڭ ئىزدېركىنى سۈرۈشتە قىلسۇن!>> دېگەن تەلەپلەر ئاستىدا ئىمزا توپلاش پائالىيتى ئېلىپ بېرىپ ئاندىن بىزگە ئىقتىسادى ياردەم قىلىڭ دىسە تېخىمۇ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى. ئەمما ئۇنىڭ بىۋاستە ئىقتىسادى ياردەم تەلەپ قىلىشى شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك ھەقلىق دەۋانى خۈنۈكلەشتۈرۋېتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنىمۇ چۈشۈرۋېتىدۇ. ھەتتا بۇ مىللەتنىڭ دەردى پۇل ئىكەن دىگەندەك سەلبى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. توپلانغان ئىمزالار دەلىل-ئىسپات سۈپتىدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشتا ۋە دەۋا يولىدىكى غايە-نىشانلىرىمىزغا يېتىشتىكى بىر ۋاستە، شۇندقلا ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىىقاتچىلار ئۈچۈنمۇ پايدىلنىش قىممىتى بولغان بىر ئىسپات بولالايدۇ. ئەمما پۇلچۇ؟


2022-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تۈركىيەدە نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ زىيانكەشلىكدە غايىب بۇلۇپ كەتكەن ئورۇق – تۇققانلىرىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىپ ئىزچىل نامايىش قىلىپ كىلىۋاتقان بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدا «جازا لاگىر قۇربانلىرى مۇنبىرى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتىنىڭ باشلىقى مىشېل باچىلىتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھارپىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كېڭىشىگە سۇنغان ئەرىز توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. بۇ پائالىيەت مەيلى تەشكىللەش جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئۈنۈم جەھەتتىن بولسۇن دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر دەۋاسى يۇلدىكى بىر يېڭىلىق بولدى.

پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى دۇنيا كۈنتەرتىپىدە بولىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىدىن ھازىر ئوكرائىنيا ئورشىغا مەركەزلىشىپ قالدى. دۇنيانىڭ دىققىتنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا قارتىش ئۈچۈن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىكىدە 2022-يىلى 5-ئايدا مىيۇنخىندا ئېچىلماقچى بولغان 2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭشىنى ۋاقتىنچە كىچىكتۈرۈپ ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ بۇنىڭغا كىتىدىغان ئىقتىسادتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ نۇقۇل نامايىش قىلىشتەك ئەنئەنۋى ئۇسلۇبنى ئۆزگەرتىپ جازا لاگىر شاھىتلىرى ، شۇنداقلا ئاتا-ئانسى، ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىپ ئىزچىل نامايىش قىلىپ كۆزگە كۈرۈنگەن بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇرلار پائالىيەتچىللىرنى تەشكىللەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ، ياۋرۇپا ئىتىپاقى، ئامېرىكا ئاق ساراينىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش بىرگە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللىندىغان ئىمزالىق جەدىۋەلگە دۇنيا خارەكتېرلىك ئىمزا توپلاش ھەركىتى ئېلىپ بارسا تېخىمۇ ياخشى نەتىنجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرىتكە بۇلاتتى. مەن سىلەرنىڭ بۇ ھەركىتڭلارغا ئاۋاز قۇشۇپ ئەمىلىي ھەركىتىم بىلەن قوللايمەن، شۇنداقلا ئۈزەم توپلىغان 10 مىڭ ئىمزانى سىلەرگە بىرىمەن.
<< سەۋەب قىلساڭ سىۋەتتە سۇ توختايدۇ>> دىگەندەك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتىنىڭ باشلىقى مىشېل باچىلىتنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ھارپىسىدا دۇنيا خارەكتېرلىك يەنە بىر قېتىم بىر ئاخبارات ئېلان قىلىش ھەركىتى قوزغاش ئېلىپ بېرىلسا بەلكى بۇ ھەركەت بىرەر تارىخى خارەكتېرلىك نەتىنجىنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغۇسى.
2022-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى