2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭشى رەھبەرلىرىگە ئۇمۇمى چاقىرىق

2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭشى رەھبەرلىرىگە ئۇمۇمى چاقىرىق

مۇتلەق مەخپى ھۆججەت زادى كىمنىڭ؟

ئەلنىڭ غېمىنى يىگەن ئەر ئۆلمەس.

ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

مەن ئىزچىل سۈرۈشتىسنى قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەت 30 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ، جازا لاگىردا ئئىنسان قېلپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئەركىنلىككە ئىنتىلۋاتقان شۇ خەلقىمنىڭ،شۇ خەلقىمنى قوينىداا بېقىپ چوڭ قىلغان، روھىغا  ئۇيغۇرلۇق روھى سىڭدۈررۈپ  ئۇيغۇرلۇقنى بەخشەندە قىلغان، خىتاي تاجاۋۇزلىررىغا تارىختىن بۇيان قانلىق كۈرەشلەرنى قىلىپ قان بىلەن بۇيالغان شۇ زىمىننىڭ ھۆجىتى. شۇنداقلا دىياسپۇرادا «ئۇيغۇر»، «شەرقى تۈركىستان» دىگەن ئىسىمدا تەشكىلات قۇرۇپ دەۋا قىلىشمىزنى دەلىل -ئىسپاتقا ئىگە قىلغان ۋە بىزنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەركىتىمىزنىڭ قىبىلنامىسى بۇلۇشقا ئەڭ كۈچلۈك ماددى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن، شۇنداقلا خەلىقئارادا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلغان مۇھىم ھۆججەت.شۇنداقلا دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئورتاق بىر قىممەت قارشىدا  بىر-بىرىگە چەمبەرچاس باغلاپ تۇرغان بىر رىشتە. مەن  ھەرقېتىم مۇشۇ ھۆججەت ھەققىدە بىرەر سۇئال ۋە يازما يازسام بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بۇ ھۆججەت ھەقىقەتەن مۇھىم ھۆججەت بۇلۇپلا قالماي بۇ ھۆججەت مىللەتنىڭ ئورتاق ھەققى، شۇڭا  ئەركىن ئالىپتېكىن چۇقۇم مىللەتكە قايتۇرۇپ بىرشى كېرەك دەپ مېنى قولىسا، يەنە بەزى بىرقىسىم  ئۈزىنىڭ نىمە ئۈچۈن چەتئەللەردە سەرسان-سەرگەردان بۇلۇپ يۈرۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمايدىغان، ھەق-ناھەق تۇيغۇسى ئۆلگەن، جىسمى ئۇيغۇر روھىيدىن مەھرۇم قالغان، ئۇيغۇرلۇق زېھنىيتىڭ ئورۇننى  خىتاي زېھنىيتى قاپلاپ كەتكەن ئىنسانلار سەن يەنە كونا ئىشلارنى تارتىپ چىقىپ پىتنە تېرىپ جىدەل چىقىرۋاتسەن؟ قىلدىغان ئىشىڭ يوقمۇ؟ بۇنداق بىر ھۆججەتنى كۈتۈرۈپ چىقساڭ شەرقى تۈركىستاننى ئازاد قىلۋەتكىلى بۇلامتى؟ دەپ ماڭا ھاقارەت شەكىللىك ھۇجۇملارنى قىلىپ مېنى بۇ «مۇتلەق مەخپى ھۆججەت» نىڭ سۈرۈشتىسنى قىلشىمغا چىش تىرنىقىغىچە قارشى تۇرۋاتقانلارمۇ بار. ھەي مېنى بۇ << مۇتلەق مەخپى ھۆججەت >> نىڭ سۈرۈشتسنى قىلىشدىن تۇسۇس ئۈچۈن ماڭا تۈرلۈك تۆھمەتلەرنى قىلۋاتقانلار نۇمۇس قىلىش. بۇ مەخپى ھۆججەت ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن جەمەتىنىڭ شەخسى زىمىننىڭ ھۆججىتى بولغان بولسا منىڭ سۈرۈشتە قىلىش ھەققىم يوق. ئەمما بۇ ھۆججەت مىللەتنىڭ ئورتاق زىمىنى بولغان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مىراسى. سەن ئاتا-ئاناڭدىن قالغان زىمىننىڭ مىراس ھەققىدىكى ھۆججىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلىسەنيۇ، ئەمما 30 مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ئورتاق زىمىنى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ خېتىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەمسەن؟ قېنى سەندىكى ۋىجدان؟ قېنى سەندىكى مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت؟ قېنى سەندىكى مىللەت ئالدىدىكى مەجبۇرىيەت؟ سەن ئەسلىدە بۇ سۇئاللارنى ئەيسا يۇسۇپ جەمەتىدىن، دولقۇن ئەيسادىن، ئۈمەر قانات، ئەركىن ئەكرەم، مەمەت توختى قاتارلىقلاردىن سورىساڭ بۇلاتتى.

بۇ ھۆججەتنىڭ زادى قانچىلىك قىممىتى بار؟    خەلىقئارالىق داڭلىق ئادۋۇكات ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى گوللاندىيەدىكى خەلىقئاراجىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرىز قىلش ئىشغا مەسئۇل بولغان داڭلىق ئادۋۇكات دېكسۇن بۇ مەخپى ھۆججەتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمغا جاۋاب بىرىپ << بۇمەخپى ھۆججەت شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى خەلىقئارا سوتقا ئەرىز قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال>> دىدى. ھەي قەدىرلىك مىللىتىم، خەلقىم بۇ ھۆججەتنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بۇ ھۆججەتنىڭ سۈرۈشسىتسنى قىلغانلىقىمغا قارشى تۇرۋاتقانلار بەكرەك بىلەمدۇ ياكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان بىر داڭلىك ئادۋۇكاتمۇ؟ ئەقلىڭلار، ۋىجدانىڭلار بىلەن ئويلاپ بېقىڭلار. تارىخى نوقتىدىن بىر مىللەتنىڭ تارىخغا مۇناسىۋەتلىك بىر ۋاراقچىنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى موزىخانلارنى زىيارەت قىلىپ باققانلار ھىس قىلالايسىلەر. ۋەتىنىمىزدە خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى ئۇيغۇرلارغامۇناسىۋەتلىك بارلىق ماددى ۋە مەنىۋى قىممەتكە ئىگە تارىخى ئىزلارنى، ۋەسىقىلەرنى يوق قىلىۋەتتى. بىز ئۇلارنى قوغداق قالالمىدۇق، ساقلاپ قالالمىدۇق. بىز ئەسلىدە بۇ نەرسىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ  كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بىرش بىزنىڭ تارىخ بۇرچىمىز ۋە مەسئلىيتىمىز، مۇقەددەس ۋەزىپىمىز ئىدى. ئەپسۇس خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى بىزنى بۇ شەرەپلىك ئىشمىزدىن مەھرۇم قىلىپ ئەۋلاتلار ئوتتۇرسىىكى بىزنى تۇتاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان كۆۋرۈكنى يوق قىلىۋەتتى. خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقى سەۋەبىدىن ۋەتەندىكى كىيىنكى ئەۋلاتلار ئۇيغۇرچىنى ئوقۇيالمايدۇ ھەم سۆزلىيەلمەيدۇ. ئۇلارنى ئانا تىلى مەجبۇرى خىتايچە  بۇلۇپ كەتتى. ئۇلار كەلگۈسدە ئۈزنىڭ مىللىي كىملىكىنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ كىمنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكىنى پەقەت خىتايچە يېزىلغان تارىخى كىتابلاردىن ۋە ۋەسىقىلەردىن ئۇقۇپ ئۈزنىڭ كىم  ئىكەنلىكىنى، قايسى زىمىننىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى چۈشنىپ ئۈزدىكى ئۆزلىك تۇيغۇسى شەكىللىندۇ. شۇڭا ئەيسا يۈسۈپ جەمەتى 73 يىلدىن بۇيان مىللەتنىڭ ئامانىتى بولغان ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قۇرغۇچىللىرىمۇ ئىزدېرىكىنى قىلمىغان بۇ سىرلىق «مۇتلەق مەخپى ھۆججەت» بىزنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يۇلىدا ۋە كىيىنكى ئەۋلاتلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئەڭگۈشتەر ھۆججەت.

بىز ۋەتىنىمىزگە ئىگە چىقىش بىلەن بىرگە ۋەتىنىمىزنىڭ قىممەتلىك تارىخى ئىسپاتلىرىغا، ماددى ۋە مەنىۋى قىممەتلىرىگىمۇ ئىگە چىقىشىمىز كېرەك.ئەركىن ئالىپتېكىن دادام ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىندىن  قالغان قارا ساندۇقتا «مۇتلەق مەخپى ھۆججەت » نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنە  نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخى ماتېرىيال بار. مەن بۇ ماتېرىياللارنى ۋاقتى كەلگەندە دۇنياغا ئاشكارلايمەن، ھەتتا ئىشەنچىلىك ئادەم چىققاندا بۇ قارا ساندۇقنى ئېچىپ ئىچىدىكى بارلىق قىممەتلىك تارىخى ۋەسىقىيلەرنى تىزىملاپ مىللەتكە تاپشۇرۇپ بېرىمەن  دىگەن ئىدى.  ھۆرمەتلىك ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىم  73 يىلنىڭ ياقى بۇ قارا ساندۇقنى ئاچىدىغان ئىشەنچىلىك ئادەم چىقمىدىمۇ؟ بۇ ھۆججەتنى ئاشكارلاشنىڭ ۋاقتى كەلمىدىمۇ؟  سىزنىڭمۇ يېشىڭىزمۇ 80 دىن ئېشىپ كەتتى. ئۈلۈم-يىتىم ھەركىمنىڭ بېشىدا بار. سىز ھايات ۋاقتىڭىزدا بۇ ھۆججەتلەرنى سىز بىر قوللوق قۇرۇپ چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا، جۈملىدىن سىز يىتىشتۈرۈپ چىققان  شاگىرىتلىرىڭىزدىن دولقۇن ئەيسا، ئۈمەر قانات، ئەركىن ئەكرەملەر ئارقىلىق تىزىملاپ تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز.

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بۈگۈن كەچ يەنى 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچ سائەت 8 دە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ تور تېلۋېزىيەسىدە، دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدە مىيۇنخندا 5-ئايدا ئېچىلماقچى بولغان 2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭشىنىڭ ھەققىدە سۆھبەت بار ئىكەن. بۇ سۆھبەتتە ھەرقانداق ئۇيغۇرنىڭ جۇملىدىن شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى بولسا قۇبۇل قىلىمىز دەپتۇ. پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى دۇنيا ئۇيغۇر رەھبەرلىرىگە تەكلىپ سۇنۇپ ئۇلارنىڭ ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن كۈرشۈپ قارا ساندۇقتىكى قىممەتلىك ماتېرىياللارنى تىزىملاپ تاپشۇرۇپ دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارغا  جاۋاب بىرىشكە  چاقىرىق قىلىمەن. ھەم بۈگۈنكى سۆھبەتتە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بىرشىنى ئۈمىت قىلىمەن. << قۇياش يىيىشكە بولمايدىغان نان، ۋەتەن بىرىشكە بولمايدىغان جان>> ۋەتەننى بىرىپ قويدۇق، ئەمما ۋەتىنىمىزنىڭ ھۆججىتى بولغان مۇتلەق مەخپى ھججەتنى بىرىپ قويمايلى. قايتۇرۇپ ئالايلى. ئەمدى خەلىقنى ئالدايمەن دىگىنىڭ- ئۈزەڭنى ئالدىغىنىڭ. خەلىق ئېيتماس، ئېيتسا خاتا ئېيتماس. قېنى ئۇيغۇرۇم قالغىنىغا سىز بىر نىمە دەڭ!

2022-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى