دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە يۇقىلىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى»

دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە يۇقىلىش خەۋپىگە دۈچ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى»

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

1999-يىلى 17- نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەھكىمسى يىغىن ئېچىپ 2- ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.

دۇنيا ئانا تىل كۈنىنىڭ ئەسلى نامى ئانا تىل ھەرىكىتى كۈنىدۇر. بۇ كۈن ئەسلىدە بېنگال تىلىنى قوغداش يولىدا ساقچىلارنىڭ ئوقىدا قۇربان بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ كەلگەن. 1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستانغا تەۋە بولۇپ، خەلق بېنگال تىلىنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنى ساقچىلار بىر توپ نامايىشچىغا ئوق چىقارغان ھەم نەق مەيداندا بەش ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان. بېنگال دۆلىتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن بۇ بەش نەپەر «تىل قەھرىمانى»ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن.

ب د ت ماقۇللىغان مەزكۇر قارارنامىدە ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش، ئانا تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، تىللارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سەرخىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.

سىتاتىستىكا قىلىنىشچە پۈتۈن يەرشارىدا جەمئىي 7000 دىن كۆپ تىل بار بولۇپ، بۇ تىللارنىڭ 96% ىنى پەقەت 4 پىرسەنت ئىنسان قوللىنىدىكەن. ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددى مىراس ئىشلىرى مەسئۇلى سىمىس دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپ تىللارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر تىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلمىسا، يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت نەچچە يۈز تىل قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق ئىشلىتىش تارىخى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ تۇرپان ئاستانىدىن قېزىلغان بىر قەدىمىي  قەبرىدىن مىلادى 480-يىلى يېزىلغان بىر ھۆججەت بايقالغان بۇلۇپ بۇ ھۆججەت سوغدى يېزىقى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە يېزىقتا يېزىلغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار  740 -يىلى قۇرغان ئۇرقۇن-ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋىرىدە ئىشلىتىپ كەلگەن ئۇرقۇن-يېنسەي دەرياسى بۇيدىكى مەڭگۈ تاش پۈتۈكلىرىدىكى ئۇرخۇن-يېنسەي يېزىقلىرىدىن  تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان يېزىقلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقلىرى تارىختا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيتىنڭ تەرەققىىياتىغا ناھايتى زور تۆھپىلەرنى قوشىقان.13 -ئەسردە بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر پىداگوك تاتا تۇڭا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقىنى ئىجات قىلغان بولۇپ، موڭغۇللار ۋە مانجۇلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن،  موڭغۇللار تا ھازىرغىچە بۇ يېزىقنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

 11-ئەسىردا ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى يازغان <<تۈركى تىللار دىۋانى >>،   يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان << قۇتادغۇ بىلىك>>  قاتارلىق كاتتا ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلدا يېزىلىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى.  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەھكىمسى 2008-يىلنى  << دۇنيا مەھمۇد كاشغەرى يىلى >> قىلىپ بېكىتكەنىدى.

ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى، ۋەتەن ئىچى ۋە  سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، ئۇيغۇر تىلى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تەسىردە يۇقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ تىلىمىزنى قوغداش تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى، شۇڭا بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ۋە ئۇنىڭ رۇھىنى جانلاندۇرۇش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆز تىلىدا سۆزلەش، يېزىش،  كىتاب نەشر قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلدى. يازغۇچىلار ئانا تىلدا كىتاپ يازغانلىقى ئۈچۈن جازا لاگىرىغا قامالدى. مىليونلىغان بالىلار، ياشلار، ھەتتا چوڭلار ھەر خىل سىنىپ ۋە لاگېرلارغا سولىنىپ خىتايچە ئۈگىنىشكە مەجبۇرلاندى. ھەر ساھەدە يەكلەنگەن ۋە چەكلەنگەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە بۇ تىلغا ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى مۇھاجىرەتىتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش مۇھاجىرەتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ زىممىسگە چۈشتى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئانا تىلنى قوغداش سادالىرى كۈچەيدى.  ئاناتىل مەكتەپلىرى قۇرۇلدى، تورلاردا ئانا تىل دەرىسى بۇيچە تەربىيلەش كۇرۇسلىرى ئېچىلدى. دۇنيادا كۆپ قوللىنىلىدىغان 100 تىل تىزىملىكىدە 98-ئورۇندا تۇردىغان ئۇيغۇر تىلنى قوغداش ۋە بۇ تىلغا ۋارىسلىق قىلىش دىياسپۇرادىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ زىممىسگە چۈشكەن مۇقەددەس ۋەزىپە بۇلدى. ھەربىر ئۇيغۇر مەنلا ھايات بولسام بۇ تىل مەڭگۇ يۇقالمايدۇ دىگەن ئىدىيەدە ھەركەت قىلدىغان زامان كەلدى.

2022-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى