مەمتىمىن ئەلا بىلەن ئابدۇۋېلى ئايۇپقا ئوچۇق خەت

مەمتىمىن ئەلا بىلەن ئابدۇۋېلى ئايۇپقا ئوچۇق خەت

 

(مۇنازىرە قىلىش ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم يولىدۇر)

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

زىيالىنىڭ ئىدىيسى ئۇنىڭ كۈرەشلىرىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى

پىئېر پوردۇ — فىرانسىيە

 

دوكتۇر مەمتىمىن ئەلانىڭ پىدايىلار ئېكرانىدا ئېلىپ بارغان  <<  ئىشەنچ كىرزىسدا بىز>> ناملىق نەق مەيدان سۆھبىتىدىن كىيىن تور دۇنياسىدا كۈچلۈك بىر غۇل-غۇلا بولدى.  بۇ سۆھبەتكە قارىتا ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئۈزىنىڭ فەيىسبوك سەھىپىسدە << بىز ئىشەنچ كىرزىسدا ئەمەس>> ناملىق تەنقىدى يازما ئېلان قىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ ئىكەنكى ،  ئابدۇۋەلى ئايۇپ مەمتىمىن ئەلا بىلەن پىدايىلار ئېكرانىدا بىر ئىلمىي مۇنازىرە قىلماقچى بولغان، ئەمما مەمتىمىن ئەلا سەپەردە بولۇپ قالغاچقا، پىدايىلار ئېكرانىغا ئۆزى يالغۇز چىقىپ << بىز ئىشەنچ كىرزىسدا ئەمەس>> دىگەن تېمىدا لىكسىيە سۆزلىمەكچى بولغان ۋە ئەخمەتجانغا خەت يازغان بولسىمۇ ئىككى كۈن ساقلاپ جاۋاب ئالالمىغان.   ئەخمەتجاننىڭ بۇ ئىشى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك تەنقىد قىلشىغا ئۇچرىدى. مەن بىر كۈزەتكۈچى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن مەمتىمىن ئەلانىڭ << ئىشەنچ كىرزىسدا بىز>> نەق مەيدان سۆھبىتى بىلەن ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ << بىز ئىشەنچ كىرزىسدا ئەمەس>> ناملىق تەنقىدى يازمىسغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا دىققەت قىلىپ كەلدىم.

مەمتىمىن ئەلا بىلەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەرئىككىسى خىتاي مائارىپىدا  ھەم غەرپ مائارىپىدا  ئىلىم تەھسىل قىلغان زىيالى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى ھەرئىككىسى كۈچلۈك مۇلاھىزە ۋە تەنقىدى يازمىللىرى ۋە لىكسىيەلىرى  ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئىدىيە ۋە پىكىرلىرى بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىمۇ تەسىرى بار ۋەتەنپەرۋەر زىيالى.  مەن ھەرئىككىسىنىڭ يازمىللىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇپلا قالماستىن بەلكى لىكسىيەلىرىنىمۇ ئاڭلايمەن.  مەمتىمىن ئەلا فەيىسبوكتا يوق، بەلكى ئابدۇۋېلى ئايۇپنىڭ يازمىسىنى ئوقۇپ بۇنىڭغا قارىتا بىرەر يازما يېزىشنى  ياكى ئېكرانغا چىقىپ بىرەر ئىلمى مۇنازىرە قىلىشنىمۇ ئويلاشقاندۇ. بۇ تەرىپى ماڭا نامەلۇم. ئۇزۇن  يازمىلارنى كۆپ ئادەملەر ئوقۇپ كەتمەيدۇ. ئەمما سۆھبەتنى كۈردىغانلار بىر قەدەر كۆپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بىر يازمىنى ئۇيغۇر كونايېزىق، يېڭى يېزىق ۋە سىلاۋىيانچە ئېلان قىلمىسا ئورتا ئاسىيادىكىلەر ئوقۇپ چۈشنىپ كىتەلمەيدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئېغىز تىلى ھازىر چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ھەممىسى ئاڭلاپ چۈشنەلەيدىغان ئورتاق  تىل بۇلۇپ قالدى. شۇڭا بۇ ئىككى كۆزگە كۈرۈنگەن ، ئۈزىگە خاس ئىدىيسى ۋەپىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئىگە  زىيالىنى پىدايىلار ئېكرانىدا بىر ئىلمى سۆھبەت ئېلىپ بارسا نۇرغۇن مەسىللەرگە بولغان زىدىيەتلىك چۈشەنچىلەر ۋە ئوتتۇردىكى ئوقۇشماسلىقلار ھەل بۇلۇپ قالغۇسى دىگەن نىيەتتە بۇ تىمىنى يازدىم.

كۈچلۈك تەنقىدچىلىك ۋە كۈزىتىش روھىغا ئىگە بۇ ئىككى زىيالى دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى سەزگۈر مەسىللەردە داۋاملىق تەنقىدى پىكىر نوقتىسدا تۇرۇپ ئۈزىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئاشكارا ئىپادىلەپ كىلىۋاتىدۇ.  بىر جەمىيەتتە تەنقىد پىكىرلەر چۇقۇم بۇلشى كېرەك. بۇ دىگەنلىك ھەرگىزمۇ تەنقىد قىلدىم دەپ قۇرۇق سۈكۈش، چۈكۈرۈش، شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىلمى نۇقتىدىن شەخسكە ئەمەس بەلكى مەسىللەرگە، چۈشەنچىلەرگە قارىتا بۇلشى كېرەك.  ھازىر تور دۇنياسىدا كىچىكىنە بىر ئىشتىن پۇتاق تېپىۋالسا ئىلمىي تەنقىد ئېلىپ بارماستىن، شەخسنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈردىغان، يۈز ئابرۇيىنى چۈشۈردىغان، ھەتتا ئائىلە-جەمەتىگە قەدەر تىل ئاھانەت ياغدۇردىغان ئىشلار ئەۋىج ئېلىپ كەتتى. بۇ ئەھۋاللار كىشلەر ئوتتۇرسىدىكى نورمال مۇناسىۋەتكە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ بىر-بىرسىگە بولغان نارازىلىقنى، ئىشەنچىسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

يىغىپ ئېيىتقاندا ئۇيغۇرلاردا ئىلمىي مۇنازىرە ئەخلاقىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايۋاتىدۇ. ئالدىنقى ئايدا پىدايىلار ئېكرانىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش نەق مەيدانغا تېلفۇن قىلىپ، مەن بىلەن بىر مەيدان ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ باردىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن ئىدى. مەنمۇ ئۆز ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلار ئۈچۈن مۇھىم سۆھبەت بولىدىغان بولدى دەپ ئويلىغانىدىم. ئەپسۇس بۇ سۆھبەتنىڭ ۋاقتى ئېلان قىلىنىپ بولۇشىغا،  پەرھات يۇرۇڭقاش ئاكىمىز ئېكرانغا چىقىشنى رەت قىلدى. ئەگەر بىزدە مەسىللەرگە ئىلمىي نوقتىدىن قارايدىغان، ئوخشاش بىر مەسلىگە ئوخشىمغان نوقتىدىن تۇرۇپ پىكىر قىلدىغان مۇنازىرە ئەخلاقى شەكىللەنگەن بولسا << ئات كىشنىشىپ تېپىشار، ئادەم سۆزلىشىپ >> دىگەندەك، پىكىرداش، ئىدىيەداش كىشلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۇنۇشۇش پۇرسىتى بۇلاتتى ۋە دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەتچىلىك ئېڭىنىڭ شەكىللىنشىگە يول ئېچىلغان بۇلاتتى. بىز بۇنداق بىر يولنى ئاچمىساق قەتئى بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنازىردىن ئۈزىنى قاچۇرمايدىغان، مۇنازىرگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان، مەسىللەرنى ھەل قىلىشنىڭ يۇلىدا دادىل پىكىر قىلالايدىغان سەگەك،پىكىرى ئويغاق زىيالىلار چۇقۇم دادىللىق بىلەن ئېكرانغا چىقىپ بۇ يولنى ئېچىشى كېرەك. ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ دادىللىق بىلەن مەمتىمىن ئەلانىڭ لىكسىيەسىگە قارىتا تەنقىدى پىكىرنى ئۇتتۇرغا قۇيۇپ ئېكرانغا چاقىرىشىنى بىر يېڭىلىق، بىر جاسارەت ۋە ئارىمىزدىكى ئىلمىي مۇنازىرە كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇشنىڭ بىر باشلىنىش نۇقتىسى دەپ قارىدىم. بۇ ئىككى زىيالىنىڭ ئىلمىي مۇنازىرە قىلىش مېتودى ۋە ئەخلاقى بويىچە  يېڭىچە بىر مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا سەھنە ھازىرلايلى. پىدائىلار ئېكرانى بۇ جەھەتتە يەنىلا باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغاي.