7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيتىمدىن ۋاز كەچتىم

 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيتىمدىن ۋاز كەچتىم

خەلىقنى ئالدايمەن دىگىنىڭ ئۈزەڭنى ئالدىغىنىڭ

ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ۋاتىسئەپ توپىدا بولغان يېڭى سايلىندىغان ئەزالار ھەققىدە بۇلۇپمۇ قۇرۇلتاي رەئىسلىكگە بىرلا نامىزات يەنى دولقۇن ئەيسادىن باشقا نامزاتنىڭ بولمىغانلىقى ھەققىدىكى  ئىككى تەرەپ مۇنازىرسى، بۇلۇپمۇ دولقۇن ئەيسانى ناھايتى قابىلىيەتلىك دەپ قارىغۇلارچە باھا بىرىىپ ئامرىكا پىرىزىنتى دونالىد تۈرەم بىلەن سېلىشتۇرۇشتەك بىمەنە، ئەقىل قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سېلىشتۇرۇشلار مىنى دولقۇن ئەيساغا، قۇرۇلتاي سايلام كومتىتى رەھبەرلىرىگە، قۇرۇلتاي ۋكىللىرىگە قارىتا سۇئال قۇيۇشقا مەجبۇر قىلدى. تۈرەمپنىڭ كەينىدە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىللىرىنىڭ بۇلىشى 1. ئۇنىڭدا زۇڭتۇڭ بۇلىشىغا ماس كەلگۈدەك ئىقتىدار ۋە بىلىم، ئىقتىساد شۇنداقلا نەچچە يىللىق سىياسى تەجىرىبە بار.  2. دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەتى ئۈچۈن بارلىقىدىن كىچەلەيدىغان روھ ، خەلىقنىڭ ئالىي مەنپەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش، ئىزدىنىش روھىي بار.3. خەلىقنى قايىل قىلالىغۇدەك ئونۋېرسال ساپا كۈچى بولغاچقا نەچچە مىليۇن ئامرىكا خەلقىنىڭ ئالدىدا سايلامغا قاتنىشىپ ئۇتۇپ چىقىشى ئۈچۈن نەچچە نامزات بىلەن كەسكىن رىقابەتكە چۈشۈپ ئۈزىنىڭ قوللىغۇچىلغۇچىللىرىنى قايىل قىلپ ئۇتۇپ چىقالايدىغان ئىشەنچە ۋە جاسارەت بار. يەنە دىسەك بىرمۇنچە تەرەپلەردىن مىسال ئالالايمەن. ئەمما دولقۇن ئەيسادىچۇ؟ 1. شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈپ مەنپەتى بولغان ۋەتىنىمىزنىڭ  خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىدەك مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى ئىنكار قىلىپ دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەتىگە بىپەرۋالىق قىلشىچۇ؟. 2. ئۇنىڭ ئىنگىلىزتىلى ۋە گېرمان تىل سەۋىيەسى ۋە باشقا ئونۋېرسال سەۋىيەسىچۇ؟ 3. مىللەتنى قايىل قىلغۇدەك بىرەر لىكسەيە سۆزلەپ ياكى نەق مەيدانغا چىقىپ ئۈزىىڭ رىقابەتچىسىگە جەڭ ئېلان قىلىپ باقتمۇ؟ مەن دولقۇن ئەيسانى شۇنداق قوللىغان ھەتتا 2017-يىلىدىكى دوق ئىچكى ماجىراسىدا ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈچلۈك يازمىلارنى يېزىپ رابىيە قادىر، سىيتەم تۈرۈكنى تەنقىد قىلغان. سىيتەم تۈرۈك ھەتتا ماڭا تەھدىت  قىلىپ تۈركىيەگە كىلىشنى ئويلىشىپ باق ئىككى پۇتۇڭنى بىر ئۈتۈككە تىقىۋېتىمەن دىگەندىمۇ قۇلاڭدىن كەلگەننى قىل دەپ دولقۇن ئەيسانى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللىغان. ھەتتا بۇلتۇرغچە قوللاپ كەلگەن. ( بۇنى دولقۇن ئەيسا ئۈزىمۇ بەك ياخشى بىلىدۇ، ئەركىن ئەكرەم، تۇيغۇن ئابدۇۋەلى، غەيۇر قۇربان، ئەكرەم ھېزىم قاتارلىقلار ناھايتى ياخشى بىلدۇ ) مەخپى ھۆججەت مەسلىسنى كۈتۈرۈپ چىققاندىن كىيىن ئۇنىڭ كۈزىگە قادالغان مىخ بۇلۇپ قالدىم. مەخپى ھۆججەت مىنىڭ شەخسى زىمىنىمنىڭ ھۆججتىمۇ؟ ئۇ مىنىڭ ،سىزنىڭ، مۇشۇ توپتىكى داۋاگەرلەرنىڭ شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرغان نەچچە مىليۇن خەلقىمنىڭ زىمىننىڭ ھۆججتى. مۇشۇ ھۆججەت ھەققىدىكى سەتچىلىكنى ھەل قىلالما، بەلكى مەندەك بىر بۇ مەخپى ھۆججەتنى ئاشكارلاپ ئىزچىل دوق نىڭ جاۋاب بىرشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن  ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەتىگە ئاسىيلىق قىلغان، دىمكۇراتىك دۆلەتتە ياشاپ تۇرۇپ دىمكۇراتىيە ئېڭى بولمىغان يەنىلا مۇستەبىتلىك بىلەن ھۇقۇق تۇتۇشنى ئۈزىگە مىزان قىلۋالغان دولقۇن ئەيسا دوق رەئىسلىكىگە باشقا نامزات يوق بىر ئۈزى يالغۇز دىسە بۇنى قانداق ئەقىل قۇبۇل قىلالايدۇ؟ باشقىلار قۇبۇل قىلسا قىلسۇن، مەن قۇبۇل قىلمايمەن. دولقۇن ئەيسا بىلەن مۇناسىۋىتىم ياخشى مەزگىلدە قۇرۇلتاينى ئىسلاھ قىلىش ھەققىدە بەزى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرغا قويسام دولقۇن ئەيسا قۇبۇل قىلمىغان. ھەتتا رەئىسلىك ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىك نامزاتىغا بىرقانچە ئادەمنى تەۋسىيە قىلسام ماڭا ئاچىقلاپ كەتكەن. بۇنداق دىسەم سەن قۇرۇلتايغا قارشى ئىكەنسەم دەپ ماڭا تۆھمەت قىلماڭلار ۋەكىللەر. مەن قۇرۇلتاينى رابىيە قادىر ۋاقتىدىمۇ قوللىغان، دولقۇن ئەيسا مەزگىلدىمۇ قوللىدىم. قۇرۇلتاي چۇقۇم بۇلىشى كېرەك، چۈنكى دۇنيا ئېتراپ قىلىدۇ، بىزمۇ ئېتىراپ قىلشىمىزكېرەك. دوق تىن  ئايرىلىپ قالساق بۇلمايدۇ. ئەمما دوق چۇقۇم دىمكۇراتىك شەكىلدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى زۇرۇر. دۇنيادىكى مىللەتلەر ئىسلاھات ئارقىلىقلا ئۈزىنىڭ قەدىنى تىكلىگەن، ئۈزىنى قۇدرەتلىك دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئەمما بىزچۇ؟ يېڭىلىققا، ئىسلاھاتقا قاتتىق قارشى بۇلۇپ ئۆلگۈدەك قورقىمىز.  100 يىل ئىلگىركى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيسىگە قارشى تۇرغانلارنى ھازىر بىز تەنقىد قىلىمىز، ئەمما ئۈزىمىزنى ئۇلار بىلەن سېلىشتۇرۇش، تەنقىد قىلىش ۋە ۋىجدانى سوراق قىلىشنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەيمىز. نەچچە يىلنىڭ ياقى داۋادا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ بىزنى دۇنياغا تۇنۇتقان بىزنىڭ چەتئەلدىكى داۋايىمىزمۇ ياكى جازا لاگىرى شاھىتلىرى، غايىپ بولغان ئورۇق -تۇققانلىرى ئۈچۈن توختىماستىن بىرىۋاتقانلار گۇۋالىقلار ، شۇنداقلا تەشكىلاتلارنىڭ دىپلوماتىك ئۇسۇللاردا قىلۋاتقان پائالىيەتلىرىمۇ؟ يىغىپ ئېيىتقاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ دۇنياغا ئاشكارىلنىشى ۋە 7 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئېتىراپ قىلىشىمۇ؟ ۋىجدانىڭلار بىلەن سالماقلىق بىلەن ئويلاپ بېقىڭلار؟

                                                                 

 ۋەكىللەرگە شۇنداقلا دوق رەھبەرلىرىگە: دوق نىڭ قىلىۋاتقان ئىشى ئۇيغۇر داۋاسمۇ؟ ياكى ئامرىكا دىمكۇراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيتىنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى دىمكۇراتىك تەربىيلەش پىروجېكىتىنى ئىشلەپ شۇ ئارقىلىق مىللەتكە داۋا قىلۋاتقاندەك بىر كۈرنىش ھاسىل قىلىشمۇ؟ بىز ئۇيغۇر داۋاسى قىلامدۇق ياكى پىروجېكىت ئىشلەپ ئاجايىپ داۋا قىلۋاتقانلىقىمىزنى پەش قىلىپ غەرپ سىياسىتچىللىرى، ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچىلار بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ يۈرەمدۇق.  ئۇنداق بولسا داۋا قىلىش بىلەن پىروجېكىت ئىشلەشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ بۇ ھەقتە مەن دوق مۇھاجىرلار كومتىتنىڭ رەئىسى مەمەت توختىدىن پىدايىلار ئېكرانىدا ئېلىپ بارغان << دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ سىياسى يۇلى ۋە سىتىراتىگىيسى >> سۆھبىتىدە سورىغان سۇئالىمغا بەرگەن جاۋابى ئىسپات. مەمەت توختى دوق ئامرىكا دىمكۇراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيتىدىن ياشلارنى تەربىيلەش پىروجېكىت ئۈچۈن پۇل ئالىدۇ. بۇ پۇلغا ياشلارنى تەربىيلەيمىز دەپ كۇرۇس ئاچىمىز ۋە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ دوق نىڭ يىغىننى ئېچىۋالىمىز دىدى. 17 يىلنىڭ ياقى قانچە ياش تەربىيلىدىڭلار دەپ سورىغان سۇئالىغا غەيۇر قۇرباننى تەربىيلەپ چىقتۇق دىدى. ئىشەنمىسەڭلار بۇ ھەقتىكى سۆھبەتنى تۇلۇق ئاڭلاڭلار. مەن ئەزەلدىن ئىسپاتسىز، پاكىتسىز گەپ قىلمايمەن. دىمەك دوقنىڭ  پىروجېكىت ئۈچۈنلا ئىشلەيدىغىننى مەمەت توختى ئۈزى ئېتىراپ قىلدى. بۇنىڭدىن كۈرۋېلىشقا بۇلىدىكى سايلاممۇ ئەلۋەتتە دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى ھەيئەتتىن باشقا نامزات كۈرۈنىشتە بولغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ھەممىسى ئىېھتىياج تۈپەيلىدىن ئاللاھ بۇرۇن ئىچكى قىسىمدا بىكتىلىپ بولغان. شۇڭا بۇنى ياخشى بىلدىغانلار ئۈزىنى رەئىس نامزاتى قىلىپ كۆرسەتسىمۇ بەرىبىر سايلىنالمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە كۆرسەتمەيدۇ. ھەممە ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇلۇپ شەكىلى جەھەتتە سايلام قىلدۇق دەپ سايلام كومتىتىنى قۇرۇپ چىقىپ نامزاتلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق دۇنياغا شۇنداقلا ئۇيغۇرلارغا بىر كۈرنىش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنى تۈۋەندىكى سۇئالىم ئارقىلىق ئىسپاتلايمەن.

7-نۆۋەتلىك سايلام كومتىتى رەھبەرلىكى ئۈزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلارغا قۇيۇلدىغان شەرتلەر قاتارىدا خىتاي ئىشخالىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستانغا ۋە باشقا رايۇنلارغا يېقىنقى 10 يلدا بارمىغان بۇلشى كېرەك دىگەن شەرتنى قۇيۇپتىكەنسىلەر. بۇنىڭغا قارشى بىرقىسىم نامزاتلار ئۈزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ بۇ شەرتنى تۈۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى. مىنىڭ سۇئالىم، ئۇنداق بولسا خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستانغا بارمىغان بىلەن ئەمما بىرقىسىم داۋا بېشىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئورۇق-تۇققانلىرى گېرمانىيە ۋە تۈركىيەلەرگە كىلىپ ئۇلار بىلەن كۈرۈشۈپ، ساياھەت قىلىپ كەتتى، بۇنداق كىشلەر يەنىلا نامزات ۋە رەھبەر بۇلۇپ سايلانسا بۇنىڭغا قارىتا بىرەر چەكلىمە يوقمۇ؟

مىنىڭ سۇئالىم ۋە يازمىللىرىم كۈپۈنچىڭلارنى راھەتسىز قىلىدۇ، بۇنى مەنمۇ ناھايتى ياخشى بىلىمەن. ئەمما مەن ئىسلاھاتچى، يېڭلىق تەرەپدارى بولغاندىكىن ئىلمىي تەنقىد قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق پىكىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ رىياللىقىمىزدىكى ساختىلىقنى ئېچىپ بىرىمەن.  ھەققەت ئۈچۈن ھەقنى يېزىش ۋە بۇ ئاساستا مەنتىقىلىق سۇئال قۇيۇش بۇنىڭغا مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭ قايىل قىلارلىق شەكىلدە ئەقىل قۇبۇل قىلالايدىغان جاۋابنى بىرىشكە قىستاش بىر ئۇيغۇر بۇلۇش سالاھىيتىم بىلەن بۇرچۇم، مەسۇلىيتىم ۋە مەجبۇرىيتىم. مەنمۇ ساختىلىققا كۆز يۇمۇپ ھە سىنىڭ راسىت دولقۇن ئەيسا، دوق بەك ياخشى ئىش قىلىۋاتىدۇ دەپ  يۈرگەن بولسام ئاللاھ بۇرۇن بۇ رەھبەرلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئېلىپ « ئۆچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ماي قايغۇسىدا» دىگەندەك مەنسەپ تاماسىدا يۈرگەن بۇلاتتىم. مەن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قان بەرگەن گېنىراللار جەمەتىدىن، مەن ئەجدادىمغا يۈز كىلەلمەيدىغان ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرغان مىللىتىمگە يۈز كىلەلمەيدىغان ۋىجدانىمغا خىلاپ ئىشلارنى ھەرگىز قىلمايمەن. شۇڭا ئۈزەمنى ھىچقايسى ئورۇنغا كۆرسەتمدىم ھەم سايلام كومتىتى رەھبەرلىرىگە مەن سايلىنىش ھۇقۇقىمدىن ۋاز كەچتىم دەپ جاۋاب بەردىم. مەن قاتناش ۋەقەسى سەۋەبلىك ئاغرىق بولغانلىقىم ۋە 12- نويابىردا دوختۇرخاندا چوڭ تەكشۈرۈش سەۋەبلىك بۇ سايلامغا بارالمايمەن، ئەگەر بارالىغان بولسان بۇ ئىشلارنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قۇياتتىم. ۋەكىللەر ئىچىدىمۇ ئىسلاھاتچى، ھەقىانىيەتچى ۋەكىللەر باركەن، بۇ سۇئاللارنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇڭلار.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ھازىرغا قەدەر 6 قېتىم يىغىنى ئېچىلىپ سايلام ئارقىلىق يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى شەكىللەندى. بۈگۈن 7-قېتىملىق قۇرۇلتاي يىغىنى ۋە سايلىمى باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەمما بۇ ئارلىقتا بەزى رەھبەرلەرنىڭ ئورۇننى بەزىبىرلەر ئېلىپ يېڭىچە رەھبەرلىك قاتلىمى شەكىللىنىپ بىر-بىرىنى نازارەت قىلدىغان ھالەتنى داۋام ئىتىپ كەلگەن بىلەن 6-قېتىملىق دوق سايلىمىنىڭ ئالدىدا يۈزبەرگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىچىدىكى كىرزىس تۈپەيلىدىن ھۇقۇق بىرلا ئادەمگە يەنى دولقۇن ئەيساغا مەركەزلەشتى. دولقۇن ئەيسا 6-قېتىملىق قۇرۇلتاي سايلىمدا سايلىنىپ قالسا دوق نىڭ بەزى تۈزۈلمىرىنى ئىسلاھ قىلدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى، ئەمما ھازىرغىچە ئۇنداق بىر ئۆزگىرىشنى كۆرمىدۇق. ئالدىنقى ئايدا مەن بىر خەلىق ۋەكىلى بۇلۇش سۈپتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدىرىسقا تۆت تۈرلۈك ئەرىزنامە سۇندىم. ئابلىكىم ئىدىرىس ئىككى ھەپتە ئىچىدە جاۋاب بىرىمەن دەپ ۋەدە بەردى، ئەمما ھىچقانداق جاۋاب بەرمىدى. بۇ ئارلىقتا ئىككى قېتىم ئۇنتۇپ قالغان بولسا سۈيلەپ قۇياي دەپ ئەسكەرتىپ خەت يازدىم، ئەپسۇس ھىچقانداق جاۋاب بەرمىدى. مەن قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى، سايلام كومتىتى رەھبەرلىرىگە يۇقارقى سۇئاللارغا ۋە ئابلىكىم ئىدىرىسقا يازغان شىكايەتنامغا نىمە ئۈچۈن جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ 24 سائەت ئىچىدە خەلىققە بىر جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدىم. ئەپسۇس ھىچقانداق جاۋابقا ئىرشەلمىدىم. بەلكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىردىكى دولقۇن ئەيسا ھىمايىچىللىرىنىڭ قاتتىق قارشىلق قىلشىغا ئۇچرسام، يەنە بىرقىسىم ھەققانىيەتچى، يېڭلىق تەرەپدارلىرى ۋە ئىسلاھاتچى پىكىردىكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ قوللىشغا ئىرىشتىم. بىز ئىلگىركىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تەنقىد قىلىمىز ھەتتا تىللايمىز، ئۇلارنى تارىخنىڭ شەرمەندە بېتىگە يازىمىز. ئەمما ئۇلار ئۆلدى، يەرنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتتى. ئۇلارنى گۆرلىرىدىن تارتىپ چىقىپ ھىساب ئالالمايمىز. ئەمما بىز بىلەن دەۋىرداش ياشاۋاتقان، بىزگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كىشلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى ئىلمى تەنقىد قىلايلى، ئۇلاردىن ھىساب ئالايلى. ئۇلار مىللەتكە جاۋاب بەرسۇن. قىلغان خاتالىقلىرىغا مىللەتىن كەچۈرۈم سورىسۇن. بىزمۇ سۈكۈتتە تۇرساق تارىخنىڭ شەرمەندە بېتىگە يېزىلىپ كىيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ لەنەتلىنشىگە قالىمىز. زادى بۇ داۋا بىر قىسىم كىشلەرنىڭلا مەنپەتى ئۈستگە قۇرۇلغان داۋامۇ ياكى 35 مىليۇندىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ تۈپ مەنپەتىگە ۋارىسلىق قىلدىغان داۋامۇ؟ بىز قۇرۇلتاي ئۈچۈن كۈرەش قىلامدۇق ياكى ۋەتەن ئۈچۈنمۇ؟ ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك دەپ ھەممىنى كۈرۈپ تۇرغان خەلقىم ئۈزى باھا بەرسۇن.

ئۇيغۇر داۋاسى ئەمدى ئىسلاھات قىلمىسا بولمايدىغان يەرگە كەلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قورقماس جاسارەتكە، تىز پۈكمەس پاراسەتكە، يېڭلىق يارتىش روھىغا ئىگە ئىلغار پىكىرلىك ياشلار كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىپ ئىلمىي تەنقىد قىلىشمىز، بىرىمىز يىقىلساق يەنە بىرىمىز ئورنىمىزدىن تىك تۇرۇپ يېڭىچە ئىدىيە ۋە پىكىرلەر بىلەن قۇراللىنىپ خەلىقنى يىتەكلەپ ماڭدىغان بىر ئىسلاھات روھىغا ئىگە ئىنسانلارغا ئېھتىياجلىق بۇلۇپ قالدى. ئىلگىركىلەرنىڭ داۋا يۇلدىكى ئارتۇقچىلىقلىردىن ۋە كەمچىلىكلىرىدىن ياخشى بىر خۇلاسە چىقىرىپ ياخشى بىر خۇلاسە چىقىرىپ داۋايىمىزغا قايتىدىن بىر نەزەر سېلشىمىز، كىيىنكى  قەدەمنى قانداق مېڭىش، قانداق بىر سىتىراتىگىيلىك پىلان تۈزەش ھەققىدە جىددى قارا چىقىرشىمىزنى نۆۋەتىكى خەلىئارالىق سىياسى ۋەزىيەت بىزدىن كۈتمەكتە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلىق ۋەكىلى دەپ ماڭا ئۈزى بەرگەن سالاھىيەتكە ئاساسەن ۋەكىللىك سالاھىيتىم بىلەن سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بىرىلمەي ئېتىۋارغا ئېلىنماسلىقى سەۋەبىدىن 7-قېتىملىق قۇرۇلتاي ۋەكىلىك سالاھىيتىمدىن ئىستىپا بەردىم.

ئەسكەرتىش: مەن ئۈزەم ياشغان دەۋېردە نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىت بولدۇم. كەلگۈسىدە ئەسلىمە يېزىپ قالدۇرىمەن دىگەن نىيتىم بولغاچقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى دەلىل ئىسپاتلىق ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بۇلدىكەنمەن. ئېلان قلمايلا يازاي دىسەم باشقىلارغا تۆھمەت قىلغان، ياكى پىتنە تارقاتقان بۇلۇپ قالماي ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك  ئاۋال خەلىق بىر كۆرسۇن دىگەن نىيەتتە ئېلان قىلىمەن. ئەگەر يازغىنىمدا بىتەرەپلىمىلىك، دەلىل -ئىسپاتسىز تەرەپلەر بولسا دەلىل -ئىسپات بىلەن مېنى ئىلمىي تەنقىد قىلساڭلار بۇلىدۇ. ئىلمىي تەنقىد مېنىڭ ئىرادەمنى تېخمۇ چىڭتىدۇ، روھىمنى تاۋلايدۇ، ئەقىلىمنى ئاچىدۇ، پىكىرىمنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلىدۇ.

2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى