دولقۇن ئەيسا- ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىنىڭ تىزگىنى كىمنىڭ قۇلىدا؟
ئىناۋەت ئالتۇندىن قىممەت
ئۇيغۇر خەلىق ماقال- تەمسىللىرىدىن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋالىق بىردىغانلارنىڭ گۇۋالىقىنى كىملەر كۈرۈپ كىملەر تاللايدۇ ؟ مەن ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىدە گۇۋالىق بىرىش ئۈچۈن ھازىرغىچە ھىچكىم بىرىپ باقمىغان گۇۋالىقتىن ئىككى ۋە ئۈزەمنىڭ غايىپ بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە گۇۋالىق بىرىمەن دەپ تىزىملاتسام نىمە ئۈچۈن تاللىنالمىدىم؟ ئۇيغۇر سوتىغا نىمە ئۈچۈن تاللىمىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇق خەت يازسسام نىمە ئۈچۈن جاۋاب ئالالمايمەن؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ بۇ ئىشلارنى كىمدىن سۈرۈشتۇرىمەن؟ ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىنىڭ تور بېتىنى ۋە تىۋېتىر، ئىنىستېگىرامنى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىدىكى ئادۋۇكاتلار تەرپىدىن باشقۇرۇلدىغان بولسا مىنىڭ بۇلارغا سوتشىيال مېدىيادا يازغان ئوچۇق خېتىمگە نىمە ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرمايدۇ؟ بۇلار جاۋاب بەرمىسە كىم جاۋاب بىرىدۇ؟ دىمەك ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىنىڭ تور بېتى، تىۋېتىر، فەيىسبوك، ئىنىستېگىرام سەھىپىسنى كىمنىڭ باشقۇرشىمۇ گۇمانلىق.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىنى قۇرغاندا ئۈزى ماڭا تېلفۇن قىلىپ سەن چۇقۇم گۇۋالىق بەر ھەم باشقىلارنىڭ گۇۋالىق بىرىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىل دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويغان. مەن چۇقۇم بۇ سوتتا گۇۋالىق بىرىمەن دەپ ماقۇللىقىمنى بىلدۈرگەن. ئەپسۇس، ئەيسا يۇسۇپ ئالىپتېكىننىڭ 70 يىلنىڭ ياقى يۇشۇپ كەلگەن شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەخپى ھۆججەت سەتچىلىكنى دەلىل –ئىسپات بىلەن ئاشكارىلۋەتكەندىن كىيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ جۈملىدىن دولقۇن ئەيسانىڭ كۈزىگە قادالغان مىخ بۇلۇپ قالدىم. ئەسلىدە ئۇزۇن مۇددەتنىڭ ياقى خەلقىمىزنىڭ يادىدىن كۈتۈرلۈپ كەتكەن بۇنداق بىر ھۆججەتنى قايتىدىن كۈتۈرۈپ چىقىپ شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۇيغۇر داۋاسىنى قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنى خوش قىلسا بۇلاتتى. ئەمما ئۇلارنى خوش قىلىش ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ غەزەپ-نەپىرتىگە، تەھدىتلىرىگە، ئۆچ ئېلىشلىرىغا دۇچار بولدۇم. بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىدە ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. بۇ داۋا دولقۇن ئەيسانىڭ داۋاسىمۇ؟ ياكى مىللەتنىڭ ئورتاق داۋاسىمۇ؟ دوق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ بۇنداق ئۆچمەنلىك قىلىشىنى قانداق چۈشنىمىز؟ 2-قېتملىق ئۇيغۇر سوتى بىر ئايالنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگىرىدا يېتىپ 20 يىللىق كىسلىپ كەتكەنلىك ھەققىدىكى گۇۋالىق بىلەن باشلاندى. بۇ ئايالنىڭ گۇۋالىقىنى تاللىغان سوت كوللىگىيسى مەندەك 19 ئائىلە ئەزاسى غايىپ بولغان ھەتتا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ئارلىشىپ خىتاي ھۈكۈمىتىدىن ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە ئېنىق جاۋاب ئالالمىغانلىقىغا پۇلاتتەك ئىسپات بار بىرسىنى قايسى ئادۋۇكاتلار گۇرۇپىسى تاللىمىغاندۇ؟ بۇ سۇئاللارغا ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا چۇقۇم جاۋاب بىرىشى كېرەك. خەلىقنى ئالدايمەن دىگىنىڭ ئۈزەڭنى ئالدىغىنىڭ. مىللەتكە خىيانەت قىلغىنىڭ.
يېزىلغان ۋاقتى:
2021-يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى