ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىگە ئۇچۇق خەت- مىنىڭ گۇۋالىقىم نىمە ئۈچۈن تاللانمىدى؟
كىمگە ئېيتاي دەردىمنى-خاتىرەمدىن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ئەنگىليەدىكى ئۇيغۇر سوتى ۋە بۇ سوتتا گۇۋالىق بىرىۋاتقان گۇۋاچىلارنىڭ نەق مەيدان گۇۋالىقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنداقلا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا دىققەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن كۈزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىماقتا.
ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىنىڭ ئىككى قېتىملىق گۇۋالىق بىرىش نەق مەيدان يىغىننى مەنمۇ ئىمكانىيتىنىڭ يىتىشچە ۋاقىت چىقىرىپ كۆرۈپ كەلدىم ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلشىنى تىلەپ مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ كەلدىم.
مەن 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر تىرىك شاھىت بۇلۇش سۈپتىم بىلەن مەنمۇ 2-قېتىملىق سوتتا گۇۋالىق بىرىش ئۈچۈن 2021-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بەختىيار ئۈمەر بىلەن ئالاقىلشىپ تۈۋەندىكى ئۈچ مۇھىم مەسلىدە گۇۋالىق بەردىم.
- 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈندىن ئىتىبارەن ئىزدېرىكى بولمىغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم بۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار شۇنداقلا ئۇچتۇرپان ناھىيسىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيتى ئاساسىدا سېلىنغان باغ-باراۋانلىق 2000 كوۋادىرات مىتېر چوڭلۇقتىكى ئۈيىمىزنىڭ قانۇنسىز چېقىۋىتىلىشى.
- 2004-يىلى خىتاي ھۈكۈمىتى غەرىپنى ئۇمۇمىيۈزلۈك ئېچىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش سىياستىنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان قوش تىل مائارىپىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇپ خىتاي ئۆلكىللىردىن شەرقى تۈركىستانغا كۆپ مىقداردا خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى يۆتكەپ كىلىپ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنى ۋەيران قىلۋەتكەنلىكى: بۇنىڭ دەلىل –ئىسپاتى مەن 2002-يىلدىن 2005-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن 70 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان << ئاقسۇ ۋېلايەتلىك پىداگوكىكا >> مەكتىۋېىنىڭ 2004-يىلى ئاقسۇ ۋېلايەتلىك تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆزگەرتىلىشى.
- مەن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك پىداگوكىكا مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلىگەن جەريانىدا ئىككى يىل ئوقۇغۇچى باللارغا سىنىپ مەسئۇلى بۇلۇپ 2- تۈۋەنگە ھەريىلى بىر ئايدىن پاختا تىرىش مەجبۇرى ئەمگىكىگە قاتناشقان. بۇ جەرياندا ئۈزەم شاھىت بولغان بارلىق ئىشلار ھەققىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى باللارنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن قايسى دەرىجىدە خورلىنىۋاتقانلىقىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەش ( بۇيەردە قىسىقچە بۇ ھەقتە ئەسكەرتىش بىرىپ قۇياي مەن 2006-يىلى مالايسىيادا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشقىلارنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئالاقىلشىپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىنىش ھەققىدىكى بارلىق ئۈزەم شاھىت ئىشلار ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى رابىيە قادىر خانىمغا ئىۋەرتىپ بەرگەنتىم. بۇ ماتېرىياللار شۇ ۋاقىتتا ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسدە كۈچلۈك ئىسپات بۇلغان)
بەختىيار ئۈمەر گۇۋالىقىمنى ئاڭلىغاندىن كىيىن گۇۋالىقمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇھىملىقىنى تەرجىمە قىلىدۇرۇپ سوت كوللىگىيسىگە ئىۋەرتىدىغانلىقىنى ۋە مېنى ئالاھىدە سوتتا گۇۋالىق بىرىشكە تەۋسىيە قىلدىغانلار قاتارىدا تۇنۇشتۇردىغانلىقىنى دىدى. مەن 8-ئاينىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيەدىكى سوتقا بېرىپ گۇۋالىق بىرىش ھەققىدىكى ئىشلارنىڭ نەتىنجىسنى بىلىپ بېقىش ھەققىدە بەختىيار ئۈمەر بىلەن ئالاقىلاشتىم. بەختىيار ئۈمەر ھازىرغىچە خەۋەر يوق، كىلەر ھەپتە خەۋەر كىلىدۇ سىزگە خەۋەر قىلىمەن دىدى. بىر ھەپتىدىن كىيىن مىنىڭ ئەنگىلىيەدىكى سوتتا گۇۋالىق بىرىش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى دىدى. مەن ئەمسە ئەنگىلىيەگە بارمىساممۇ توردا گۇۋالىق بەرسەممۇ بۇلىدۇ دىسەم، بەختىيار ئۈمەر بۇ قېتىملىق گۇۋالىققا تاللايدىغانلارنى ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرى خادىملىرى ئەمەس، بەلكى ئەنگىلىيە << ئۇيغۇر سوت >> كولىگىيسىنىڭ خادىملىرى ئۆزلىرى تاللايدىغانلىقىنى بۇنىڭغا ئۈزىنىڭ ئارلىشالمايدىغانلىقىنى دىدى. مەن ئۇنداقتا ئەنگىليە << ئۇيغۇر سوت >> كوللىگىيسى خادىملىرى بىلەن ئالاقىلشىپ نىمە ئۈچۈن سوتتا ەۇۋالىق بىرىشكە تاللانمىغانلىقىمنى سۈرۈشتە قىلىش ھەققىم بارمۇ؟ بار دىدىم. بەختىيار ئۈمەر ھەققىڭىز بار، ئۇلار بىلەن ئالاقىلشىپ سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بۇلىدۇ دىدى. شۇنىڭ بىلەن << ئۇيغۇر سوت >> كوللىگىيسىنىڭ تور بېتىدىكى ئالاقىلشىش ئۇسۇلى بۇيچە ئۇلارغا خەت يېزىپ نىمە ئۈچۈن مەندەك بىر 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچلقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر ئۇيغۇر پائالىيەتچىنىڭ بۇ سوتتا گۇۋالىققا تاللانماسلىقى ھەققىدىكى سەۋەبنى سوراپ خەت يازدىم. ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتە سەمىمى جاۋاب بىرىشنى ئۈمىت قىلىمەن.
ئۇيغۇر سوتى – خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلقى ئۈچۈن ئىسپات توپلاش ئۈچۈن ئېلىغان سوت تۇرسا ئەمسە سىلەرنىڭ بۇ سوتتا گۇۋالىق بىردىغانلارغا قۇيدىغان شەرتىڭلار نىمە؟ قانداق ئىسپات ۋە شەرتلەر بىلەن گۇۋالىققا توردىن بولسىمۇ قاتنىشالايدۇ؟ مەندىن باشقا يەنە بىرقانچە ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ غايىپ بولغان ئورۇق-تۇققانلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋالىق بەردى، ئەمما 19 ئائىلە ئەزاسى غايىب بولغان مەندەك بىر دەلىل-ئىسپاتلىق ئۇيغۇرنىڭ گۇۋالىققا تاللىنالماسلىقىنى قانداق چۈشنىشكە بۇلىدۇ؟
ھۆرمەت بىلەن ئابدۇرېھىم غېنى
2021-يىل 9-ئاينىڭ 12-كۈنى