جەنۋەدىكى 5000 كىشلىك نامايىش ۋە جازا لاگىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزالىق جەدىۋەل

جەنۋەدىكى 5000 كىشلىك نامايىش ۋە جازا لاگىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزالىق جەدىۋەل
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

ئامىستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلىش جەريانىدا خىتاي فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ فالۇڭگۇڭچىلاغا قىلغان زىيانكەشلىكىنى توختۇتۇش ھەققىدىكى ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئىمزا قويدۇرۇپ، مەلۇم سانغا يەتكەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللاپ بىردىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۈرۈپ قالدىم. نۇرغۇن ساياھەتچىلەرمۇ سەنمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى توختۇتۇش ھەققىدە فالۇڭگۇڭچىلاردەك بىرەر ئىمزالىق جەدىۋەل قىلساڭ، سەنمۇ ئىمزا توپلاش ھەركىتى ئېلىپ بارساڭ دىگەندەك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. بۇنداق ئىمزالىق جەدىۋەلنىڭ قانچىلىك قىممىتى بارلىقىنى بىلىپ بېقىش مەقسىتىدە كىشلىك ھۇقۇق ئادۇۋكاتلىرىدىن سوراپ باقتىم. ئۇلارنىڭ دىيىشچە بۇ ئىمزالىق جەدىۋەل مەلۇم چەككە يەتكەندە ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىىتلىرىغا يوللانسا ئۇلار بۇنىڭغا جىددى مۇئامىلە قىلدىغانلىقى ھەم بۇنىڭ خىتايغا قارىتا بىرەر ھەركەت قوللىنىشتا كۈچلۈك ئىسپات بۇلدىغانلىقىنى ئېيىتتى.
مەن دەرھال خىتاي فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ ئىمزالىق جەدىۋېلىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىنى تاقاش، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى قۇيۇپ بىرىش، شەرقى تۈركىستانلىقلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇش ھەققىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى ۋە ياۋرۇپا ئىتپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللىندىغان ئىمزالىق جەدىۋەلنى مەمتىمىن ئەلا، نۇرگۇل ساۋۇت خانىمغا لاھىيلىتىپ تەييار قىلدىم. بۇئىمزالىق لاھىيەدە بىرەر مەسلە چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمگە ئىۋەرتىپ كۈرۈپ بېقىشىنى ۋە تەكلىپ- پىكىرلەرنى بىرىشنى ئۈتىندىم. دولقۇن ئەيسا كۈرۈپ بۇ لاھىيەنىڭ ياخشى بولغانلىقىنى ئەمما بەزى يەرلەرنى ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى ۋە ئۈزىمۇ بۇ پائالىيتىمنى قوللايدىغانلىقىنى ئىمزا مەلۇم چەككە يەتكەندە بدت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتى بىلەن ئالاقىلشىپ شۇلارغا يەتكۈزۈپ بىردىغانلىقىنى ئېيىتتى. بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئىمزا قۇيۇشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە مەخسۇس بىر ۋېدىيو ئىشلەپ تارقاتتىم. ۋە پىدايىلار پىروگىرامىسدا مەخسۇس نەق مەيدان سۆھبىتىمۇ ئۆتكۈزدىم. دولقۇن ئەيسا ئۈزى نەق مەيدانغا تېلفۇن قىلىپ ئىمزالىق جەدىۋەلنى ئۈزى كۈرۈپ چىقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە سۆزلەپ ئۈزىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامىستېردام دام مەيدانىدا ھەر ھەپتە نامايىش جەريانىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بەس – بەستە ئىمزا قويۇپ ھازىرغا قەدەر 5000 دىن ئارتۇق ئىمزا توپلاندى.

2018-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا باشلىندىغان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ كىشلىك ھۇقۇق ۋەزىيتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى ئۆتۈزۈلدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى سەپەرۋەر قىلىپ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىردىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئالدىدا جازا لاگىرىنى تاقاش نامىدىكى 5000 كىشلىك نامايىش پائالىيتى ئېلىپ باردىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەن بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئىمزالىق جەدىۋەلنى دۇنيا خارەكتېرلىك كېڭەيتىش چاقىرىقى ئېلىپ بېرىش مەخسىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۈرۈشتىم. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قۇشۇپ بۇ پائالىيەتنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرغا كېڭەيتىش چاقىرىقىمغا ئاۋاز قۇشدىغان بىرەر تەشكىلات چىقمىدى، پەقەت مەلۇم ساندىكى شەخىسلەر قوللاپ ئىمزا توپلايدىغانلىقىنى
ۋە جەنۋەدىكى نامايىشقا ئالغاچ كىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيساغا تېلفۇن قىلىپ جازا لاگىرىنى تاقىتىش ئۈچۈن 5000 كىشلىك نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇپسىز، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى بىر پائالىيەت بۇلۇپتۇ. ئەمسە مەن تەييارلىغان سىز كۈرۈپ تۈزتىپ بەرگەن جازا لاگىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزا توپلاش جەدىۋېلىنى دۇنيا خارەكتېرلىك ئېلىپ بىرىپ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى جەنۋەدىكى نامايىشتىن كىيىن ب د ت غا يوللاپ بەرسەك بۇقېتىملىق پائالىيىتنىڭ قىممىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بۇلاتتى دىدىم. مەن قۇرۇلتايدىكىلەر بىلەن بۇ ھەقتە بىر كۈرشۈپ ساڭا خەۋىرىنى بىرىمەن دىدى. بىر قانچە كۈندىن كىيىن يەنە تېلفۇن قىلىپ بۇ ئىشنى يەنە ئىسگە سالدىم. ئەپسۇس يۇقىلاڭ باھانە، سەۋەبلەر بىلەن بۇ ئىشنى دۇنيا خارەكتېرلىك قىلدلمايدىغانلىقىنى دىدى.
دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ سۈزىنى ئاڭلاپ كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى، ئەمما يەنە بۇ ھەقتە مۇنازىرلىشىشنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلكىنى ھىس قىلىپ ئارتۇق گەپ قىلماي، مەن داۋاملىق ئامىستېردامدىكى يالغۇز كىشلىك نامايىشىمنى داۋاملاشتۇردىغانلىقىمنى بۇ جەريانىدا داۋاملىق ئىمزا توپلايدىغانلىقىمنى كىيىنچە بولسىمۇ بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىگە چىقىپ ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يەتكۈزۈپ بىرىشنى ئۈتىندىم. دولقۇن ئەيسامۇ ئۈزىنىڭ ياردەمدە بۇلدىغانلىقىنى بىلدۇردى.
خولاسە، بۇ ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئامىستېردامدا ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلدىغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ نەچچە مىڭلىغان ئىمزا قويدى، ئەپسۇس ئۇيغۇرلاردىن 100 ئىمزا قۇيۇلمىدى.
ئامستېردامدىكى نامايىشمدا كىشلەرگە تارقىتىپ كىلىۋاتقان تەشۋىقات ۋاراقلىرىمدا ياردەم قىلماقچى بولساڭلار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بىلەن ئالاقىلشىڭلار دەپ يېزىقلىق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى كۆپرەك ۋاقىتنىڭ ياقى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان نامايىش جەريانىدا توپلىغان ئىمزالىق جەدىۋەلگە ئىگە چىقىپ ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا بىرلىكتە تاپشۇرۇپ بىرىشكە ئىگە چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن مەن تەشۋىقاتىمدا ئىزچىل يەنلا دونيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى تەشۋىق قىلىپ مېڭىۋېرىمەن. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا قارشى ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ قۇتۇپلاشقان داۋا يۇلىغا ۋە داۋا ئىشلاردىكى بىپەرۋالىقىغا نارازىلقىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى يازدىم ، يېزىشىمدىكى مەقسەت ھەرگىزمۇ پىتنە تېرىش ياكى جىدەل چىقىرىپ ھەرگىزمۇ دونيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا ھۇجۇم قىلىش ئەمەس. مەن ئۈزەم ياشغان دەۋېردىكى ئۈزەم قىلىپ كىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىمدىن خۇلاسە چىقىرىش ۋە ئۈزەم شاھىت بولغان ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇش مەقسىتىدە بۇلارنى يېزىۋاتىمەن.

يېزىلغان ۋاقتى: 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى
https://www.youtube.com/watch?v=iBwuVlODi68&ab_channel=AbdurehimGheniUyghur