جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا قىلدىغان پائالىيەتلىرىم ھەققىدە
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
2018-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئىرقى ئايرىمچىلىققا قارشى تۇرۇش كومتىتىدا ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىشلىك ھۇقۇق ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش يىغنى ئېلىپ بېرىلماقچى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى زۇلمىغا قارشى نامايىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇردى. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ نامايىشقا قاتنىشمەن ۋە نامايىشتىن كىيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىرقى ئايرىمچىلىق يىغىنىغا قاتنىشپ گۇۋالىق بىرىمەن. كۆرۈپ تۇرغىنىڭلاردەك يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىشتا ئۆزۈمگە خاس مېتود بىلەن ۋەتەننىڭ قىسىقچە ئەھۋالىنى شەرقى تۈركىستان نامى بار خەرىتە بىلەن چۈشەندۈرۈپ قانداق قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەرىتىدىكى شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسمنىڭ ئورنىغا مۇستەملىكە نامى بولغان شىنجاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ ئالماشقانلىقىنى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن ۋەتەننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى دۇنيادىكى داڭلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ئالغان گېزىتتىكى خەۋەرلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈپ چەتئەللىكلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاق رەختكە 75تىن ئارتۇق تىلدا « خىتاي ئىشخالىيتدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى تاقالسۇن، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دەپ يازدۇردۇم ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللاپ بىردىغان ئىمزالىق جەدىۋەلگە نەچچە 5000 مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا قويدۇردۇم.
ساياھەتچىلەر قايىل بولمىسا ئالدىراپ ئىمزا قويۇپ خەت يېزىپ بەرمەيدۇ. جازا لاگىرىنى تاقاش ھەققىدىكى ئىمزالىق جەدىۋەل مەلۇم چەككە يەتكەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتىپاقى كىشلىك ھۇقۇق كومتىتىغا يوللاپ بىرىمەن. ئاق رەخىتنى تارىخىي ئىسپات شەكلىدە ساقلايمەن ھەم بۇ ئىمزالىق ئاق رەخىت ئارقىلىق يەنە بىر قىلىدىغان پىلانىم بارلىقىنى بۇرۇنلا قېرىنداشلىرىمىزغا ئېيتقان ئىدىم. ناۋادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياكى ش ت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى، تۈركىيەدىكى ھەرقايسى سىياسى تەشكىلاتلار ياكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇلغان يەرلىك تەشكىلاتلار بولسۇن ھەرقانداق بىر سىياسى تەشكىلات ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ پارلامېنتىدا،ب د ت نىڭ كىشلىك ھۇقۇق كومىتېتىدا ياكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋەياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كىشلىك ھۇقۇق كومىتېتىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئاچسا پاكىت سۈپتىدە ئوخشىمغان تىللاردا يېزىلغان ئاق رەخىتنى ئىسپات سۈپتىدە ئاسايلى دېسە خۇشاللىق بىلەن ئېسىپ بېرىمەن دەپ قىسىقچە مەلۇمات بەرگەن ئىدىم
‹‹تىلسەڭ تاپارسەن ›› دېگەندەك ئالدىنقى ھەپتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئيسا تېلېفون قىلىپ يۇقارقى تىلەكلىرىمنىڭ ۋۇجۇتقا چىقشىغا سەۋەپچى بولدى. بۇ ئاق رەختنىڭ ب د ت نىڭ كىرىش ئېغزىنىڭ ئالدىغا ئېسىلشىغا سەۋەپچى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئىيسا ئاكىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ جەنۋەدىكى ب د ت نىڭ ئالددا ئورۇنلاشتۇرغان نامايىشىغا ئاۋاز قوشۇپ ئەتە ئەتىگەن جەنۋەگە يېتىپ بارىمەن.
ب د ت كىرىش ئېغىزىدا « ئاتا – ئانام قەيەردە؟ ھاياتمۇ؟ ئۆلدىمۇ؟ تۈرمىدىمۇ ياكى جازا لاگىردىمۇ؟» دېگەن لوزىنكنى كۈتۈرۈپ ب د ت نىڭ ئىچگە كىرىش ئېغزىدا تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلمەن ھەم 75 خىلدىن ئارتۇق تىلدا يېزىلغان «خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى تاقالسۇن، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق» دېگەن ئىمزالىق رەختنى ب د ت نىڭ كىرىش ئېغزىغا ئاسىمەن. بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلارنى ۋە كەلگۈسى پىلانلىرىمنى بىلمەكچى ۋە تەكلىپ -پىكىر بەرمەكچى بولساڭلار بۈگۈن ئاخشام ھۈسەيىن تەجەللى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان نەق مەيدان سۆھبىتىمىزگە قاتناشقايسىلەر.سەپىرىمنىڭ ۋە ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلشى ئۈچۈن قېرىنداشلارنىڭ خالىس دۇئا قىلىپ قۇيشىنى ئۈمىت قىلمەن.
يېزىلغان ۋاقتى: 2018-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى
China: Xinjiang Camps Are Actually Vocational Schools for Criminals – WSJ