ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ھىجاپ ھەققىدە بەس -بەستە سۆزلەپ مۇنازىرە قىلىپ يازمىلارنى يېزىپ توختىماي ئاياللارنىڭ كىيىم كىچكىگە ئارلاشقانلار تىبەت ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى كۈرۋاتقانسىلەر؟ ئالدىنقى يىلى ئامرىكا ھۈكۈمىتى تىبەتنىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانتى، مانا ئەمدى تىبەتنى خىتاينىڭ بىر پارچىسى دىگەننىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. قانداق قىلغاندا شەرقى تۈركىستانىمۇ تىبەتكە ئوخشاش بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكنى ئامىرىكىغا ئېتىراپ قىلدۇرالايمىز؟ بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتمەمسىلەر؟ ھىچبولمىسا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ ئوغلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ قۇرغۇچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ھايات، ئۆتكەن يىلى دادىسى ساقلاپ كەلگەن ش ت نىڭ بېسۋېلىنغانلىقىغا ئائىت جاڭ جىجۇڭنىڭ تارقاتقان مەخپى ھۆجىجەتنى تېپىپ مىللەتنىڭ ئامانىتىنى مىللەتكە تاپشۇرۇپ بىرىمەن دىگەن، ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھىچقانداق بىر ئۇچۇر يوق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ئىشقا مەسئۇل بۇلۇپ ئەركىن ئالىپتېكىندىن بۇ ھۆججەت ھەققىدە مىللەتكە ئېنىق جاۋاب بىرىشىنى ۋە بۇ ھۆججەتنى تېپىپ چىقىپ دۇنياغا بايانات ئېلان قىلشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. قېنى ھىجاپ ھەققىدە مىللەتكە نەسھەت قىلغان دوق نىڭ سىياسى ئالى مەسلىھەتچىسى Erkin Siddiq ئەپەندىم بۇ ھەقتىمۇ ھەرھەپتلىك ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خەۋەرلەرنى سۆزلىگەندە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرشىنى تەلەپ قىلايلى. ئەركىن سىدىق ئەپەندىم بۇلتۇر مەن بۇ ھەقتە تەپسىلى سۈرۈشتۈرۈپ خەۋەر بىرىمەن دىگەن ئىدى. ئەپسۇس ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ھىچقانداق چۈشەنچە بەرمىدى. بۇ مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ھۆججەتتە يەنە بىپەرۋالىق قىلساق بولمايدۇ.
美两党参议员赞赏国务院人权报告删除西藏是中国一部分的表述 (voachinese.com)
Yezilghan waqti : 07-05-2021