ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۈلمىڭ ئاشكارە – ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىرىدىن
ھۆرمەتلىك دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىم سىز يازمىڭىزدا، لىكسىيەلىرىڭىزدە دائىم دۇنيانىڭ رەزىلىشىپ كىتىشنى رەزىللەر كەلتۈرۈپ چىقارمىغان، بەلكى رەزىللەرنىڭ رەزىل قىلمىشغا سۈكۈتتە تۇرغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىيىننىڭ بۇ سۈزىنى نەقىل كەلتۈرگەن ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ ئاجايىپ ھەققانىيەتنى ياقىلايدىغان ھەققانىيەتچى زىيالى دەپ بەك ھۈرمىتىم بارئىدى. ئەمما بۇ قىممەتلىك سۈزىڭىز 10 نەچچە خىل ئىسىمدا تور دۇنياسىدا ئىچكى زىدىيەت تېرىپ ئۇيغۇرنى ئىچكى جىدەلگە باشلاپ كىرگەن مىتە قۇرۇت قۇدرەت باراتقا كەلگەندە ھەجەپ ئۆز قىممىتىنى يۇقاتتى. ئەمىلىيەتتە سىز رەزىلىكلەرنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغان مېنى رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا مېنى ئەيىبلىدىڭىز، ھەتتا تەھدىت شەكىلدە بېسىممۇ قىلدىڭىز. بۇنى قانداق چۈشەندۈرسىز؟
ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ «ساختا ئىسىمدا يامرايدۇ سۈيقەسىت » ناملىق يازمىسىنى سىزمۇ ئوقۇغانسىز؟ مەن بۇ يازمىنى ئوقۇپ سىزگە تۈۋەندىكىدەك سۇئاللارنى قويدۇم.
يازمسغا قۇدرەت بارات ھەققىدە يازغان ئىنكاسىم
ساختا ئىسىملارنىڭ تور دۇنياسىدا يامراپ ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى خىتايدىن بۇراپ ئىچكى جىدەل ماجىرا، پىتنە-پاسات، تەپرىقچىلىققا باشلاپ كىتىشگە مۇشۇنداق ساختا ئىسىملارنىڭ كىملىكىنى بىلسىمۇ ئاشكارىلماي يۈرگەنلەرنىڭ، ھەتتا بۇنداقلارنى قانات ئاستىغا ئېلىپ قوغداۋاتقانلار سەۋەبچى. بۇنداق دىيشمىنىڭ سەۋەبى تور دۇنياسىدا پىتنە تېرىۋاتقانلارنىڭ كاتۋېشى قۇدرەت بارات. ئابدۇلاھ تارىمى ئىسمىدا ئۈزىنى ئاجايىپ دىندار قىياپەتكە كۆرسىتىپ دىنىي ئۇستازلاردىن Kuseni Abukusen Muhammad Yusuf قاتارلىقلارغا تۆھمەت قىلىپ توردا پىتنە تېرىسا، ئىسكەندەر ھاپىز نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئۆرىپ-ئادەتلىرىنى، بايراملىرىنى ھارامغا چىقىرىپ ئۇيغۇرلار ئارسىغا پىتنە تېرىپ زىدىيەت ئۇرۇقى چېچىپ مىللەتنى تۈگمەس ئىچكى زىدىيەتكە سۆرەپ كىردى. شۇ مەزگىللەردە ئابدۇللاھ تارىمى، ئىسكەندەر ھاپىزنى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تەنقىدلىدى، ھەتتا بۇ خىتاينىڭ ئادىمى بۇنى تۇنۇيدىغانلار بارمۇ دەپ سۈرۈشتىسنىمۇ قىلدى. ھەيران قالغىنىم قۇدرەت باراتنىڭ ئىسكەندەر ھاپىز ئىكەنلىكىنى 100%لىك ئىسپات بىلەن تۇتىۋېلىپ توردا ھەممىنى ئاشكارىلسام، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۋېلىشى.ھەتتا تېخى مىنى ئەيىبلەپ نىمە قىلالايتىڭىز ئۇنداق قلسا سىزنىڭ ئۈستىڭدىن ئەرىز قىلىپ ماڭا تۆھمەت قىلدى دەپ تېخى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلسىز دەپ ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنىڭ پوپوزا قىلىشلىرىنى (ئەركىن سىدىق ئەپەندىمگە بۇ ئىشلارغا ئابدۇغېنى سابىت گۇۋاھ، سىز ئابدۇغېنى سابىتتىن سوراپ بېقىڭ ئەگەر سىز دىگەندەك قۇدرەت باراتقا ئوۋال قىلغان بولسا ئېكرانىڭىغا چىقىڭ بۇ ھەقتە مېنى تەنقىد قىلىڭ ۋە يۈزۈمگە تۈكۈرىڭ دىسەم ھە مەن سۈرۈشتۈرۈپ سىز بىلەن پاراڭلىشىمەن دەپ جىمىپ كەتتى ۋە مېنى فەيىسبوك دوستلىقىدىنمۇ چىقىرۋەتتى) ئويلىسام ھەممىسنىڭ ئارقىسدىن باغلاپ تۇرۋاتقان يىپنىڭ ئۇچى بىر ئادەمبىڭ قۇلىدا ئىكەن دىگەن يەكۈننى چىقاردىم. قۇدرەت بارات ئۈزىنىڭ مەسىنجىردا مەن بىلەن يېزىشقان خەتلىرىدىن تېنۋالغان، مەن مەسىنجىردا يېزىشقان خەتلەرنى، ئاۋاز خاتېرسىنى ئابدۇغېنى سابىت ئاڭلاپ قۇدىرەت باراتنىڭ ئاۋازى شۇكەن، مەن قۇدرەت بارات بىلەن ئاۋازلىق ۋە ۋېدىيولۇق پاراڭلاشقان 100% شۇ دەپ ئۈزىنىڭ ئاۋازىدىن تۇنۋالغانلىقىنى دىگەن. ھەتتا قۇدرەت باراتنىڭ تور دۇنياسىدە 10 دىن ئارتۇق ئىسىم ئىشلىتىدىغانلىقىغا ئابدۇغېنى سابىتنىڭ ئاغىنىسى تور دۇنياسىدا ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان ئابدۇلئەھەت ئەمىر قۇتلۇق بىلەن ۋاتىسئاپتا ئاۋازلىق پاراڭلاشقاندا قۇدرەت باراتنىڭ تور دۇنياسىدا 10 دىن ئارتۇق ساختا ئىسىمدا يازما يېزىپ ئىچكى جىدەل ماجىرا چىقىردىغانلىقىنى دەپ 10 ساختا ئىسىم بىلەنمۇ ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن. ئابدۇغېنى سابىت بىلەن ئىككىمىز بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ ھەيران قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىپلاسنىڭ رەزىلىكىنى تور دۇنياسىدا ئاشكارلاپ باشقىلارغا ئىبرەت قىلىدىم. مەندە بۇ سۆھبەتنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىمۇ بار. بۇنىمۇ توردا ئېلان قىلىمەن.
ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ھېلىمۇ قۇدرەت باراتنى ئاقلاپ ئابدۇرېھىم غېنى قۇدرەت باراتقا ئۇۋال قىلدى دىسىڭىز، قۇدرەت باراتنى ئېكىرانغا ئېلىپ چىقىڭ. قۇدرەت باراتقا ئىسكەندەر ھاپىز ۋە بۇ ئادەمنى تۇنۇيدىغان ئىككى ئادەم بىلەن ئېكرانغا چىقىپ مەن ئىسكەندەر ھاپىز، قۇدرەت بارات ئۈزنىڭ زۇلىپقار بارات نامىدىكى فەيىسبوك ھىساباتىنى ماڭا بەرگەن، ئابدۇرېھىم غېنى مېنى قۇدرەت بارات دەپ خاتا تۇنۇپ قاپتۇ ، قۇدرەت باراتقا ئوۋال بولدى دەپ گۇۋالىق بىرىپ قۇدرەت باراتنى ئاقلىسۇن. ئاندىن مېنىڭ تۆھمەتخور ئىكەنلىكىم ئىسپاتلىندۇ. مىنىڭ يۈزۈمگە تۈكۈرسۇن، مېنى تور دۇنياسىدا پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىدا يۈز ئابرۇيۇمنى تۆكسە مەن رازى دىدىم. ئەمما ھازىرغىچە ئۇنداق قىلالمىدى. نىمىشقا چۈنكى ئىسكەندەر ھاپىز دىگەن ئادەم ئەمىليەتتە يوق بولغاچقا. بۇ گېپىم ھازىرمۇ كۈچكە ئىگە. ھەي قۇدرەت بارات ئىسكەندەر ھاپىزنى تېپىپ مېنى قارلاپ يۈزۈمگە تۈكۈر، مېنى رەسۋا قىل. قىلالەمسەن؟ مەن ھەرۋاقىت سېنى ئېكراندا ساقلايمەن.
تۈۋەندىكى ئىسپاتلار ئەركىن سىدىق ئەپەندىم سايرام ئوغلانىنى ئاقلاپ ۋاتىسئەپتىكى ئۇيغۇر زىيالىلار مۇنبىرىدە بايانات ئېلان قىلغاندا مەن قۇدرەت بارات ھەققىدىمۇ ئەركىن سىدىقنىڭ بايانات بېرشىنى تەلەپ قىلىپ يازغان خېتىمغائەركىن سىدىق جاۋاب بىرەلمەي مېنى پىتنخور دەپ توپتىن چىقىرۋېتىش تەكلىپى بىرىپ يازغان خېتى. تەپسىلى ئوقۇپ بېقىڭلار. كۆپلەپ تارقىتىپ قۇيۇڭلار مۇناپىقلارنى كىملەر ھىمايىسگە ئېلىۋاتقانلىقىنى مىللىتىمىز بىلسۇن.













Bu facebook ta yezilghan hetler





