ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئەتىدىكى ئامىستېردامدا قىلماقچى بولغان كۆرگەزمە شەكىللىك نامايىشقا دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىللىرىدا ئېلان قىلغان 8 خىل تىلدىكى خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى نۆۋەتتىكى زۇلمىغا ۋە جازا لاگىرىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر تەييار بولدى. ماڭا مۇشۇ سۈرەتلىك خەۋەرلەرنى مەنبەسى بىلەن تەمىنلىگەن ۋە ماڭا ئايرىم ئۇچۇر ۋە تېلفۇن قىلىپ مەندىن ئەھۋال سوراىغان،ماڭا مەدەت بەرگەن، مەن سىز ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بىرەي، ھىچبولمىسا رەسىملەرنى فوتوشوپتا لاھىيلەپ تەييار قىلىپ بىرەي، گوللاندىيەدە بولغان بولساق يېنىڭىزدا تۇرۇپ ئۈزىمىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچىمىزنى ئادا قىلىپ خىتاينڭ زۇلمنى تەڭ ئاڭلىتىپ ئىشلىرىڭىزغا ياردەملىشەتتۇق، ئەپسۇس باشقا دۆلەتتە بۇلۇپ قاپتۇق دىگەن قېرىنداشلىرىمغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن. سىلەرنىڭ رىغبەتلەندۈرشىڭلار ۋە مەدەت بىرشىڭلار ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىمدىكى قىيىنچىلقىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بىرشىڭلار بىلەن تەشۋىقات ئىشلىرىم كۈندىن كۈنگە ئۆزگىچە بۇلۇپ چەتئەلىكلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتدۇ. مىنىڭ قىلغان،ھەر بىر تەشۋىقاتىمدا سىلەرنىڭمۇ بىركىشلىك ئەجىرىڭلار بار. ئاللاھ سىلەرگە ھەسسىلەپ ئەجىر بەرسۇن.




ئەسكەرتىش: مەن گەرچە يالغۇز كىشلىك تەشۋىقات قىلۋاتقان بولساممۇ ، تەشۋىق قىلغان سۈرەت ۋە ماتېرىياللارنى ئۇدۇللۇق فەيىسبوكقا يوللاۋاتمەن. تەشۋىقاتتا يىتەرسىزلىك بولسا ۋە ياكى تېخمۇ ياخشى قىلىشنىڭ ئىمكانىيتى بۇلۇپ مەن بۇنى ھىس قىلمىغان ۋە ياكى بايقىمغان بولسام قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ بىرشىنى ۋە كەم قالغان يەرلىرىنى كۆرسىتىپ بىرشىنى ۋە مېنى نازارات قىلشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلمەن. ھەر بىر چەتئەللىك مىنىڭ تەشۋىقاتىمدىن، مىنڭ قىياپىتىمدىن،مىنىڭ ئىش -ھەركەتلىرىمدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سىماسىنى ھىس قىلدۇ. چەتئەلىكنىڭ قەلبىگە بۈسۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاپ ئۇيغۇر داۋاسىغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ ئىزچىل تىرىشچانلىق قىلىشقا،شۇنداقلا ئۈزەمدىكى كەمچىلىكنى ئىزچىل تۈزتىشكە توغرا كىلدۇ. بۇ ئىشلار يەنلا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلاردا ۋۇجۇتقا چىقدۇ. تۈۋەندىكى 8 خىل تىلدىن باشقا يەنە تىللاردىكى خەۋەرلەر بولسا قېرىنداشلارنىڭ يوللاپ بىرشىنى ئۈمىت قىلمەن. تەشۋىقاتنىڭ 1- باسقۇچى غەلبىلىك بولدى،ئاللاھ خالىسا تەشۋىقاتنىڭ 2- باسقۇچنى ئەتىدىن باشلاپ باشلايمەن. بەزى نامايىش جەرياندا ھىس قىلغانلىرىمنى ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ توردا ئېلان قىلمەن.