تەشۋىقات ئىشلىرىدا جىددى ياردەم سورايمەن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، تۈنۈگۈن ئامستېردام دام مەيدانىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەققانىي داۋاسىنى قوللاپ 3 يىلنىڭ ياقى ھەپتىدە ئۈچ كۈندىن پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ۋە پەلەستىندىكى زۇلۇمنى ئەڭ ئىخچام،ئەڭ جانلىق، ئەڭ ئوبرازلىق قىلىپ پەلەستىننىڭ تارىخى، جۇغراپىيسى ۋە سىياسى ۋەزىيتى بىلەن رەسملىك قىلىپ كۆرگەزمە شەكىللىك نامايىش قىلغان ۋە ئىسرايىلنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالماڭلار دىگەن خەت بېسىلغان مايكىنى كىيۋالغان گوللاندىيەلىك ئىنسان ھەقلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان پىداكارلارنى قىسىقچە چۈشەندۈرۈپ نەق مەيدان فىلىم قىلىپ تارقاتقان ئىدىم. ئۇلاردىن بىرسى ماڭا ئازراق تەكلىپ پىكىر بەردى. يىگىت سىنىڭ تەشۋىقاتىڭنىڭ ئۈنىمىمۇ ياخشى بۇلاۋاتدۇ، كۆپلىگەن چەتئەلىكلەرنىڭ دىققىتىنى ۋە ھىسداشلىقىنى قوزغاپ خېلى كۆپ تىللاردا ئاق لاتاڭغاخەت يازدۇردۇڭ. بۇنىڭ تەشۋىقاتتىكى دەسلەپكى ئۇتۇقلىرىڭ. ئىمكانىيتىڭ بولسا تەشۋىقاتنى تېخمۇ جانلىق قىلساڭ، مەن ساڭا بۇ ھەقتە ئازراق تەجىرىبەمنى سۆزلەپ بەرسەم دەپ ئۈزىنىڭ پەلەستىننڭ پۈتۈن ئەھۋالى چۈشەندۈرۈلگەن لوزىنكىلارنى بىر قۇر كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان بۇ غەمخورلىقىدىن سۈيۈندىم ھەم ئۇنىڭ ئۆلچەملىك تەشۋىقات ئۇسۇلىدىن ئۆرنەك ئالدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئەمدى گەپنىڭ ئۈزىگە كەلسەم مەنمۇ چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرش جەھەتتە تەشۋىقاتىمنىڭ تۇلمۇ ئاددى ھەم بەك ئاز ئۇچۇرلار بىلەن لاھىيلەنگەن لوزىنكىلاردىن پايدىلنىپ تەشۋىقات قىلۋاتقانلىقىمنى بىلمەن.شۇڭا چەتئەللىكلەرنى تېخمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنىڭ بىزنى تېخمۇ ئەتراپلىق، چۇڭقۇر چۈشنىشى ۋە بۇ ئارقىلىق تېخمۇ كۆپ چەتئەللىكلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق داۋاسىغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقات ئىشلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئوتتۇرغا قويدۇم، قېرىنداشلارنى كۈرۈپ كام قالغان يەرلىرى بولسا تۇلۇقلاپ قۇيۇشنى ۋە تەكلىپ پىكىر بىرشىنى شۇنداقلا بۇ ھەقتە كەسپى بىلىم ئىگىللىرى بولسا ھەمكارلىشىپ تەشۋىقات ئىشلىرىنىڭ تېخمۇ جانلىق، ئوبرازلىق، خەلىقئارالىق ئۆلچەمدە قىلشىمغا ياردەمدە بۇلۇشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلمەن. چەتئەللىكلەرگە ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيتى بىلەن زۇلمىنى تەڭ كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ باشقىلارنىڭ مەدىنيىتىدىن ئىسسىتىك زوق ئېلشى بىلەن بۇ مەدەنيەتنىڭ ئىگىسى بولغان دۇنيا مەدەنىيتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان بولغان قەدىمي مەدەنيەت ئاساسىغا ئىگە مىللەتنىڭ بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ئېتنىڭ قىرغىنچىلقىغا ئۇچراپ ئۆز زىمىنلىرىدا يۇقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالغانلىقىدىن ئۇيغۇرلاغا ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى ئاتا قىلالدىغان شەكىلدە لاھىيلىمەكچى. بۇنىڭ ئۈچۈن

1. شەرقى تۈركىستانىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە جۇغراپىيسىنى رەسىم ۋە خەرىتە بىلەن چۈشەندۈرۈش .
2.ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنيىتى،ئۆرىپ ئادەتلىرىنى رەسىملەر بىلەن قىسىقچە
چۈشەندۈرۈش 3.شەرقى تۈركىستاننىڭ 1884- يىلىدىن 1949- يىلغىچە بولغان ئارلىقتىكى سىياسى ۋەزىيتى ، مانجۇلار، گومىنداڭچىلارنىڭ قۇلدىن قۇتۇلۇپ ئاخىرى ھىلە – مىكىرگە تۇلۇپ كەتكەن خىتاينىڭ قورغان تۇزىقىغا ئالدىنىپ مۇستەملىكگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى قىسىقچە رەسىملەر بىلەن چۈشەندۈرۈش
4.كوممۇنىست ئىستىلاسىدىن تا ھازىرغىچە بولغان ئەھۋاللارنى يەنى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، يەرلىك مىللەتچىلەرگە قارشى كۈرەش، مەدەنيەت ئىنقىلابى قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن زىينى
5. پىلانلىق تۇغۇت، بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا قىرغىنچىلقى، قوش تىللىق مائارىپ، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقى، جازا لاگىرى قاتارلىقلارنى قىسىقچە رەسىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش.

مۇشۇ لاھىيەدە ياردەمدە بۇلدىغان قېرنداشلار بولسا، بىلمىي بارلار بىلمى بىلەن، كومپىيرتدا لاھىيلەش تېخنىكىسى بارلار تېخنىكىسى بىلەن، تارىخى بىلمىي بارلار تارىخى بىلمىي بىلەن ،مەسلىھەتچىلىك قىلايدىغانلار نازارەتچىلىك بىلەن، رەسساملار ئۈزىنىڭ ئىسىتىك قىممەت قارشى بىلەن،جۈملىدىن يۇقارقى ئىشلارنىڭ قايىسسىدە قۇلدىن نىمە كەلسە مۇشۇ ئىشلىرىمنىڭ تىزراق رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن ياردەمدە بولساڭلار. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دەپ كام قالغان يېرلىرى بولسا تۇلۇقلىساڭلار. ئاۋال تۈۋەندىكى پەلەستىلىكنى قوللىغان گوللاندىيەلىكنىڭ تەشۋىقات لوزىنكىسنى كۈرۈپ ئاندىن پىكىرىڭلارنى دىسەڭلار بۇلىدۇ. مەنمۇ تەشۋىقاتىمنى خەلىقئارا سەۋىيەدە قىلىپ لاھىيلىۋالسام، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەققانىي داۋاسىنى قوللاپ ئۈزىنىڭ ئىنسانىلىق خىزمىتىنى دىنى ۋە مىللەتتىن يۇقىرى ئورۇنغا قۇيۇپ مىننەتسىز پىداكارلىق روھىي بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىغىمۇ ئىنسانىي بۇرچى بىلەن خىزمەت قىلدىغان گوللاندىيلىكنى تېپىپ چىقىشقا بەل باغلىدىم. تۈنۈگۈن ئامستېردامدا تۇيۇقسىز يامغۇر يېغىپ كەتكەنتى، ئاشۇ گوللاندىيەلىك يامغۇرلۇقتىن بىرنى ئەكىلىپ يېپىنچا قىلۋال دەپ بىرىپتى بەك تەسىرلەندىم. مۇسۇلمانلار بىر ئىش قىلساق ئاللاھ رىزالىقى دەپ قىلىمىز،لىكىن بۇ گوللاندىيەلىكنىڭ مىننەتسىز خىزمىتىنىڭ مەنىۋىيتىنى نىمگە باغلايدىغاندۇ؟ فالىڭگۇڭچىلارچۇ؟ ئۇلاردىكى ئىزچىللىق ۋە پىداكار روھىي نەردىن كەلگەندۇ؟ نامايىش جەرياندا نۇرغۇن ئىشلارغا شاھىت بولدۇم، شۇ ئىشلار مېنى چەكسىز نىمە ئۈچۈن دىگەن سۇئال دېڭىزىغا باشلاپ كىردى ھەم بۇ سوئالنىڭ جاۋابلىرىنى تېپىش ئۈچۈن كۆپلەپ كىتاب ئوقۇشقا،كۆپرەك ئىزدىنىشقا، تېخمۇ كەڭ دائىردە گوللاندىيلىكنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا چۇڭقۇر چۈكۈشكە مەجبۇر قىلدى. تېخىمۇ كۆپرەك يېزىپ قېرىنداشلار بىلەن بۇ ھەقتە ئورتاقلىشاي دەيمەن،لىكىن خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئالدىراشچىلقىدا يېزىپ بۇلالمىدىم. شۇنداقتىمۇ ئاز ئازدىن يېزىپ ھىس قىلغانلىرىمنى دىگەچ تۇراي. ئەمسە ياردەم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار 

پۇل ياردەم قىلمايسىلەر ئازراق بىلىم بىلەن پىداكارلىقىڭلارنى ياردەم قىلسىلەر.



yazma yezilghan waqti: 30-07-2018