قانداق قىلىپ تۈرۈك بايرىقىنى ئامىستېردامدىكى پائالىيتىمدىن ئېلىۋەتىم 

قاشا مەھكەم بولسا تۈلكە كىرەلمەس.
ئۇيانغا باق، بۇيانغا باق،
سەھەر تۇرۇپ قوشناڭغا باق.

-ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىلى

مەن گوللاندىيەگە كەلگەننىڭ ياقى چىققان نامايىشىمدا تۈرۈكلەر ئۈزىنىڭ بايرىقىنى كۈتۈرۈپ بىزنىڭ نامايىشقا قاتناشسسا بەك ئىچىم سىقىلاتتى. گەپ قىلاي دىسەم گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايتىم. چۈنكى نامايىشنى ئورۇنلاشتۇرغانلار تەشكىلاتلار بولغاندىكىن، مىنىڭ گەپ قىلىشىم پۇتاقچى، ھەممە ئىشقا ئارلىشىۋالىدۇ دېگەندەك قۇرۇق تۆھمەتلەرگە قېلىشتىن ئەنسىرەيتتىم. لېكىن بۇ قېتىم ئۈزەم ئورۇنلاشتۇرغاندىكىن ھەممە ئىشقا غەيرىتىم ۋە قەتئىيلىكىم ھەمراھ ئىدى.


ئالدىنقى ھەپتە ئامىستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشلىك نامايىش قىلغانلىقىمنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزگەن پائالىيتىمگە بىر قانچە تۈرۈك قېرىنداشلارمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى. پائالىيتىمگە كېرەكلىك ياڭراتقۇ ۋە مىكروفۇن، ئورۇندۇق قاتارلىق نەرسىلەرنى تۈرۈك مەسچىتلىرىدىن سورىسام ئۇلار ھەقسىز ئىشلىتىشىمگە ئىجازەت بەردى . ئېچىلىش مۇراسىىمدىن كىيىن پائالىيەتلەر جانلىنىپ كىتىشى بىلەن تۇيۇقسىز ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ يېنىغا قىپ -قىزىل تۈرۈك بايرىقىنىڭ ئېسلىپ قۇيلىشى مېنى ھەيران قالدۇردى. دەرھال تۈركىيە بايرىقىنىڭ يېنىدا تۇرغان تۈرۈكتىن بۇ بايراقنى كىم ئېسىپ قويدى دەپ سورىسام، بىز تۈرۈك بۇلۇش سۈپتمىز بىلەن ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى قوللايمىز، شۇڭا سىلەرگە يېقىنچىلىق قىلىپ يىلتىزى بىر بولغان بۇ بايراقنى ئېسىپ قويدۇم يەنە بىر قانچە دانە بار بۇنىمۇ ئاسايلى دەپ سومكىسىدىكى بايراقلارنى چىقارغىلى تۇردى. توختا قېرىندىشىم دەپ ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم. تۈركىيە بولغان بولسا سەن دىگەندەك تۈرۈك بايرىقىدىن قانچىلىك ئاسساڭ مەيلىتى. لىكىن بۇ گوللاندىيە، مەن بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغاندىكىن چۇقۇم گوللاندىيە بايرىقىنى ئېسىشىم كېرەك ئىدى. ئەپسۇس ئۇنىمۇ ئېسىپ بۇلالمىدىم. مەن بىر تەشۋىقاتچى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتىن باشقا ھىچقانداق بىر باشقا دۆلەتنىڭ بايرىقىنى ياكى مەلۇم بىر ئىدىلوگىيەگە ۋەكىللىك قىلدىغان بايراقنىمۇ ئاسمىدىم. شۇڭا سىنىڭ بايرىقىڭنىمۇ ئاسمايمەن دەپ لەپىلدەپ تۇرغان تۈركىيە بايرىقىنى ئېلىۋەتتىم. بۇ ئىشلاردىن ئەجەپلەنگەن باشقا تۈرۈكلەرمۇ ئېلىۋېتىشنىڭ ئورنى يوق، تۈرۈكنىڭ تۈرۈكتىن باشقا دوستى يوق، سەن ئۈزەڭنىڭ تۈرۈكلىكىڭنى يۇشۇرغان بىلەن ياۋرۇپالىقلار بەك ئوبدان بىلىدۇ دەپ ماڭا ئىدىيۋى تەربىيە ئىشلىگىلى تۇردى. دىگىنىڭ توغرا مەن ھىچقاچان تۈرۈكلىكىمدىن ياكى مۇسۇلمانلىقىمدىن تانمايمەن. بەلكى پەخىرلىنىمەن،چۈنكى ئاللاھ مېنى ياراتقاندا بۇ ئىككى سۈپەت بىلەن ياراتقان، لىكىن مەن تەشۋىقاتىمدا تۈرۈكلىكىمنى ۋ مۇسۇلمانىقىمنى ئەڭ ئالدىدا ئىپادىلىمەي بەلكى ئىنسانلىقىمنى ئەڭ ئالدىدا ئىپادىلەپ، تۈرۈكلۈك ۋە مۇسۇلمانلىقىمنى قەلبىمدە بىلىپ كىلۋاتىمەن. شۇڭا ماڭا ھىسداشلىق قىلۋاتقانلار ۋە مېنى قوللاۋاتقانلار مۇسۇلمانلار ۋە تۈرۈكلەر ئەمەس بەلكى گوللاندىيەلىك ئىنسانپەرۋەر ئىنسانلار. بەلكى مىنىڭ فەيىسبوك سەھىپمدە كۆرگەنسەن ھازىرغىچە بىرقانچە گوللاندىيەلىك ئىنسانپەرۋەرلەر مەن بىلەن نامايىش قىلىۋاتىدۇ دىسەم، ھەئە كۆردۇم قايىل بولدۇم دەيدۇ. ئۇلار ماڭا بىز ئەملىي ھەركىتىمىز بىلەن سېنى قوللاپ 70 كىلومېتىر يول بېسىپ سىنىڭ نامايىشغا ئاۋاز قۇشۇپ نامايىش قىلشىپ بىرىۋاتىمىز، گوللاندىيە ساڭا ۋەتەنداشلىق بىرىپ سېنى بۇ مەيداندا نامايىش قىلىش ئىمكانيتى يارتىپ بەرسە، سەن نىمە ئۈچۈن گوللاندىيە بايرىقىنى ئاسمايسەن دەپ باقمىدى. بۇ نىمە ئۈچۈن بىلەمسەن؟ دىسەم،گەپ قىلماي گىپىمگە قايىل بولدىمۇ بايراقلىرىنى ئاستا سومكىلىرىغا سېلىپ قويدى. يەنە ئاستا كۆڭلىنى ياساپ دەپ قويدۇم، ئابى كۆڭلۈڭنى چۈشنىمەن،سىياسەتنىڭ ئالدىدا مىللەت، دىننىڭ قىممىتىدىن مەنپەتنىڭ قىممىتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. سەئۇدى پادىشاھسى خىتايغا بارغاندا خىتاينىڭ ش ت دا قۇرغان جازا لاگىرىنى قوللىدى، ھىچقانداق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن ئۇيغۇرلار بىزنىڭ دىنىي قېرىندىشىمىز ئىدى، قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق ھىساب بىرەرمىز دىگەننى ئويلىماي كۆز ئالدىدىكى مەنپەتنى ئويلاپ خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ قىلمىدى دىسەم، ئەۋەت ئابى ئەۋەت. ئەرەبلەرمۇ ئوسمانىلار ۋاقتىدا بىزگە قارشى قوزغىلاڭ كۈتەرگەن دەپ مىنىڭ سۈزۈمنى قۇۋۋەتلىدى. تۈرۈك بايرىقىنى ئېلۋەتكەنلىكىمنى كۈرۈپ تۇرغان بىرقانچە ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن خوشال بولدى. بىز نامايىشقا چىققاندا تۈرۈك بايرىقىنى كۈتۈرۈپ چىققان تۈرۈكلەرنى كۆرسەك،تۈرۈك بايرىقىڭنى كۈتەرمە دىيەلمەي ئىچىمىز تىتىلدايتى، لىكىن بۈگۈن سەن دادىللىق بىلەن چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان بايراقنى ئېلۋەتكىنىڭكى ئۆز كۈزۈمىز بىلەن كۈرۈپ ھەقىقەتەن ساڭا قايىل بولدۇق دىدى. شۇڭا ياۋرۇپادا نامايىش قىلۋاتقان قېرىنداشلار نامايىش جەريانىدا تۈرۈكلەر بايرىقىنى كۈتۈرۈپ نامايىشىمىزغا قېتىلسا چىرايلىقچە گەپ قىلىپ تۈرۈك بايرىقىنىڭ ئورنىغا كۆك بايراق كۈتۈرۈشنى تەۋسىيە قىلساق.نامايىش شەرقى تۈركىستادىكى ئاۋازسسىز خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش بولغەندىكىن باشقا ھەرقانداق مىللەتتىن، ئىرىقتىن ياكى دىندىن بولغان ئادەم نامايىشقا ئىشتىراك قىلسا بۇلىدۇ، ئەمما ئۈزنىڭ ئىدىلوگىيەسىنىڭ ياكى دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى كۈتۈرۈشىنى چەكلىسەك بۇ داۋايىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە پايدىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.

2019-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى يېزىلدى