5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىنى ئەسلەش مۇناسىۋتى بىلەن ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى نامايىشتىكى نۇتۇقۇم

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىنى ئەسلەش مۇناسىۋتى بىلەن ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى نامايىشتىكى نۇتۇقۇم

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۈگۈن بىز ئامىستېردام دام مەيدانىدا بۇنىڭدىن 12 يىل بۇرۇن يەنى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھرىدە يۈز بەرگەن 7-ئاينىڭ 5-كۈندىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىنى ئەسلەپ نامايىش قىلىۋاتىمىز.

بىز ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقى ھەققىدە سۆزلەشتىن بۇرۇن بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان شاۋگۇەن ۋەقەسى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بىرشكە توغرا كىلىدۇ.

2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيسىدىن 5300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسنىڭ شاۋگۈەن يېزىسىدكى بىر ئۇيۇنچۇق زاۋۇتىدا مەجبۇرى ئىشلەمچىلككە سېلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار شۇنى كۈنى كېچىسى نەچچە يۈزلىگەن خىتاي ئىشچىسنىڭ« ئۇيغۇرلار خىتاي قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دىگە تۆھمەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياتقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئوخلاۋاتقان كارىۋىتىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ تۈمۈر كالتەك ۋە توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ بىر قانچە ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ۋەھشىيلەشكەن بۇ بىر توپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ ئۇرۇۋاتقان ۋىدىيوسى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۈزىدە تور دۇنياسىدا كەڭ تارقالغاندى. بۇ ۋەقە ھەققىدە خىتاي ھۈكۈمتى ھىچقانداق بىر ئىپادە بىلدۇرمىگەندىن كىيىن 2009-يىلى 5- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە  ئالىي مەكتەپنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى كۈتۈرۈپ، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۈكۈمەت بىناسى ئالدىدا  تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ،«شاۋگۈەن ۋەقەسى»نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى توختىتىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسلىسنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈزىدە ھەل قىلشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ساقچى ۋە قۇراللىق قىسىمىلىرى تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقىرىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ بىگۇناھ ئۈلشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ھەتتا  پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ كالتەك-توقماق بىلەن ئالدىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ۋەھشىلەرچە ئۇرۇپ ئ‍ۆلتۈرۈۋاتقان سۈرەت ۋە ۋېدىيولار تور دۇنياسىدا خېلى كەڭ تارقالدى. ھەتتا خىتاي ئەسكەرلىرى بۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا يېڭى تىپتىكى فوسفۇرلۇق قورالنى سىناق قىلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ،  بۇ قورالدىن چاچراپ چىققان فوسفورلۇق تۆمۈر سويۇقلۇقى بەدەن ۋە كىيىمگە چاچىراپ كەتسە ھارقانچە يۇيۇپمۇ چىقارغىلى بولمىغاچقا، خىتاي ساقچىلىرى فوسفۇرنىڭ كېچىسى پارقىرايدىغان خۇسسۇسىيتىدىن پايدىلنىپ ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى توكنى ئۈزۋېتىپ، ئۆي- ئۆيلەرگە كىرىپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن.

ھەريىلى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىنى  ئەسلىگىنىمىزدە قانچىلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىلا ئەمەس، بەلكى قانداق ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېسىمىزگە كېلىدۇ ۋە خىتايغا بولغان نەپرىتىمىز ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ.

21-ئەسىرنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە << مەڭگۇ قايتىلانمايدۇ >> دىگەن تارىخ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن قايتىلنىپ شەرقى تۈركىستاندا جازا لاگىرىنى قۇرۇپ  ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ مىنىڭ 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ رەسىملىرى، بۇلار بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلگىلى 4 يىلدىن ئاشتى. ئۈچ يىلدەك بولدى ھەر ھەپتە ئاخىرى ئامىستېردام دام مەيدانىدا، گوللاندىيە پارلامىتنىڭ ئالدىدا ۋە ختاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىزدېرىكى قىلدىم. ھەتتا گوللاندىيە پادىشاسى، باش مىنىستېر، تاشقى ئىشلار مىنىسترلكىگە قايتا-قايتا خەت يېزىپ دىپلۇماتىك يوللار ئارقىلىق 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلىپ بىرشنى تەلەپ قىلدىم. 2020-يىلى 9-ئايدا ختاي ھۈكۈمىتى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىسترلىكگە 19 ئائىلە ئەزالىرىمدىن 5 نەپەرنىڭ 3 يىلدىن 16.5 يىلغىچە كىسىلىپ تۈرمىگە سۇلانغانلىقى، قالغان 14 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ نورمال ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە جاۋاب بەردى.ئەمما ھازىرغىچە بۇ 14 ئائىلە ئەزالىرىم بىلەن تېلفۇندىمۇ كۈرشەلمەيۋاتىمەن. دىمەككى خىتاي ھۈكۈمىتى 19 ئائىلە ئەزالىرىم ھەققىدە يالغان ئۇچۇر بەردى. خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇرلىرىغا ئىشەنمەيمەن.  خىتاي ھۈكۈمىتىدىن ئەگەر بۇ 14 ئائىلە ئەزالىرىم ھايات بولسا مىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرىمگە قارشى ۋېدىيولۇق سۆزلىتىشنى تەلەپ قىلدىم. ئەمما خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇلاردىن بىرەرسىنىمۇ ماڭا قارشى سۆزلىتەلمىدى. خىتاي ھۈكۈمىتى نۇرغۇنلىغان غەرپ دۆلەتلىرىدە پائالىيەت قىلۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىللىرىنىڭ ئورۇق-تۇققانلىرىنى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قارشى خىتاي تېلۋوزىرلىدا مەجبۇرى سۆزلەتتى. ئەمما  نىمە ئۈچۈن مىنىڭ تۇققانلىرىمنى سۆزلىتەلمەيدۇ؟ دىمەك مىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىم خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلقىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن. شۇڭا ئۇلارنى سۆزلىتەلمەيدۇ. ھازىر دۇنيادا پەقەت 7 دۆلەتلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ يىتەرلىك ئەمەس. مەن 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىغا ئۇچۇرغان بىر ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپتىم بىلەن پۈتۈن تېىخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلقىنى ئېتىراپ قىلىپ خىتاي ھۈكۈمىتگە قارشى بىرلىكتە ئەملىي ھەركەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىمەن.

رەھمەت ئاڭلغىنىڭلارغا.