شياۋگۈەن قىرغىنچىلقى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسى

شياۋگۈەن قىرغىنچىلقى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئوت پىلتىسى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ھەرقېتىم 6-ئاينىڭ 26-كۈنى «شياگۈەن ۋەقەسى»نى ئەسلىگىنىمىزدە قانچىلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىلا ئەمەس، بەلكى قانداق ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئېسىمىزگە كېلىدۇ ۋە خىتايغا بولغان نەپرىتىمىز ھەسسىلەپ كۈچىيىدۇ. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيسىدىن 5300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسنىڭ شاۋگۈەن يېزىسىدكى بىر ئۇيۇنچۇق زاۋۇتىدا مەجبۇرى ئىشلەمچىلككە سېلىنىۋاتقان ئون نەچچە ئۇيغۇر ئىنسان قېلىپىدىن چىققان خىتايلارنىڭ قولىدا جان بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.  شۇنى كۈنى كېچىسى نەچچە يۈزلىگەن خىتاي ئىشچىسى« ئۇيغۇرلار خىتاي قىزلىرىغا باسقۇنچىلىق قىلدى» دىگەن  تۆھمەت بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياتقىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئوخلاۋاتقان كارىۋىتىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ تۈمۈر كالتەك ۋە توقماقلار بىلەن ئۇرۇپ بىر قانچە ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ۋەھشىيلەشكەن بۇ بىر توپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ ئۇرۇۋاتقان ۋىدىيوسى تورلاردا كەڭ تارقالغانىدى.  بۇ ۋاقىتتا مەن گوللاندىيە ياشاۋاتقان بولساممۇ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ  كېلۋاتقانىدىم. ۋىدىيودىكى كۆرۈنۈشلەر ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بۇلۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى توربەتلەردە بۇ ۋەقە ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرىلەرمۇ بولغان ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شۇ كېچىسى ئۆلتۈرۈلگەن قىز-ئوغۇل 17 نەپەرگە يەتكەن.

           

«شاۋگۈەن ۋەقەسى»گە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن  2009-يىلى 5- ئىيۇل كۈنى شىنجاڭ ئونۋېرسىتىنىڭ نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلىرى خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى كۈتۈرۈپ، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ھۈكۈمەت بىناسى ئالدىدا  تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلىپ،«شاۋگۈەن ۋەقەسى»نى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپتىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشنى توختىتىشنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسلىسنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈزىدە ھەل قىلشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ساقچى ۋە قۇراللىق قىسىمىلىرى تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا بىروۋنىك بىلەن ئوق چىقىرىپ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇ چاغدا ساقچىلار نامايشچىلارغا قارتىپ ئوق چىقارغان، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ كالتەك-توقماق بىلەن ئالدىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئ‍ۆلتۈرۈۋاتقان سۈرەت ۋە ۋېدىيولار تور دۇنياسىدا خېلى كەڭ تارقالغان.

An AFP TV grab shows a mob of Han Chinese attacking a lone Muslim Uighur man along a street in Urumqi, China’s farwest Xinjiang region on July 8, 2009. Han Chinese mobs attacked two Muslim Uighurs in separate incidents in China’s flashpoint Urumqi city on July 8, according to AFP reporters, who witnessed the events. AFP PHOTO/AFPTV/SAM BEATTIE (Photo credit should read sam beattie/AFP/Getty Images)

شۇ قېتىملىق قىرغىنچىلىقتا خىتاي ئەسكەرلىرى يېڭى تىپتىكى فوسفۇرلۇق قورالنى سىناق قىلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ،  بۇ قورالدىن چاچراپ چىققان فوسفورلۇق تۆمۈر سويۇقلۇقى بەدەن ۋە كىيىمگە چاچىراپ كەتسە ھارقانچە يۇيۇپمۇ چىقارغىلى بولمىغاچقا، خىتاي ساقچىلىرى فوسفۇرنىڭ كېچىسى پارقىرايدىغان خۇسسۇسىيتىدىن پايدىلنىپ نامايىشچىلارنى كېچىسى تۇتقان، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى توكنى ئۈزۋېتىپ، ئۆي- ئۆيلەرگە كىرىپ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۆلتۈرگەن.

شۇ ۋاقىتنى ئەسلەيدىغان بولساق، شياۋگۇەن ۋەقەسىدە بىر توپ خىتاي تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ھالدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىدىيولۇق كۆرۈنۈشىگە تاقەت قىلغىلى بولمايتتى. بۇ ۋىدىيو خىتاي تور بەتلىرىدە ھەپتىلەپ تارقىلىپ يۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى چېكىگە يەتكۈزدى. خىتاي بۇ ۋىدىيولارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىمىدى، نامايىشنىڭ ھامان پارتىلاپ چىقىدىغانلىق شەپىلىرىنىمۇ خىتاي ئاخبارات ئىدارىلىرى بىلمەي قالمايتتى.  نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلاردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ نامايىشقا تولۇق شەرت ھازىرلىغانلىقى ۋە قاباھەتلىك بىر سۈيقەست پىلانلىغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.  نامايىش كۈنى «شىنجاڭ ۋاڭى» ۋاڭ لېچۈەننىڭ نەنسەندە ئويناپ يۈرگەنلىكى، نامايىشچىلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ فوسفورلۇق تۆمۈر سويۇقلۇقى چېچىپ، كېيىن بىر-بىرلەپ تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلىدىغان نامايىشچىلارغا بەلگە سالغانلىقى، 5-ئىيۇل كېچىسى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشايدىغان دۆڭكۆۋرۈك، ئات بەيگىسى، داۋان رايونلىرىنىڭ قاراڭغۇلۇققا چۆمۈپ، ئون مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قىرغىن قىلىنىپ، جەسەتلىرىنىڭ ئالاھىدە يۈك ماشىنىلىرىغا بېسىلىپ سىرتقا توشۇلغانلىقى، تازىلىق ئىدارىسىنىڭ كېچىچە ئىشلەپ يولدىكى قانلارنى تازىلىغانلىقى… دېگەندەك دەھشەتلىك خەۋەرلەر شۇ ۋەقەگە شاھىت بولغان ۋە ھايات قالغانلارنىڭ ئاغزىدىن تارقالدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن،  ۋاڭ لېچۈەن ئۈرۈمچىدىكى ھەربىي-ساقچى ۋە بىڭتۇەن ئەسكەرلىرىنى پۇقراچە ياساندۇرۇپ، بىر مەيدان ئۇرۇش قوزغىدى  ۋە بۇنى «ئەسەبىيلەرگە زەربە بېرىش ئوتى ھەر تەرەپكە تۇتاشتى»دەپ تېلىۋىزورلاردا ئاشكارە سۆزلەپ يۈردى. ۋاڭ لېچۈەننىڭ سۆزىدىن ئىلھاملىنىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇمارى ۋە ھاياجىنى يۈكسەك پەللىگە يەتكەن خىتايلار كالتەك-توقماق بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى جايلاشقان مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئالدىغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ياكى يارىلاندۇردى. كۆرگەنلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پۇقراچە كىيىنگەن يىگىرمە-ئوتتۇز خىتاي ساقچىلىرى ئەڭ باشتا ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىنا-مەھەللىلەرگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردە ئويناۋاتقان بالىلار ۋە ئاپتاپسىنىپ ئولتۇرغان قېرىلارنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، بۇنىڭغا چىداپ تۇرالمىغان ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىدىن چىقىپ ئۇلار بىلەن قانلىق ئېلىشقان. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر ئائىلىدىن بىر ئەر چىقىپ، قولغا نېمە چىقسا شۇنى ئېلىپ، ئۆز مەھەللىلىرىنى بىرلىكتە قوغدايدىغان ھالەت شەكىللەنگەن.

« 5-ئىيۇل قىرغىنچلىقى»يۈز بەرگەندە ئىتالىيەدە دۆلەت زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ،  G8باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ دەرھال بېيجىڭغا قايتقان ۋە بۇ ۋەقەنى دەرھال باستۇرۇش توغرۇلۇق يوليورۇق بەرگەن. بۇ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئېغىر قىرغىنچلىق ۋەقەسى بولۇپ، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى باش بولۇپ مىللىي قىرغىنچىلىقنى باشلاپ بەرگەن، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇشقا سالغان، ئاندىن يەنە جىنايەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرلارغا ئارتىپ ئۇلارنى تۈركۈملەپ قىرغىن قىلغان.

خىتاي مەركىزى رادىيو ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى مەمەتجان ئابدۇللا «شياۋگۇەن ۋەقەسى»ن ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۆز توربېتىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ قىرغىنچىلىققا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىشقا چاقىرىق قىلغان باياناتىنى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ سەلكىن تورىدا ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ 2010-يىلى 4-ئايدا <<مىللىي زوراۋانلىققا قۇتىرتىش>> دىگەن تۆھمەت بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان.

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى بىرئاھاللىلەر كومتىتىنىڭ مۇدىرى، «سەلكىن تورى» نىڭ باشقۇرغۇچىسى گۈلمىرە ئىمىن 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان ئادالەت تەلەپ قىلىش نامايىشىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆزى باشقۇرۋاتقان تور بېتىگە چىقارغانلىقى ئۈچۈن  2010-يىل ئاپرىلدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى نۇر بەكرىنىڭ ساۋاقدىشى،  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتىنىڭ مۇخبىرى،  كومپارتىيگە سادىق غەيرەت نىياز ھۈكۈمەت بىلەن خەلىق ئارسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھۈكۈمەت دائىرلىرىگە تەكلىپ سۇنغانلىقى ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان.

خىتاي مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىنىڭ دوتسىنتى، «ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش بىلەن خەلىقئاراغا تۇنۇلغان تەتقىقاتچى  ئىلھام توختى «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە توختىلىپ، «بۇ تاسادىپى يۈزبەرگەن ۋەقە بولماستىن، بەلكى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بىرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەتلىرىنىڭ نەتىجىسى» دەپ خىتاي ھۆكۈمىتنى تەنقىد قىلغانلىقى ئ‍ۈچۈن، 2014-يىلى 23-سىنتەبىر «بۆلگۈنچىلىك ۋە قۇتراتقۇلۇق جىنايىتى» بىلەن  ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان.

خەلقئارا كۈزتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بۈلۈمىنىڭ رەئىسى سوفى رىچاتسۇن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلقى» دىن كىيىن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايۇننى ھەربىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تىزلەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قەيسەرلىكى ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشتىكى جاسارىتىگە قايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۈكۈمىتى تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى ھەرخىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەن رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ، نوپۇسىنى ئازلىتىپ، مىللىي  تەرەققىياتىنى چەكلەپ، ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ  كەلدى. «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى»نى خىتاي مەيلى سەۋەنلىك بىلەن ياكى قەستەن پەيدا قىلغان بولسۇن، مەقسىتى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازغىنە پۇرسەتتە ھەر ئون-يىگىرمە يىلدا بىر گۈللىنىشى ۋە جانلىنىشىنى تامامەن ۋەيران قىلىشتۇر.

دۇنيا خەلقى شۇنى بىلىشى كېرەككى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتاي كومپارتىيەسى ئەسلىدىنلا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تېررورلۇق گۇرۇھى بولۇپ، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلقى»دا ھەققانىيەت ئۈچۈن كۈرەشكەن ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى»دېيىشكە ئەسلا سالاھىيىتى توشمايدۇ، ئەمما رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان بۇ خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلغاندىن بۇيان ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى يۇقتىشقا ئۇرۇنسا، 20 يىلدىن بۇيان  تېررورلۇق باھانىسى بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. بۈيۈك ئېھتىمالدا، ئەنە شۇ باھانە ئۈچۈن پىلانلانغان «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» خىتاي ئۈچۈن تېپىلغۇسىز باھانە بولۇپ بەردى. خىتاي ھۆكۈمىتى «ئەمدى قايتىلانمايدۇ» دېيىلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلقنى 5 يىلدىن بېرى سىستېمىلىق داۋام قىلىۋاتىدۇ. « 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى»نى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ئۈچۈن پىلانلىغان ۋە مۇۋەپپىيەت قازانغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى دەپ چۈشەنگىنىمىزدە، خىتاينىڭ يىللاردىن بېرى كەڭ-كۆلەملىك ئېلىپ بېرىۋاتقان فاشىستىك قىرغىنچىلىقىنى ۋە بۇ جىنايەتنىڭ نېمىشقا توختىماي داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز.

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى