غېرىپ دەردىنى غۇربەتتە ئادادىن سورا ۋىسال دەردىنى ئاشىق گاداداىن سورا ۋەتەنسىز ھاياتتا نە مەنە ، نە تەم بۇنى ئۆز ئىلىدىن ئايرىلغان جۇدادىن سورا سەرسان روھ رومانىدىن
بۈگۈن5-ئاينىڭ23-كۈنى. بۇ كۇن مىنىڭ مەڭگۇ ئىسىمدىن چىقمايدىغان كۈن. بۇ كۇن بۇ دۇنيادىكى مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بولغان دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاۋازىنى ئاڭلىغان ۋە مېنى دادامدىن شۇنداقلا 19 ئائىلە ئەزالىرىمدىن مەڭگۇ ئايرىۋەتكەن كۈن. بۇنىڭدىن 4 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنى كۈندە، يەنى 2017 -يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى دادام بىلەن تېلفۇندا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۈرۈشكەنىدىم. شۇ كۈندىكى دادام بىلەن تېلفۇندا دىيىشكەن گەپلەر ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ. دادا قانداقراق ئەھۋالىڭ؟ ياخشى تۇرۋاتامسەن؟ ئاپام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن سېنىڭمۇ دىلىڭ سۇنۇق، ئۈگەي ئاپام ھالىڭدىن ياخشى خەۋەر ئېلۋاتامدۇ؟ سەن ئەڭ ئامراق ۋە سەن پەخىرلىندىغان ئوغلۇڭ ئازاپلىق كۈنلىرىڭدە يېنىڭدە بۇلۇپ ساڭا تەسەللىي بىرەلمىدى . سەن ئاغرىپ دوختۇرخاندا ياتقاندا سېنى يوقلاپ بېرىپ ھالىڭدىن خەۋەر ئالالمىدىم. باللىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالمىدىم. بۇلارنى ئويلىسام ئۈزەمنى ئالدىڭدا گۇناھكاردەك ھىس قىلىمەن. تېلفۇندا گەپ قىلىۋېتىپ «مەندەك ۋاپاسىز ئوغلۇڭنى كەچۈر دادا !» دەپ كۆز يېشى قىلغانلىرىم ھازىرمۇ ئىسىمدە. دادام تېلفۇندا «ئوغلۇم، كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما، كىم ئويلىغان سېنىڭ ۋەتەندىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە سەرگەردان ياششىڭنى. ھەر ئىشتا بىر خەير بار، بەلكى بۇنىڭدىمۇ بىرخەير باردۇ. بىزدە < ئۆز يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى رويىڭ سامان بولماس> دەيدىغان گەپ بار. ۋەتەنسىزلىك، مۇساپىرچىلىقتا ھەممە نەرسەڭ تەل بولسىمۇ كۆڭلۈڭنىڭ بىر يېرى يېرىم بولىدۇ، ئىچ-ئىچڭدىن خوشال بۇلۇپ كۈلەلمەيسەن،مۇساپىرچىلىق سېنى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ تېخىمۇ باتۇرلۇق بىلەن ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. سەن بۇ ھاياتتا بىز كۆرمىگەن نۇرغۇن ئىسسىق-سوغاقلارنى كۆردىڭ، دۇنيانى چۈشەندىڭ، ئۈزەڭنىمۇ تېخى چۈشەندىڭ، نىمە ئۈچۈن ئاتا-ئاناڭنى، ئورۇق-تۇققانلىرىڭنى، بالىلىقتا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرىڭنى، بىر ئوبدان خىزمىتىڭنى تاشلاپ، چەت ئەلدە مۇساپىر بولۇپ ياشاشنى تاللىغانلىقىڭغا تېخمۇ ياخشى جاۋابلارنى تاپقان بۇلشىڭ مۇمكىن. مەيلى سەن قەيەردە ياشا، سېنى باغرىدا ئۆستۈرگەن ئانا تۇپراقنى ھەرگىز ئەستىن چىقىرىپ قويما. ئائىلەڭگە ئوبدان قارا، باللىرىڭنى ياخشى باق، ياخشى تەربىيلە. مۇساپىرچىلىقتا ساڭا تەسەللىي بولىدىغىنى، سېنى خۇشال قىلىدىغىنى ئايالىڭ بىلەن باللىرىڭ. شۇلارنى خوش قىلغىنىڭ مېنى خوش قىلغىنىڭ» دەپ ماڭا تەربىيە قىلغانىدى.
مەن ئېسىمنى بىلسەم، دادام رەھمەتلىك دادىسنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلايتتى، ئۇنىڭ دىگىنى بۇيچە ئىش قىلاتتى. بىز ئۇيغۇرلاردىكى «ئاتا-ئاناڭ رازى، خۇدا رازى» دىگەن ئاتا سۆزگە بەك ئەمەل قىلاتتى. دادامدىن قالغان ئۇدۇم ئوخشايدۇ، مەنمۇ دادامنىڭ نەسھەتلىرىنى ئوبدان ئاڭلايتتىم ۋە ئېسىمدە ساقلايتتىم. دادامنى نارازى قىلىشنى راۋا كۆرمەيتىم. بۇ قېتىملىق قىسقا پاراڭلىشىشتا دادام يەنە ماڭا «ئوغلۇم سەن دىنىي ئېتىقاد، مەدەنىيەت ،ئۆرپ-ئادەتتە بىزگە تامامامەن ئوخشىمايدىغان بىر دۆلەتتە ياشاۋاتسەن. سەن بۇ دۆلەتنىڭ قانۇنىغا بويسۇنۇپ، ياخشى پۇقرا بولۇپ ياشا، ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىل، شۇ ۋاقىتتا قەدىر-قىممىتىڭ بۇلىدۇ. گوللاندىيە سېنىڭ ئىككىنجى ۋەتىنىڭ، بالىلىرىڭنىڭ كىندىك قېنى تۈكۈلگەن ئانا ۋەتىنى بۇلۇپ قالدى. سەن قانداق ياشساڭ بالىلىرىڭ سەندىن شۇنى ئۈگىنىدۇ. بالىلىرىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەپ ئۇلارغا ئۈلگە بول. ئۇلارنى ياخشى ئوقۇت» دېگەنىدى.
بۇ قېتىملىق پاراڭلىشىشتا خۇددى دادامنىڭ كۆڭلى تۇيغاندەك، ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئاخىرقى سۆزلىرى، ئاخىرقى تەربىيەسى ئىكەنلىكىنى خيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن. مانا بىردەمدىلا تۆت يىل ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى، بۇ كۈيۈمچان، مېھنەتكەش، سەمىمىي، قەدىرلىك دادامنىڭ ئاۋازىنى سېغىندىم. دادامنىڭ سىماسى ھەردائىم كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بەزى كۈنلىرى دادام بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ چۈش كۈرىمەن، بەزى كۈنلىرى كۆرگەن چۈشۈمدىن چۈچۈپ ئويغىنىپ كىتىمەن. دادا سېنى شۇنداق سېغىندىم. سېنىڭ قەدىرىڭنى مەن ئەمدى ھىس قىلدىم. چۈنكى مەنمۇ باللىرىمغا دادا بۇلۇپ، بالىلىرىمنى تەربىيەلەپ ساغلام چوڭ قىلىشنىڭ نەقەدەر قىيىن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم. دادا سەن پات-پات «مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالسىغا >> دەپ قوياتتىڭ، بالىلىرىم ھەر قېتىم بويۇنلىرىمغا مىنۋالغاندا مۇشۇ سۆزۈڭ يادىمغا كېلىدۇ، سېنىڭ سىمايىڭ كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ. سەن دادىلىق بۇرچۇڭنى ئادا قىلدىڭ، مىنىڭ دادىلىق بۇرچۇم تېخى ئەمدى باشلاندى.
خەلقىمىزدە «ئوغۇل ئاتىنىڭ سىرىدۇر» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز بار. مەن ئۆزۈمدىكى ياخشى تەرەپلەرنى بايقىغاندا بۇنىڭ سەندىن ماڭا ئۇدۇم قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىمەن, ۋە بۇ پەزىلەتلەرنى بالىلىرىمغا سىڭدۈرۈشكە تىرىشىمەن. سېنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىمايىڭ ماڭا ئىلھامدۇر, سېنىڭ تەمكىن, ئېغىر-بېسىق ھالىتىڭ مېنى سەۋر قىلىشقا ئۈندەيدۇ, سېنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىڭ ماڭا ھەق-ناھەقنى ۋە دوست-دۈشمەننى ئايرىشنى ئۆگىتىدۇ, سەن مېنىڭ شانلىق ئەجدادىم, سەن مېنىڭ يولباشچىم, سەن مەندىكى مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى, ھايات بولغان بولساڭ ئامان بولغىىن دادا! ۋاپات ئەتكەن بولساڭ ياتقان يېرىڭ جەننەتتە بولسۇن.
2021-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى كىچە سەئەت 02:20