بارىن ئىنقىلابىنى ئەسلەيمەن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
بۇنىڭدىن 31 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخدىكى دەۋېر بولگۈچ ئىنقىلاب -بارىن ئىنقىلابى پارتىلغان كۈن. بۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتايغا قۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلىقى، ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقى سىگنالىنى بەرگەن كۈن، شۇنداقلا دۇنياغا<<بىزتېخى ھايات، بىزگە ئازاتلىق كېرەك>> دىگەن ساداسىنى ياڭراتقان كۈن.
بۇندىن 31 يىل ئىلگىرى، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىدىن 200دەك دېھقان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇت، ئىسلام ئېتىقادىنى چەكلەش،شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، دىھقانلارنى تۈگىمەس ھاشارغا سېلىش» قاتارلىق زۇلۇمىغا قارشى تنىچ شەكىلدە نامايىش ئۆتكۈزگەن. خىتاي ھۈكۈمىتى 50 تەك نامايىشچىنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن. كۈپۈنچىسىنى تۇتقۇن قىلىپ تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن خەلق قوزغىلىپ، زەيدىن يۈسۈپ يىتەكچىلكىدە 2000 دىن ئارتۇق دېھقان قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ساقچىخانلارغا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلارنىڭ بىرقىسىم قوراللىرى تارتىۋېلنىپ بەش خىتاي ئەسكەر ئەسىرگە ئېلىنغان. قوزغۇلاڭچىلاردىنمۇ بىرقىسمى خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن. ھەتتا خىتاي ھۈكۈمىتى ئىنقىلابچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرغان. زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقدىكى بۇ ئىنقىلاپ دىڭ شىياۋپىڭ،جىياڭزىمىن،لى پىڭ قاتارلىق جاللاتلارنى چۆچۈتىۋەتكەن. ئۇلار بۇ ئىنقىلاپنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشتىن قورقۇپ، ئۇنى تۈپ يىلتىزدىن يوق قىلىش ئۈچۈن زامانىۋى قوراللىرىنى ئىشقا سېلىپ قوزغىلارڭچىلارنى قانلىق باستۇرغان؛ بۇ قوزغىلاڭ 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5- كۈنى تاڭ سەھەردە باشلىنىپ 7 كېچە-كۈندۈز داۋاملاشقان.
بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان بىر خىتاي ئەسكىرى كىيىن ئامرىكىغا قېچىپ چىقىپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بارىن يېزسسىدا ئېلىپ بارغان قۇراللىق باستۇرۇش ھەركىتىدە كۆرگەنلەرنى ئاشكارىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە پۈتۈن بارىن يېزىسىدىكى خەلق،مەيلى ئىنقىلابقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، بالا ئىمتىۋاتقان ئاياللارنى، ھەتتا بوۋاقلارنىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
بارىن يېزىسىدىكى باستۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتمۇ خىتاينى ئەيىبلەپ كەلمەكتە. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىى 1999-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقلىرى ھەققىدە 92 بەتلىك مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە جاۋابكار بۇلۇش ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.
بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس، قەھرىمان مىللەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى نامايەن قىلغان دەۋىر بۆلگۈچ ئىنقىلاب. بىز بۇ شەرەپلىك ئىنقىلابنى سۆيۈنۈش ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز ھەمدە بۇ ئىنقىلاپتا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ۋە بارلىقىنى خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئاشۇ شەھىدلىرىمىزنى قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئەسلەيمىز، زەيدىن يۈسۈپتەك قەھرىمانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك كۇننى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز. بارىن روھىي تۇتاشتۇرغان ئوتتەك ئىرادە قەلبىمىزدە مەڭگۇ يالقۇنلايدۇ؛ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ ئۈزىمىزنىڭ ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز.
مەنبە: بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى ناملىق كىتاب
2021-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى