ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى جەرمانە تىنىچ شەكىللىك نامايىشىمنى چەكلەش ئۈچۈنمۇ؟

ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى جەرمانە تىنىچ شەكىللىك نامايىشىمنى چەكلەش ئۈچۈنمۇ؟

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ئامسىتېردام دام مەيدانىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتېرلەش پائالىيتى ئۆتكۈزدۇم. 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ رەتلىك قوللىرىدا ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن بۇ بايراقنىڭ رەڭگىدىكى <<شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق>> دىگەن خەت يېزىلغان شارنى تۇتۇپ رەتلىك تىزىلىپ دام مەيدانىنى ئايلىنىپ ماڭدى.  جاراڭلىق شەرقى تۈركىستان دۆلەت مارشىمىزنىڭ قۇيلىشى بىلەن بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك ئېلىپ بېرىلىپ بېرىلدى. ئارقىدىنلار يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيتىمىزنى خاتىرلەشنىڭ ئەھمىيتى ئۇيغۇرچە، گوللاندىچە، ئىنگىلىزچە، ئەرەپچە تۆت خىل تىلدا فەيىسبوك ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئامىتسېردام دام مەيدانىغا ئېسىلغان ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە 21-ئەسىردا ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا ئائىت 13-خىل تىمىدىكى دەللىل –ئىسپاتلىق لوزىنكىلار ساياھەتچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. پائالىيەت ناھايتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە شەكىلدە 4 سائەتتەك داۋاملاشتى. پائالىيەت تۈگەپ نەرسىلەرنى ماشىنىغا قاچىلاپ قايتايلى دەپ تۇرشىمىزغا بىر قانچە مەمۇرى قانۇن ئىجىرا قىلغۇچى خادىمىلار كىلىپ سەن بۇ يەردە ماشىنا توختۇتۇپسەن، بۇ بەلگىلمىگە خىلاپ جەرمەنە تۈلەيسەن دەپ تۇرۋالدى. مەن چىرايلىقچە ئەپەندىم، مەن بۇ ئامىستېردام دام مەيدانىدا ھەرھەپتە ئاخىرى ئىزچىل خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېىرۋاتقان قىرغىنچىلقىنى دۇنياغا ئاڭلتىش ئۈچۈن تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىۋاتقىلى ئىككى يېرىم يىلدىن ئاشتى، مەن ھەرقېتىم ماشىنا بىلەن نامايىشقا كېرەكلىك نەرسىلىرىمنى ئېلىپ كىلىپ ۋە يەنە ماشىنا بىلەن نەرسە كېرەكلىرىمنى ئېلىپ قايتىپ كىتمەن. مانا ماۋۇ قۇلۇمدىكى ئامىستېردام شەھەرلىك ھۈكۈمەتتىن ئامىستېردام دام مەيدانىدا نامايىش قىلىش ئۈچۈن ئالغان رۇخسىتىم، بۇنىڭدا ئېنىق يېزىقلىق دەپ شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ رەسمىيتىڭ تۇلۇق ئەمەسكەن دىگەننى باھانە قىلىپ جەرمانە تۈلەيدىغانلىقىمنى ئەسكەرتتى.2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئەدىلىيە مىنىستېرلىكىنىڭ 149 ياۋرۇ جەرمانە قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. دەرھال بۇنىڭغا قارىتا نارازىلقىمنى ئىپادىلەپ تەپتىش مىنىستېرلىكىگە ئەرىز قىلدىم، 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئەرزىم رەت قىلىنغانلىق ھەققىدە خەت تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇ خەتتە ئەگەر مەن يەنە قايىل بولمىسام يەنە بىر قېتىم ئەرىز قىلىش ھەققىم بارلىقى ھەققىدە ئەسكەرتىش بەرگەن ئىدى. مەن يەنە ئەرىز قىلىپ ھازىرغىچە جاۋاب ساقلاۋاتىمەن. مەن ھەرقېتىم نامايىش قىلماقچى بولسام نامايىش قىلىشتىن 24 سائەت بۇرۇن چۇقۇم ئامىستېردام شەھەرلىك ھۈكۈمەتتىن تەستىق ئېلىشىم كېرەك ئىدى. گوللاندىيەدە خىتاي ۋېروسىنىڭ ئىككىنجى قېتىم يۇقۇرى دولقۇننىڭ قايتا قوزغىلشى بىلەن بۇلتۇر 11- ئاينىڭ ئاخىرغىدىن ھازىرغىچە يىمەك-ئىچمەكلەرنى ساتىدىغان ماركىتلاردىن باشقا بارلىق ئورۇنلار تاقىلىپ نۇرغۇن ساھەلەرگە چەكلىمە قۇيۇلدى. بۇ چەكلىملەر قاچانغىچە داۋاملىشاركىن، ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. تۈركىيەدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرپ كىلىۋاتقان <<ئائىلە نۆۋىتىدىن، مىللەت نۆۋىتىگىچە >> ھەركىتىگە ئاۋاز قۇشۇش ئۈچۈن مەنمۇ نامايىشقا ئىلتىماس قىلىپ، يۇقارقىدەك بىھۇدە جەرمانە تۈلەيدىغان ئەھۋاللارنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن ئامىستېردام شەھەرلىك ھۈكۈمەتكە بۇ ھەقتە خەت يېزىپ تۇلۇق رەسمىيەتلىك ئىجازەت ئېلىش ھەققىدە خەت يازغان بولساممۇ ئەمما بۈگۈنگىچە بۇ ھەقتە ئېنىق جاۋابقا ئىرشەلمىدىم.  نىمە ئۈچۈن ئىككى يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت داۋاملاشقان تىنىچ شەكىللىك نامايىشىم تۇيۇقسىز قۇيۇلغان جەرمانە بىلەن تۇسالغۇغا ئۇچۇرايدۇ؟ مەن خىتايغا قارشى نامايىشتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن، شۇنداقلا نامايىشمغا تۇسالغۇ بۇلۇۋاتقان بىھۇدە ئاۋارچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قانۇن ئارقىلىق ئۈزۈمنىڭ ھۇقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەققانىيەت  يولدىنمۇ ۋاز كەچمەيمەن.

يېزىلغان ۋاقتى 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى