گوللاندىيەدىكى 54 خىتاي تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىغا قارشى بىرلەشمە باياناتىغا قارشى بايانات
باياناتمۇ ياكى دىمكۇراتىيگە قارشى تەھدىتمۇ؟
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
خەلىقارانىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇش ۋە ئىتىراپ قىلىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىغا ئەگشىپ ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئىنسانىيەتكە ۋە دېموكراتىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان جىنايەتلىرىنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز دەرجىدە ياۋۇزلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. گوللاندىيە ھۈكۈمىتى دۇنيادىكى ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. بۇ ۋەجىدىن بىز (ئۇيغۇرلار) گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
شۇنداقلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ پاكىتلىرى ۋە ئادىمىي
ئىسپاتىلىرى كۆپلىگەن گۇۋاھچىلار ۋە جازا لاگېرلىرىدا ھايات قالغانلارنىڭ گۇۋاھلىقىدىن دەلىللەنگەن ۋە پۇلاتتەك پاكىتلار بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىسپاتلاپ تۇرغان بولسىمۇ (ئەلۋەتتە بۇ يەردە مېنىڭ 19 دىن ئارتۇق ئائىلە ئەزالىرىم بىلەن بولغان ئالاقەمنىڭ 3 يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈلۈپ قېلىشى ۋە كۆپلىگەن تۇققانلىرىمىنىڭ ھېچبىر جىنايى پاكىتسىز ۋە قانۇنلۇق تەرتىپسىز ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشىمۇ خىتاي ئرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بىر پاكىتى)، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق 54 خىتاي تەشكىلاتى گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىش قارارىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدى. ئېنىقكى ، باياناتقا ۋەكىللىك قىلغان بۇ خىتاي تەشكىلاتلىرىنى گوللاندىيەدىن ئىبارەت بۇ دېموكراتىك دۆلەت قوللاپ كېلىۋاتىدۇ . لېكىن بۇ خىتاي تەشكىلاتلىرى كىچىكىدىن سىڭدۈرۈلگەن كوممۇنىزم ئىدىلوگىيسى بويىنچە ياشايدىغان بولۇپ ، بۇ بايانات شۆھبىسىزكى بۇ تەشكىلاتلارنىڭ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارتىلغان رەھىمسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جىنايەت شېرىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ سادىق قوللۇغىچىللىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش بايانلارنى ئەركىن دۇنيا ۋە دېموكراتىيەگە تەھدىت دەپ قاراش كېرەك. بۇ بايانات شۈبھىسىزكى چەتئەللەردە ياشايدىغان زور كۆپچىلىك خىتايلارنىڭ خىتاي ۋە باشقا مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ سادىق چاكارلىرى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قوللايدىغانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى. ئۇلارنىڭ نومۇسسىز قىلمىشىنى تۈزىتىشىنى كەسكىن تەلەپ قىلمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەن گوللاندىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئادالەتنى قوغداپ ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ئىسانىي ئادالەت ئېلىپ كېلىپ ، مۇستەققىل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇشنى ئېلىپ ئۈمىد قىلىمەن.
يېزىلغان ۋاقتى 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى