قېلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرلگەن شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئەسلەيمەن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
بۈگۈن يەنى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئاتىغان ئۇت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلىقىغا 88 يىل بولغان قاباھەتلىك كۈندۇر.
شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى مىلادى 848-يىلدىن 1369-يىلغىچە ھۈكۈم سۈرگەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان تۇرپان شەھرىدە سودىگەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلسى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن، مەرىپەتپەرۋەر ئائىلە ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 5 ياش ۋاقتىدا ساۋادىنى چىقارغان بۇلۇپ، 12 ياشقا كىرگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ،پارىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان. 1916-يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن رۇسىيەگە بارغاندا رۇسچە ئۆگىنىدۇ. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شۆتاڭغا كىرىپ خىتايچىنى ئۆگىنىپ، خىتاي كىلاسىك ئەدەبىياتى ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىسدىمۇ مۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بۇلىدۇ. ئەنە شۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە جاھالەتكە قارشى تۇرۇپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئىرادىسى شەكىللىنىدۇ.
1923-يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2-قېتىم سېۋىت ئىتپاقىغا بېرىپ يەنە ئۈچ يىل ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېۋ تولىستۇي، گورگىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ. شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ئۇنىڭغا تەسىر قىلىدۇ. 1926 – ﻳﯩﻠﻰ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ تۇرپاندا ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ مائارىپنى تەشەببۇس ﻗﯩﻠﯩدۇ؛ ﺑﺎﺳﻤﺎ ﺯﺍﯞﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗپ، ﮔﯧﺰﯨﺖ ژۇﺭﻧﺎﻝ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ تەييارلىق قىلىدۇ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ئۇيغۇرلارنى جاھالەتكە مەھكۇم قىلغان ﻳﺎﯓ ﺯﯨﺸﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣىتى ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ . ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰﻣﻪﺧﺴﯜﺕ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ، ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﺧﯘﺟﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ 1927 – ﻳﯩﻠﻰ « ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﻰ » ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ﺗﻮﭘﻼﭖ، ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺳﻪﻳﭙﯘﯓ ﺩﯦﮕﻪﻥﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﻭﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ يىلى ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪﺭ ﺋﺎﻕﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ « ﮬﯚﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ »، ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯘﯞﯗﻗﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ئاچىدۇ.
بۇ مەزگىلدە ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مىللەتنى ئويغىتىدىغان نادىر ، جەڭگىۋار شېئىرلارنى يېزىپ، خىتاي ھاكىميىتىنى ئەندىشگە سالىدۇ. ئەكسىيەتچىل ھۈكۈمەت ئۇنى شىئېر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شىئېرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1932-يىلى 11-ئايدا <<ئويغان>>، <<ئاچىل>> دىگەن شىئېرلارنى ئاق رەخىتكە چوڭ خەتلىك يېزىپ كۇچىلارغا چاپلاپ، خەلقنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلىنىشكە چاقىرىدۇ.
1932- ﻳﯩﻠﻰ 12- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﯞﻩ ﻗﯘﻣﯘل دېھقانلىرى خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ﻗﺎﺭﺸﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯓ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ. ﻗﯘﻣﯘلدىكى قوزغىلاڭنى ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ جاللات ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ 1933 – ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ قاچاق رۇس ئەسكەرلىرى بىلەن بىللە ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ سەپداشلىرىنى ﺩﯦﮭﻘﺎﻧﻼﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ تۇتقۇن قىلىدۇ؛ روزا موللا دېگەن خائىن مۇناپىق ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بېرىشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن ۋەتەنپەرۋەر شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 17 كىشى بىلەن بىرلىكتە تۇرپان كوچىسىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ قەددىنى تىك تۇتۇپ، خىتاي ھاكىميتىگە قارشى خىتايچە ۋە رۇسچە جاراڭلىق ﻧﯘﺗﯘﻕ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻗﯩﻠﯩﭻ ﺋﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ! » ، « ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ! » ﺩﻩﭖ جاراڭلىق شوئار توۋلايدۇ. شائىرنىڭ قان بىلەن پۈتكەن، جان بىلەن ئىسپاتلىغان «ئويغان» ناملىق شېئىرى ۋە ئازادلىققا تەلمۈرۈپ يازغان «گۈل ئاچىل»ناملىق شېئىرى تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخرى، غۇرۇرى، مەنىۋى مەدەتكارى بولۇپ كەلمەكتە.