شەرقى تۈركىستان ئارمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
1944-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى ئاستىدا، غۇلجا ناھىيە بازىرى (ھازىرقى غۇلجا شەھىرى) دە شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى يەر ئاستى تەشكىلات – غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلدى. ئېلىخان تۆرە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىس بولدى.
1944-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى، پاتىخ مۇسىلىموپ، ئەكبەر، سېيىت، غېنى باتۇر قاتارلىقلار نىلقا ناھىيەسىنىڭ ئۇلاستاي تاغلىق رايونىدا قوراللىق پارتىزانلار ئەترىتى قۇردى.
1944-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا نىلقا پارتىزانلىرى گومىنداڭ ھۈكۈمتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى ۋە ناھايتى تېزلىك بىلەن بىرقاتار غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ نىلقا بازىرىنى ئازاد قىلدى، قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن خىتاي گومىنداڭ ھۈكۈمىتى ئۈرۈمچىدىن3000 دىن ئارتۇق ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئارقىمۇ–ئارقا مەغلۇپ بولدى. قوزغىلاڭچىلار غۇلجا شەھرىگە بېسىپ كىرىپ ھەرەمباغ ئۇرۇشى، ئايردروم ئۇرۇشى ۋە لەڭشاڭ ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى بىلەن غۇلجا شەھرىنى خىتاي گومىنداڭ ھۈكۈمتىنىڭ قولىدىن تولۇق ئازاد قىلىپ 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12 – كۈنى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۈكۈمتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجىدا شەرقى تۈركىستان ئارمىيەسىگە بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ مۇنتىزم ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقى رەسمى جاكارلاندى. قوشۇننىڭ فورمىللىرىنى سوۋىت ئىتتىپاقى ئارمىيسىنىڭكىگە تەقلىد قىلپ تىكتۈردى.ئارمىينىڭ پاگون، كاكار، بايراقلىرىنى بېكتىپ چىقتى، مېدال ۋە ئوردېنلارنى تارقاتتى. ئارمىيە باش شىتابى قارمىقىدا ھەربىي تەمىنات باشقارمىسى، سىياسى باشقارما، ھەربىي قۇرۇلۇش باشقارمىسى، ھەربى سوت، ھەربىي ھەرىكەت باشقارمىسى قاتارلىق ئورگانلار تەسس قىلىندى. سېۋىت ئىتپاقىنىڭ غۇلجىغا كەلگەن ئەسكەرلىردىن بولغان پالېنوف باش قوماندانلىققا، مازھاروف شىتاب باشلىقلىقىغا، ئۇيغۇرلاردىن زۇنۇن تېيىپوف مۇئاۋىن باش قوماندانلىققا، غېنى باتۇر ھەربى سوتنىڭ باش باشلىقلىقىغا، ئابدۇكېرىم ئابباسوف سىياسى باشقارمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيئىللەندى. مۇنتىزىم قوشۇننىڭ ئومۇمى ئەسكىرى كۈچى 40 مىڭدىن ئاشتى.
بۇ قوشۇن گەرچە يېڭى قۇرۇلغان بولسىمۇ ۋەتەننى ئازات قىلىش ئىرادىسى ۋە جەڭگۋارلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ناھايىتى تېزلا شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتتىن خىتاي قوشۇنلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىپ،گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ پولات ئىستىھكاملىرى،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى مەكىزى بولغان ئۈرۈمچىىنىڭ پولات قورغىنى دەپ ئاتالغان شىخو، جىڭ مۇداپىئە سەپلىرىنى بىتچىت قىلىپ، داۋاملىق ئۈرۈمچىگە قاراپ ئىلگىرلەپ، ئۈرۈمچىگە 150 كېلومېتىر كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ توختاپ، دەريادىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە جەنۇبىي يۆنىلىش قىسمىنى تەشكىللەپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى جايلارغا ھۇجۇم باشلاش بىلەن تەڭ، بۇ جايلارغا مەخپى ئادەم ئەۋەتىپ جاي – جايلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ تەشكىللەيدۇ. جەنۇپتا تاشقورغان، تاشمىلىقلارنى مەركەز قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلار قىسمىنى قۇرۇپ،خىتاي قوشۇنلىرى قولىدىكى جايلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم باشلايدۇ. مۇنتىزىم قىسىم سىتراتىگىيەلىك ئورۇن ھېساپلانغان باي، ئونسۇ ناھىيەلىرىنى ئازات قىلىپ، خىتاي قوشۇنلىرىنى ئاقسۇ شەھەر سېپىلى ئىچىگە قاپسىۋالىدۇ. باشقا قوراللىق قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارمۇ تۇشمۇ – تۇشتىن ھۇجۇم باشلاپ ئۆز تەۋەسىدىن خىتاي قوشۇنلىرىنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي قوشۇنلىرى ئاساسەن شەھەرلەردىكى سېپىل ئىچىگە قاپسىلىپ قالىدۇ. خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەربىي – مەمۇرى ئەمەلدارلىرى بۇ زىمىننى ساقلاپ قېلىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە مال مۈلۈكلىرىنى جىددىي خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدۇ.
بۇ دەل 2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان مەزگىل بولغاچقا جاڭ جېيشى روزۋېلىتنى ئىشقا سېلىپ، سىتالىن بىلەن سۈلھىلىشىپ ،تاشقى موڭغۇليەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىش، لۈشۈن، دالىيەن پورتلىرىنى سوۋىت ئىتپاقىغا ئىجارىگە بېرىش ھەمدە بۇ يەرلەردە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇشىغا رۇخىسەت قىلىش، شەرقى شىمالدا تۆمۈريول ياساش ھوقۇقىنى بېرىش قاتارلىق ئىمتىيازلارنى بېرىش بەدىلىگە شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي تەۋەلىكىدە ساقلاپ قېلىشقا كېلىشتى. بۇنىڭ بىلەن سوۋىت ئىتتپاقى بارلىق ھەربى مەسلەھەتچىللىرى ۋە ھەربىي خادىملىرنى ئېلىپ چىقىپ كېتىپلا قالماي،قورال – ياراق، ئوق –دورا ۋە باشقا زۆرۈر ئەشيالارنى سېتىپ بېرىشنى توختاتتى. ھەمدە شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلىدى.

بىر نەچچە ئايلىق جاپالىق سۆھبەتلەردىن كېيىن ئاخىرى 1946-يىلى 4-ئايدا،ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىدسىدا 11 ماددىلىق بىر بىتىم بىتىم ئىمزالىنىپ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتى نامدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بىرلەشمە ھۈكۈمەت قۇرۇلدى، شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسى قىسقارتىلىپ 6 پولىك قىلىپ تەشكىللەندى. جەنۇپتكى ئون مىڭلىغان قوراللىق قوزغىلاڭچىلارمۇ قوراللىرىنى تاپشۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتتى. لېكىن خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمتى ئارقا–ئارقىدىن سەمىمىيەتسىزلىك قىلىپ كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغاچقا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستان تەرەپ ۋەكىللىرى 1947-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتتى ھەم ئارمىيەنى قايتىدىن كېڭەيتىپ، 5ئاتلىق پولىك، 3پىيادىلەر پولكى ۋە بىر مۇستەققىل ئاتلىق باتالىيوندىن تەركىپ تاپقان تېخىمۇ مۇكەممەل 30 مىڭ كىشلىك قوشۇن قىلىپ تەشكىللدى.
1949-يىلى كومۇنستىك پارتىيە گومىنداڭ بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ غەلبىسنى قولغا كەلتۈردى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە چېكىنىشكە تەييارلاندى.6- ئايدا لىيۇ شىياۋچى سوۋىت ئىتپاقىغا سۆھبەتكە باردى. سۆھبەت داۋامىدا سوۋىت ئىتتپاقى جوڭگو كومىنستىك پارتىيسىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا كىرىش قەدىمىنى تېزلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى دىڭ لىچۈن ئۈچ نەپەر خادىم ۋە بىردانە راتسىينى ئېلىپ ئالمۇتا ئارقىلىق غۇلجىغا يىتىپ كەلدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ماتېرىياللىرىدا ئېيتىلىشىچە، 8- ئاينىڭ 18- كۈنى ماۋزىدۇڭ ئەخمەتجان قاسىمغا تېلگىرمما يوللاپ 9- ئايدا ئېچىلىدىغان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش يىغنىغا تەكلىپ قىلغان. 8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى ماۋزىدۇڭغا تىلگىرامما يوللاپ تەكلىبىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب دەۋرىدە، غۇلجىدا پائالىيەت قىلغان بىخەتەرلىك خادىمى دوختۇر ھاكىم جاپپار يارۇللابېكوفنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئېلان قىلغان سۆھبەت خاتىرىسىدە دىيىلىشچە، ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە موسكۋادىن كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى ۋە قازاقىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر قازاق رەھبىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
بۇ سۆھبەتتە ئەخمەتجان قاسىمى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرىي شەخسلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا ھېچقانداق سىياسىي تەلەپ ۋە شەرت قويماي قاتنىشىپ، خىتاينىڭ سىياسىي پروگراممىلىرىنى ھىمايە قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئەگەر ئۆزلىرى يىغىنغا قاتناشسا شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسىي تەقدىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مۇستەقىللىققە، پەقەت بولمىغاندا فېدېراتسىيە تۈزۈم بويىچە ھوقۇققا ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بولمىسا مۇنداق يىغىنغا قاتنىشىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇقىنى كەسكىن ئېيتقان ئىكەن.سۆھبەت ئىنتايىن كەسكىن تالاش–تارتىش ئىچىدە ئۆتكەن ۋە شۇ كۈنى كېچىگىچە داۋاملاشقان. تالاش–تارتىشنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبېك مۇنونوف، دەلىلقان سۇگۇربايېف ۋە باشقىلار ئاخىرى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا مىللىي مەسىلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مودېلى بويىچە ھەل قىلىشى، يەنى فېدېراتىپ تۈزۈمگە مېڭىپ، ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىشقان. بىراق، موسكۋا ۋەكىللىرى بۇنىڭغىمۇ رازى قىلارلىق جاۋاب بەرمىگەن، ئاخىرى سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.
خىتاي ھۈكۈمىتى ھازىرغىچە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ 1949-يىلى، 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالمۇتادىن ئايرىلىپ، 27-ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە بايقال كۆلى بويىدا سىرلىق ھالدا ئايروپىلان قازاسىغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېيتىپ ۋە ئۇلارنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىندا ھېچقانداق مىللىي ۋە سىياسىي ھوقۇق تەلىپى سۇنمايدىغانلىقى ھەم ئۇلارنىڭ يېڭى جۇڭگونى تولۇق قوللىغانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كەلمەكتە.
لېكىن، مەزكۇر ئايروپلان ھادىسىسىغا ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە ئىشەنمەي كەلمەكتە،ئۇلار ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سىرلىق ئۆلۈم ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلىقىغا ئىشىنىپ كەلمەكتە.
بىر قاتار ئۇرۇشلاردىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللەپ گومىنداڭ ھۈكۈمتىنىڭ ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتىنى قۇردى.
1949-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن ئېتىبارەن تاجاۋۇزچى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى بىلەن شەرقى تۈركىستانغا بېسىپ كىرىپ شەرقى تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. 1950-يىلى 1-ئاينىڭ 20 –كۈنى مۇنتىزىم شەرقى تۈركىستان مىللي ئارمىيىسى خىتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچىللىرى تەرپىدىن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ 5- كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيسىنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋىتىلدى ۋە 1955-يىلىغا كەلگەندە پۈتۈنلەي يوق قىلىندى.
شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يۈكسەك غۇرۇرىنى نامايەن قىلغان، مىللىتمىز قەلبىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسى ئاخىرقى ھېساپتا خىتاي كوممۇنىست تاجاۋۇزچىللىرى تەرپىدىن ئۈزۈل –كېسىل يوق قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ مۇستەملىكسىگە چۈشۈپ قالدى. مەن شەرقى تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرلەيمەن. ياشسۇن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلىقى.