گوللاندىيە پارلامېنتىدا شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرىلەر بولدى

گوللاندىيە پارلامېنتىدا شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرىلەر بولدى

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

 

2020-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 10:15 مىنىۇت ئۆتكەندە گوللاندىيە پارلامېنتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى سىياسى قايتا تەربىيلەش نامىدىكى جازا لاگىرلىرىغا سولىغانلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا ھۆكۈمەتتىن تەدبىر قوللىنىش ھەققىدە كەسكىن مۇنازىرە باشلاندى. بۇ مۇنازىرىگە گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى 8 سىياسى پارتىيە ۋەكىللىرى،بىر پارتىيەسىز زات، تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلوك ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.مۇنازىرە 3 سائەتتىن ئارتۇق داۋام قىلىپ، ئاخىرى ھۆكۈمەتكە 8 تۈرلۈك تەلەپ سۇنۇلدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ۋەكىلى بولغان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلوك ئەپەندىم بۇ تەلەپلەرنى ھۆكۈمەتكە يوللاپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېنىق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالدىنقى يىلى ئويلان پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇناخۇن قۇزى گوللاندىيە پارلامېنتىدا كۆپ سانلىق سىياسى پارتىيلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىى تۈركىستاندا سىياسى قايتا تەربىيلەش نامىدىكى جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى سولاپ، ئۇلارنى ئۆزمىللىتىدىن، دىنىدىن، مەدەنىيىتدىن ۋاز كەچكۈزۈش قاتارلىق قەبىھ ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىغا قارىتا تەدبىر قوللىنىش ھەەققىدە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە تەكلىپ سۇنغان ئىدى. بۈگۈن بۇ تەكلىپكە قايتا قاراپ چىقىش ۋە ھۆكۈمەتتىن بۇ تەكلىپكە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەركەتكە ئۆتۈشكە بېسىم قىلدى. مۇنازىرە جەريانىدا ھەرقايسى پارتىيەلەر نېملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ھۆكۈمەتتىن نېملەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قىسىقچە ھەرقايسىڭلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بۇنى تەييارلىدىم. تەييارلاش جەريانىدا ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋاللارنى سۆزلىگەن سۆزلىرىنى قىسقارتىۋېتىپ، پەقەت ھۆكۈمەتكە قايسى تەلەپنى سۇنغانلىقىنى ۋە نىملەرنى قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنىلا يازدىم.

بۇ قېتىملىق پارلامېنتتىكى مۇنازىرىگە قاتناشقان سىياسى پارتىيەلەر Denk, SP,VVD, Pvda, Groenlinks, D66, CDA,PVV قاتارلىق پارتىيەلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە بىر پارتىيسىز زاتمۇ قاتناشتى. مەن قىسىقچە ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىدىن ۋەھۆكۈمەتتىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلغانلىقىنىلا قىسىقچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.

1.Denkپارتيىسىدىن تۇناخۇن قۇزى: بىز بۈگۈن بۇ يەردە جازا لاگىرىنىڭ 75 يىللىقىنى ئەسلەۋاتقان ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندە جازا لاگىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىڭە يۇيۇش، قىيناش قاتارلىق زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتىدۇ، دۇنيا بۇنىڭغا سۈكۈتتە تۇرسا بولمايدۇ، بىز بۇنىڭغىمۇ دىققىتىمىزنى ئاغدۇرشىمىز،بۇنىڭغا قارىتا بىرەر تەدبىر قوللىنىشىمىز كېرەك.گوللانىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىكى جازا لاگىرىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى ۋە جازالاگىرىغا قارىتا ناھايتى ئەندىشە قىلۋاتىدۇ،شۇنداقلا بۇنىڭغا قارىتا تەدبىرلەرنىمۇ قىلۋاتىدۇ. گوللاندىيە ب د ت، ياۋرۇپا ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەت بولۇپ، جازا لاگىرلىرىغا قارىتا بۇلار بىلەن ھەمكارلاشقاندىن باشقا ئۆز ئالدىغىمۇ ھەركەت قىلىشى كېرەك، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆپرەك ئىقتىساد ئاجىرىتىشى،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن كۆزەتچىلەرنىڭ شەرقى تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدە ئېلىپ بېرلىۋاتقان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈشى كېرەك،شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خىتايغا قارشى جازا قوللىنىپ، چېنچۈەنگونى جازالىشى كېرەك. گوللادنىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئامىرىكىدىن ئۆگىنىپ، قىلالايدىغان ۋە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوغداش قانۇن لاھىيسى تەستىىقلىشى كېرەك.

2.SPپارتىيدىن قارابۇلۇت دىگەن ئايال گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئىمكانىيتى يەتكەن دېپلوماتىك يوللاردىن پايدىلنىپ خىتاي بىلەن سۆزلىشىشى ، ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ تېخىمۇ كۆپرەك ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ب د ت دىن مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنى ئۇيغۇر رايۇنىغا ئىۋەرتىپ تەكشۈرشى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرشى كېرەك. ،لېكىن بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇيغۇلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئاخبارات ۋاستىللىرىدا خەۋەرگە چىقىرىپ، تېخمۇ كۆپ ئادەملەرنى ئۇيغۇرلانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار قىلىشى، شۇنداقلا گوللاندىيە ھۆكۈمىتى گوللاندىيەدىكى تېىخنىك شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا تېخنىكا سېتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچلكىگە ھەمكارلاشقان شىركەتلەرنى تەكشۈرۈپ سۈرۈشتىسنى قىلىشى كېرەك ۋە بۇنىڭغا قارىتا خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە جازا قوللىنىشى كېرەك.

3.VVDپارتىيەسىدىن كوپمەنسى ئەپەندىم گوللاندىيە بىلەن خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق ۋە قانۇنى ئۆلچەملىرىنى ئەلۋەتتە سېلىشتۇرالمايمىز، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئاساس قىلغان قانۇن ۋە كىشلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرى بار مەسلەن،كىشلەرنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىغا، شۇنداقلا دىنى ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش، ھەممە مىللەت باراۋەر دېگەندەك. لېكىن ئۇ يەردىكى ئەھۋاللارغا قارساق ئۇنداق ئەمەس، شۇڭا ھۆكۈمەت ختاي ھۆكۈمىتى بىلەن پاراڭلاشقاندا نىمە ئۈچۈن بۇ قانۇن ۋە تۈزۈملەرگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش كېرەك. بىز يەنىلا يالغۇز ھەركەت قىلالمايمىز،چۈنكى ئۇيەردە بولۇۋاتقان ئەھۋاللار بەك ئېغىر، بىز چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپائىتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىدىكى كىشلىك ھوقۇق قائىدىلىرىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىشىنى تەكىتلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى ياخشىلىيالايمىز.

كوپمەنىسنىڭ سۆزى تۈگشى بىلەنلا تۇناخۇن قۇزۇ يىغىن باشلىقىدىن ئىجازەت ئېلىپ سىزنىڭ پارتىيىڭىز ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا كۈڭۈل بۆلگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. سىزنىڭ پارتىيىڭىز ھۆكۈمەت بېشىدىكى پارتىيە بۇلۇش سۈپتىڭىز بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلماقچى؟ دەپ سوئال قويدى. كوپمەنسى بۇنىڭغا جاۋابەن بىزنىڭ يالغۇز ھەركەت قىلغىنىمىزدىن ياۋروپا ئىتىپاقىدىكى ئىتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىش قىلغىنىمىز ياخشىراق، بۇنداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلالايمىز، دېدى. تۇناخۇن قۇزى يەنە، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى بېرمىدىكى قىرغىنچىلىق، كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكى ھەققىدە ئەمەلىي ھەركەتلەرنى قىلدى، ئەمما بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھىچقانداق بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلمىدى دەپ سۇئال قويدى. كومەنىس بېرمىدىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكى بىلەن ئۇيغۇرلاردىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئوخشىمايدۇ، چۈنكى بېرمىدىكى كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكى ھەققىدە خەلىقئارا سوت مەھكىمسىنىڭ چىقارغان قارارى بار. بىز يەنىلا ياۋرۇپا ئىتپاقىدىكى ئىتپاقداشلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەركەت قىلىش مېخانىزىمى ئورنىتىمىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرشىمىز، دەپ جاۋاپ بەردى.

4.Pvdaپارتىيەسىدىن پىلۋىن خانىم ختاي ھۆكۈمتى چوقۇم بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگىرىغا سولۋالىغانلىقى ئۈچۈن جاۋابكار بولۇشى كېرەك. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بۇ ئۆزىمزىنىڭ ئىچكى ئىشى دەپ كەلمەكتە. بىز چوقۇم ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتپاقىدىكى ئىتپاقداشلىرىمىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقىنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىمۇ ئۆز ئالدىغا نىمە ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ بىزمۇ ئۆز ئالدىمىزغا بىر جازا قوللىنىش مۇمكىنچىللكى بارمۇ؟ لېكىن ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلاردىنمۇ چوڭراق ۋە كۆپرەك ئىش قىلش ئۈچۈن يەنە قانداق ئىشلارنى قىلالايدۇ؟ دەپ سورىدى.

5.Groenlinksپارتىيەسىدىن بىرانۋەن ئويىك ئەپەندىم، تۆنۈگۈن تېلگىراف گېزىتىدە گوللاندىيەدىكى KPN تېلگىراف شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلاۋاتقانلىقى ھەقىقدىكى ئۇچۇر ئېلان قىلىندى،ھۆكۈمەتنىڭ بۇنى جىددى تەكشۈرۈپ چىقىشى كېرەك. گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار يوشۇرۇن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراۋاتىدۇ، ھۆكۈمەت بۇ ھەقتە خېلى كۆپ ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھىچبىر ئۈنۈمى بولمىدى، بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئامرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتايغا تېخنىكا سېتىپ بەرگەن شىركەتلەرنى جازالاش ھەققىدە قارارلارنى چىقىردىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بىزمۇ ئۇلاردىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك، گوللاندىيەدىكى تېىخنىكا شىركەتلىرىدىن قايسسى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تېخنىكا سېتىپ بېرىۋاتىدۇ بۇنى ئېنىقلاپ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىش كېرەك. ياۋرۇپا ماگىنىستىكى قانۇنى ئەمىللەشتۈرۈش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش كېرەك، دېدى

6 . D66 پارتىيەسىدىن شارىسما ئەپەندىم، جازا لاگىرىنى تەكشۈردىغان ئىشلارنى قىلمىساق بولمايدۇ، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ، زادى ئۇ يەردە نىمە ئىشلار يۈز بىرۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشى كېرەك ۋە خىتايغا قارشى بىر ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى كېرەك. گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئەركىن ۋە خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيتى يارىتىپ بىرشى كېرەك، دېدى.

شارسىماننىڭ سۈزى تۈگشى بىلەن تۇناخۇن قۇزى ، D66 پارتىيەسى ھازىر ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيە بۇلۇش سۈپتى بىلەن ياۋرۇپا ئىتپاقى ئىچىدە خىتايغا قارشى ماگىنىتىسكى قانۇنىنى يولغا قويۇش جەھەتتە بىرەر ئىش قىلدىمۇ؟ دەپ سوئال قويدى. بۇ سوئالغاشارسىمان، بىز يەنلا بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتىمىز، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار رايۇندىكى ئەھۋاللار ھەققىدە ئېنىق بىر تەكشۈرۈش دوكىلاتى يوق، بۇنداق ئەھۋالدا بىزمۇ ئامالسىز.بۇ ئەھۋاللارنى ئىگەللەشكە ۋاقىت كىتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ شىرىك دۆلەتلىرى يەنە كىلىپ ئەرەپ دۆلەتلىرى بۇ ئىشلارنى رەت قىلۋاتىدۇ، دەپ جاۋاپ بەردى.

7.CDA پارتىيەسىدىن مارتەيىن فەنھېلۋېرىت، بىز بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىپ ختايغا قارشى بىر ئىش قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرلىشپ تۇرىۋاتىمىز، بىز بۇنداق بىر ئىشلارنى قىلمىساق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلۋاتقان زۇلۇمى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلاپ بارىدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەسىگە دىققەت قىلشىمىز ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىشىمىز لازىم، بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزمۇ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۈمىكى ئىۋەرتىپ، جازا لاگىرىدا نېمىلەرنىڭ بولىۋاتقىنىنىلا تەكشۈرۈپ قالماي،يەنە جازا لاگىرىنىڭ سىرتىدىكى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىمۇ تەكشۈرۈشىمىز لازىم. سودا ئۆمەكلىرى خىتايغا بارغاندا خىتاي بىلەن ئېنىق ھالدا كىشلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلكى ۋە مەجبۇرى ئەمگەك ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەتلىششى كېرەك، دېدى. مارتەيىن فەنھېلۋرىتنىڭ سۈزى تۈگشى بىلەنلا، Pvda پارتىيەسىدىن پىلۋىن خانىم، سىز بىزلا دەپ گەپ قىلىپ كەتتىڭىز، بىزنىڭ پارتىيە ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيە ئەمەس، شۇڭا بىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا قارشى بىرەر قارار ئالالمايمىز، بۇ پەقەت ھاكىميەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ئىشى. شۇڭا بۇ ئىشلاردا بىز پەقەت نازارەتچىلىك قىلىمىز ۋە تەكشۈرۈشتە ھەمكارلىشىمىز، دېدى. مارتەيىن فەنېلۋېرىت ئەپەندىم، بىزئامېرىكىدىن ئۆگىنىپ بىزمۇ شۇلاردەك ئىش قىلشىمىز كېرەك،ئامىرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە قانۇن لايىھەسنى تەستىقلاشقا تىرشىۋاتىدۇ، بىز گەرچە قانۇن لايىھەسى تەستىقلىيالمىساقمۇ، ئەمما كابىنىت ئىچىدە مۇستەقىل بىر تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇپ، شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىنىلا تەكشۈرۈپ قالماستىن، جازا لاگىرى سىرتىدىكى ھەقسىز مەجبۇرى ئەمگەككە سېلنىۋاتقان ئەھۋاللارنىمۇ تەكشۈرىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ب د ت ۋە ياۋرۇپا ئىتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ نىمە ئىشلارنى قىلالايدۇ ۋە ئۆزى مۇستەقىل نىمە ئىشلارنى قىلالايدۇ، بۇنىڭغىمۇ قاراش كېرەك. خىتايغا بارىدىغان سودا ئۆمەكلىرى خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھوقۇقى ھەققىدە پاراڭلىشىپ بەزى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشى كېرەك، دېدى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا Groenlinks مۇنداق دېدى. بىرانۋەن ئويىك ئەپەندىم بىز ئامېرىكا ھۆكۈمتىدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك دەيدىكەنسىز، ئامرىكا ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىدىكى تېخنىكا شىركەتلرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەقىلىپ قىلىش ئىشلرىغا چېتىشلىق شىركەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى ۋە بۇلارغا چارە قوللىنىپ ئامرىكىدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئۈچۈن تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلىدى. ئەمما سىزنىڭ پارتىيىڭىزنى ئۆزئىچىگە ئالغان كابىنىت بۇ ھەقتە گوللاندىيەدىكى تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقانلىرىنى ۋە ياردەملەشكەنلىرىنى ئېنىقلاش جەھەتتە نېمىلەرنى قىلدى؟ مارتەيىن فەنھېلۋېرىت بىزمۇ ھەرتەرەپتىن تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىۋاتىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات توپلىىشىمىز كېرەك. بىز يەنە ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتپاقىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەنمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىپ بۇخىل ئەھۋاللارنىڭ بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىشىمىز ۋە بۇ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. شۇنداقلا ئۆزىمزىمۇ قۇلىمىزدىن كېلىدىغان ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئۆتكەن يىلى ب د ت دا ئېچىلغان يىغىندا ئىككى گۇرۇپپا شەكىللەندى، ئەرەپ ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاينى قوللىدى، بۇنداق ئەھۋالدا بىزمۇ چارىسىز قالدۇق.

8.پارتىيسىزلارغا ۋاكالىتەن فەنكوردىن ئەرتىس مۇنداق دېدى: بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلىماي، جازا لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ئويلىشىمىز كېرەك. يۇقۇرىدا سۆزلىگەنلەر بىر قانچە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە نىملەرنى قىلالايمىز؟ بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئويلىنىشىمىز كېرەك. چوقۇم مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى جىددى ئويلىشىش كېرەك. شۇنداقلا ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتپاقىغىلا قارىماي بىزمۇ ئۆز ئالدىمىزغا جازا يۈرگۈزىدىغان ئىشلارنى قىلشىمىز كېرەك. خىتاينىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىسى داۋاملىق، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى بىز بىلەن كىشلىك ھوقۇق جەھەتتە قارشىلىشىدۇ ۋە بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى دەيدۇ، بىز بۇنى قەتئى قۇبۇل قىلالمايمىز. گوللاندىيە خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتىپاقىدىكى 3-چوڭ ئىقتىسادى شېرىكى. ھۆكۈمەت خىتاي بىلەن سودا قىلغاندا چوقۇم كىشلىك ھوقۇق قىممەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، مۇناسىپ تەلەپلەرنى قويۇشى كېرەك، يەنى كىشلىك ھوقۇقنى تىجارەتنىڭ ئالدىغا قويۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت كۆزئالدىمىزدا يۈزبەرگەن KPN تېلگىراف شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىغانلىق ھەققىدىكى سەتچىلىككە قانداق ئىپادە بىلدۈرىدۇ؟ قانداق قىلىپ بۇنداق سەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟

9.PVVپارتىيەسىنىڭ ۋەكىلى، شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى شىنجاڭ دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلق، مۇسۇلمان تېرورىست بولغاندىكىن كۈنمىڭدە تېرورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ بىرمۇنچە ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئۇنىڭدىن باشقا 1999-يىلدىن 2016- يىلغىچە نەچچە قېتىملاپ تىرورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ باردى، شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمتى جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ باشقۇرۋاتىدۇ، دېدى. بۇ ۋاقىتتا تۇناخۇن قۇزىخىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلىدى، قۇرئاننى چەكلىدى، مەسچىتلەرنى چاقتى، ناماز ئوقۇشتىن توستى، مۇشۇلارنى باھانە قىلىپ بىر مىليۇندىن ئارتۇق ئادەمنى سولاپ، جازالاپ دىندىن ۋاز كەچكۈزسسە بۇلامدۇ؟ دەپ سوئال قويدى. PVV نىڭ سۆزچىسى، بىز بۇنى چۈشىنىمىز، لېكىن يالغۇز مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس خىرىستيانلارغىمۇ زۇلۇم قىلۋاتىدۇ.لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتمەسلىكى كېرەك. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ تېرورلۇق ھەركەتلىرى مەۋجۇت. شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان، ئەمما ئەرەپ دۆلەتلىرى ۋە تۈركىيە نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە گەپ قىلمايدۇ،مۇسۇلمانلار ھەققىدە ناھايتى چوڭ سۆزلەيدىغان ئەردۇئان ئالدىنقى يىلى خىتايغا زىيارەتكە بارغاندا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ناھايتى ياخشى، تىنىچ-خاتېرجەم ياشاۋېتىپتۇ دەپ كەلدى، دېدى

يۇقارقى پارتىيەلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بىلوك ئەپەندىم، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى خاتا قىلدى دىسەك بىز ئۇلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويىمىز ھەم ئۇلار بىلەن پاراڭلاشقىلىمۇ بولمايدۇ، بىز بۇ تەكلىپ ۋە پىكىرلەرنى كابىنىتتا ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ،ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش قىلشىمىز كېرەك. بىز ئامىرىكىدەك چوڭ دۆلەت بولمىغاندىكىن خىتايغا قارشى يالغۇزبىر ئىش قىلالمايمىز، بىز يەنىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتىپاقى بىلەن بىرلىكتە ئىش قىلىشمىز كېرەك، دېدى

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، بىز زالدا ئويلان پارتىيسىىنىڭ باشلىقى تۇناخۇن قۇزى ۋە بۇ پارتىينىڭ پارلامىنتتا تۇرۇشلۇق ئەزاسى سەلجۇق ئۆزتۈرۈك بىلەن قىسىقچە سۆھبەتتە بولدۇق، ئالدى بىلەن بىز ئۇلارغا سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈردۇق. تۇناخۇن قۇزىنىڭ دىيىشچە ئەگەر ئامرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغان بولسا، ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە ياۋروپادىكى دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ خىتايغا قارشى قانۇن لاھىيسى تۈزۈشكە باشلايتى. بۈگۈنكى مۇنازىرىدە ھەرقايسى پارتىيلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ھۆكۈمەتكە سۇنۇلغان بۇ 9 تۈرلۈك تەكلىپ-لايىھە كابېنتتا ئاۋازغا قۇيۇلسا ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 4 تۈرلۈكىنىڭ تەستىقلىنىپ، قانۇن لاھىيسى بۇلۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىندىغانلىقىنى بىلدۈردى.