ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى- بەختىيار ئۈمەرگە ئۇچۇق خەت
ئۆچكە جان قايغۇسىدا، قاسساپ ماي قايغۇسدا،
ئۇيغۇر خەلىق- ماقال تەمسىللىرىدىن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئۇيغۇر سوت كوللىگىيسىگە ئۇچۇق خەت يېزىپ ئېلان قىلغاندىن كىيىن، نۇرغۇن قېرىنداشلار ماڭا ئۇچۇر قىلىپ ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى بەختىيار ئۈمەردىن ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنغان گۈلمىرە ئىمىن سىزنىڭ ئايالىڭىزمۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئايالىڭىز ھەققىدە گۇۋالىق بەرمەيسىز دەپ سورىسا بۇ بىر پىتنە گەپ ئىشەنمەڭلاردەپ جاۋاب بىرىپسىز. مەن بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى بىلمەيدىغان بولغاچقا بۇ گەپنىڭ راسىت ياللغانلىقىنى سىزدىن بىلىپ بېقىش ئۈچۈن سىزگە ۋاتىس ئەپتە ئۇچۇر قىلسام جاۋاب بەرمىدىڭىز. بۈگۈن بىر قېرىندىشىمىز ماڭا سىزنىڭ 11 يىل بۇرۇن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا بۇرۇنقى ئايالىڭىز گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىڭىزنى ئىىۋەرتىپتۇ. ئاڭلاپ بەكمۇ ھەيران قالدىم. ئەسلىي گۈلمىرە ئىمىن سىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭىز ئىكەن. سىز پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلاردىن گۇۋالىق يىغىپ ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرىنى قۇردىڭىز، ئەمما ئۈزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ئايالىڭىز گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدە پەقەت گۇۋالىق بەرمىدىڭىز. گۈلمىرە ئىمىنغا ھەتتا 2017-يىلى ئامېرىكا خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى تەرپىدىن «ۋىجدانى مەھبۇس » دىگەن پەخىرلىك نامنى بىرىپتىكەن. نىمە ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇرنى گۇۋالىق بىرىشكە چاقىرىق قىلىسىز-يۇ، ئەمما ئۈزىڭىز ئايالىڭىز گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدە گۇۋالىق بەرمەيسىز؟ ھەتتا مىنىڭ گۇۋالىقىمنى قايسى ئادۋۇكاتقا ؟ قاچان ئىۋەرتىپ بەردىڭىز؟ نىمە ئۈچۈن تاللانمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ باقاي دىسەم، سىز بەك گۇمانخوركەنسىز، بۇنداق قىلسىڭىز ئىناۋېتىڭىزنى تۈكۋالسىز، چوڭلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ ئىش قىلىشنى ئۈگنىڭ دەيسىز. قايسى چۇڭلاردىن مەسلىھەت سورايمەن دىسەم جاۋاب بەرمەي جىممدە تۇرۋالدىڭىز.
ھەققانىيەت، ئادالەت ئۈچۈن ناھەقسىزلىككە قارشى ئۈچۈن سىزدىن سۇئال سورىسام ئىناۋېتىمنى تۈكۋالدىكەنمەندە !. بۇ قانداقمۇ مەنتىقىلىق جاۋاب بولسۇن؟ يەنە كىلىپ سىزدەك بىر ھەققانىيەت ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدىليە ئامبىرىنىڭ قۇرغۇچىسنىڭ سالاھىيتىگە قىلچە ماس كەلمەيدۇ ھەم ياراشمايدۇ. سىزدىن سورىغان سۇئالىمىزغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرمىسىڭىز؟ ھەتتا ئۈزىڭىزنىڭ ئايالى ھەققىدە گۇۋالىق بىرىپ نامايىشلاردا رەسمىنى كۈتۈرۈپ چىقىپ ئىزدېرىكىن قىلالمىغان بىر ئەركەككە مىللەتنىڭ داۋاسىنى قىلىدۇ دىسەم كىم ئىشىنىدۇ؟ باشقىلار ئىشەنسە ئىشەنسۇن، مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. ھەي گۇۋالىق بەرگەن قېرىنداشلار سىلەر ئىشنەمسىلەر؟ بەختىيار ئۈمەر، ۋىجدانىڭىزگە خىتاپ قىلاي ؟ سىز ئۈزىڭزىنىڭ خىتاي تۈرمىسدە مۇددەتىسز كىسىلىپ كەتكەن ئايالىڭىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرلىك قىزى گۈلمىرە ئىمىنگە ئىگە چىقىپ ئۇنىڭ ھەققىدە ئۇيغۇر سوتىدا گۇۋالىق بىرەلمەي،مەن ئۇيغۇر مىللىتىگە ئىگە چىقىمەن دەپ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ گۋالىق بىرشىنى تەشەببۇس قىلىپ ئۇلارنىڭ غايىپ بولغان ئورۇق- تۇققانلىرىنىڭ گۋالىقىنى يىغىپ بۇ ئارقىلىق ئامىرىكا دىمكۇراتىينى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيتىدىن ياردام پۇل ئېلىپ ئۆز تۇرمىشىڭىزنىڭ غېمىدە خاتېرجەم يۈرسىڭىز بۇ ئىنسانى ئەخلاققا ئۇيغىنمۇ؟ << باتۇرنى ئۆستۈرگەن ئەل، توپنى ئۆرلەتكەن يەل>> دەپ سىزنى ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئامبىرىنى قۇرۇپ مەرتىۋىڭىزنى ئۆستۈرۈپ مۇئاشىلىق قىلغان ۋەتەندە جازا لاگىرىدا ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزنىڭ ئاھ-زاراى. بىزدەك ئىزدېركىنى قىلالمىغان ئاتا-ئانىمىز، ئورۇق-تۇققانلىرىمىز ئۈچۈن بەرگەن گۇۋالىق. ئاتا-بوۋىللىرىمىزنىڭ توغرا ئېيتقان<< ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك>> دەپ. خەلىققە جاۋاب بىرىش سىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچىڭىز.، شۇنداقلا مەسئۇلىيتىڭىز. سىز بۇ مەسئۇلىيەتتىن ئۈزىڭىزنى قاچۇرماڭ. قېنى جاۋابىڭىزنى كۈتىمز.
گۇلمىرە ئىمىننىڭ يولدىشى: ‘ئايالىم ۋىجدانلىق، مىللەتسۆيەر بىر خانىم ئىدى’ — ئۇيغۇر (rfa.org)
يېزىلغان ۋاقتى 30-09-2021