ئىمزا قۇيۇش ھەققىدە تاققۇ – تۇققۇ خىياللار

ئىمزا قۇيۇش ھەققىدە تاققۇ – تۇققۇ خىياللار
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ۋەتەندىكىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرلىۋاتقان ئىمزا ئېتىش ھەركىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇڭلار قېرىنداشلار. گوللاندىيەلىك پائالىيەتچى نىك ئۈزنىڭ ئىنسانى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەر يەكشەنبە كۈنى مەن بىلەن ب د ت ۋە ياۋرۇپا كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومتىتىغا يوللىندىغان ئىمزالىق جەدىۋەلگە مەن بىلەن بىرگە نامايىش قىلغاچ ساياھەتچىلەرگە ئىمزا قويدۇرۇپ كىلۋاتىدۇ. ئەمما سىز نىمە ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ جاللات شىجىنپىڭ بىلەن چېڭ چىۋەنگونى جازالىتىش ئۈچۈن ئىمزا ئاتمايسىز؟ئاتا- ئاتا – ئانىمىزنى ، ئورۇق – تۇققانلىرىمىزنى جازا لاگىرغا سۇلاپ، دىندىن يېنىشقا مەجبۇرلاپ، ئىنسان قېلپىدىن چىققان ۋەھشىيىلكلەر بىلەن قىيناپ ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان كىمۇ؟ ئاچا -سىڭىلىرىمىزنىڭ ئىپپىتىنى بۇزۇپ نەسلىمىزنى يۇق قىلۋاتقان كىمۇ؟ نىمىشقا خىتايغا قارشى ھەركەت قىلىشتا بىر بىرىمىزدىن قىزغىنىپ ئەملىي ئىش قىلماي ئۇنى دەپ بۇنى دەپ پۇتاق چىقىرىپ بىر – بىرىمىزنى تىللاپلا يۈرۈيمىز؟ نىمە ئۈچۈن تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىشقا ھەركەتلەنمەي، ئۈز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەيپىنى ئېچىشقا ھەركەت قىلىمىز؟نىمە ئۈچۈن تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى بىرلەشمەيمىز؟ئاللاھ رىزالىقى، ئاللاھ رازى بولسۇن دەپ ئاللاھنىڭ نامىنى تىلغا ئالىمىزيۇ دىلىمىز بىلەن ھەركىتىمىز بىر ئەمەس؟ گوللاندىيەلىك كىمنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ھەر ھەپتە يېندىن 15 ياۋرۇ چىقىم قىلىپ پويىز بىلەن ئامستردامغا كىلىپ ماڭا ياردەملىشدۇ؟ ئۇنىڭ كىرا پۇلىنى مەن بەرمەيمەن، ھەتتا بىر بوتۇلكا سۇمۇ ئېلىپ بەرمىدىم، سۇ ئېلىپ بىرەي دىسەم ياق ئۈزەم ئېلىپ ئىچىمەن سەن ئىختىسادىڭنى تەشۋىقاتىڭغا ئىشلەت سەنمۇ يالغۇزكەنسەن دەيدۇ. ھەجەپ گوللاندىيەلىك مىننەت قىلمايدۇ؟ بەلكى مەن قانداق قىلسام شەرقى تۈركىستاندىكى ئېتنىك قىرغىنچىلىقنى توختۇتۇشقا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قۇشۇپ ئۈزەمنىڭ ئىنسانىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلالايمەن دەيدۇ؟ ئەمما بىزچۇ؟ ئويلاپ قۇيايلى قېرىندەشلار. ۋەتەندىكىلەر ئۈلۈپ تۈگەپ كەتسە خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ بوش قويمايدۇ.
                                                                               
قوزغىلايلى. قۇلىمىزدىن نىمە كەلسە شۇنى قىلايلى.نوچىلقىمىزنى خىتايغا قىلايلى. خىتايدىن باشقا دۈشمىنىمىز يوق.چەتئەللەردە سەرسان -سەرگەردان بۇلۇشقا مەجبۇرلىغان كىممۇ؟ئاتا – ئانىمىزدىن – ئورۇق – تۇققانلىرىمىزدىن ئايرىغان كىمۇ؟ ئەجداتلىرىمىزنى ئۆلتۈۋاتقان كىمۇ؟نۇمۇسىمىزنى بۇلغىۋاتقان، دىنىمىزنى خارلاۋاتقان،مەدەنىيتىمىزنى يوق قىلىپ ئۇيغۇرنى يەر يۈزدىن يوق قىلىمەن دىگەن كىمۇ؟ ئۇ پەقەت -خىتاي جاللات شىجىنپىڭ ۋە چېن چۈۋۈنگو . خىتايغا ئوق ئېتىشتىن بۇرۇن بىر ئىمزا ئېتىڭ. ئەتراپىڭىزدىلىلەرنى ئىمزا ئېتىشقا سەپەرۋەر قىلىڭ.
Yezilghan waqti 09-05-2019