تەكلىپ -پىكىرىڭلارنى ئايمىغايسىلەر
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ھەممىڭلارغا ئايان بولغاندەك 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈندىن باشلاپ ئامستېردامغا ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ جازا لاگىرغا بولغان ھىسداشلىقىنى قولغا كەلتۈردۈق، ئىسپات سۈپتىدە ئۇلانى ئۆز تىلدا خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرى تاقالسۇن دىگەن خەتنى يازدۇرۇپ ئىمزاسى بىلەن يىل ئاي كۈننى قويدۇردۇق.تېخمۇ ئىسپاتلىق بولسۇن ئۈچۈن پەقەت ھەر بىر دۆلەتتن بىرلا ئادەمگە يازغۇزدۇق. ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 32 خىل يېزىقتا يېزىلدى. يەنە بىر قەغەزگە خىتاي فالۇڭگۇڭچىلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ بىر قېرىندىشمىزنىڭ لاھىيلەپ بىرشى نەتىنجىسدە بۇنىڭغىمۇ 60تىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇردۇق. بۇ كۈن ئەتگەندىن كەچكىچە سانىيە خانىم ياردەمدە بولدى.بۇنىڭ ئۈچۈن سانىيە خانىمغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن. شۇنداقلا قېرىنداشلارنىڭ يۇقارقى خىتاي فالىڭگۇڭچىلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۈزىمىز لاھىيلگەن قەغەزنى كۆزدىن كەچۈرۈپ سەمىمىي تەكلىپ پىكىر بىرشىنى ئۈمت قىلمەن. چۈنكى بۇ ئىمزا قويغان قەغەزنىڭ سانى مەلۇم چەككە يەتكەندە ياۋرۇپا ئىتپاقىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كومىتىتىغا يوللىندۇ. ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك دەپ مەن بايقىماي قالغان خاتالىقلارنى باشقىلارنىڭ بايقاپ قېلشى مۇمكىن. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخىسنڭ تەكلىپ بىرىش ھەققى بار.

مېنڭ ئىشلىرىمنى قوللاپ مەدەت بەرگەن، ماشىنىلىرى بىلەن يۈك تاقىلىرىمنى ئامستېردام دام مەيدانىغا ئاپىرىپ بەرگەن،ئايرىم تېلفۇن قىلىپ ،شۇنداقلا فەيىسبوكتا ۋە ۋاتىس ئەپتە ئۇچۇر قىلىغان بارلىق قېرنداشلارغا سەممىي رەھمىتىمنى بىلدۈرمەن. ھەممىڭلارغا ئايرىم ئۇچۇر قىلىپ بۇلالمايدىكەنمەن. توغرا چۈشنىشىڭلارنى ئۈمىت قىلمەن.
ھۆرمەت بىلەن ئابدۇرەھىم غېنى

ئەسكەرتىش: خەت يېزىلغان ئاق لاتىنى ياۋرۇپا پارلامىنتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ۋەياكى گوللاندىيە پارلامىنتىدا چوڭراق يىغىن ئېچىلىپ قالسا ياردەملىشدىغان قېرىنداشلار ياكى تەشكىلاتلار بولسا كىرىش ئېغزىدا تۇتۇپ تۇرۇپ تېخمۇ كۆپ سىياسى ئەربابلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگىرنىڭ تىزرەك تاقىلشى ئۈچۈن ئىسپات قىلمەن.

Yezilghan wakqi : 26-07-2018