2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭشى رەھبەرلىرىگە: تۆت سۇئال بىر تەكلىپ

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

دوكتۇر، ئىستىراتىگىيە مۇتەخەسسى ئەركىن ئەكرەم  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەمەس بەلكى قۇرۇلتاي ئەزاسى يەنى 2017-يىلدىن بۇرۇن ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانسى رابىيە قادىر خانىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى مەزگىلدە  شەرقى تۈركىستان مەسلىسى زىمىن  مەسلىسى يەنى مۇستەقىللىق دەۋاسى، ئۇيغۇر مەسلىسى كىشلىك ھۇقۇق يەنى ئىتنىك گۇرۇپىنىڭ ھۇقۇقلىرىنىڭ دەۋاسىنى كۆرسىتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىر كىشلىك ھۇقۇق تەشكىلاتى بولغانلىقى ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇ ئىشنىڭ ھۆدىسدىن چىقالمايدۇ دەپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى كۈچلۈك تەنقىد قىلىپ چۇقۇم شەرقى تۈركىستان زىمىن داۋاسىنى قىلدىغان بىر سىياسى ئورگان قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك شۇ چاغدا بىز مۇستەقىللىققا يول ئاچىدىغان بىر سىياسى ئورگاننى بارلىققا كەلتۈرۈپ خەلقئارا قائىدە بۇيچە سىياسى ھەركەت ئېلىپ باررالايمىز دەيتى. ھەم ئىلگىرى خەلىقئارادىن ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئىمكانىيتى بارمىدۇ؟ دەپ تۆت قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلار مۇستەقىلىققا تەييار ئەمەس ئىكەن دەپ خۇلاسە چىقىرىپتىكەن دىگەن. ئۇنداقتا بىز ھازىر «مۇستەقىللىققا ھازىرمۇ» دەپ كۈچلۈك رىتورىك خىتابلارنى قىلاتتى.

ئەركىن ئەكرەمگە سۇئال: 1-سۇئال ئەركىن ئەكرەم ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۈپتى بىلەن يۇقارقى ئۈزىنىڭ قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى ئەمەس بەلكى بىر ئەزاسى مەزگىلىدە دىگەن سۈزىگە قانداق قارايدۇ؟ 2-سۇئال: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتى بىر كىشلىك ھۇقۇق دەۋاسى قىلدىغان تەشكىلاتنىڭ مۇستەقللىق سىماسى چىقىپ تۇردىغان «شەرقى تۈركىستان مىللىي كېڭشى» ئېچىشى مەنتىقىغا ئۇيغۇنمۇ؟

3. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇستەقىللىق ئۈچۈن  ھازىر بىرەر سىياسى ئورگاننى قۇرۇپ چىقالامدۇ؟ ئەگەر قۇرۇپ چىقسا ئۇ چاغدا سىياسى ئورگاننىڭ ئىسمى «ئۇيغۇر » نامىدا ئاتىلامدۇ ياكى «شەرقى تۈركىستان»  نامىدىمۇ؟ بىز مۇستەقىلىققا تەييارمۇ؟ھازىر دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيتى ئۇيغۇرلارغا بەك پايدىلىق ئەگەر بۇ پۇرسەت قولدىن كەتسە يەنە 100 يىلدىمۇ بۇنداق پۇرسەت كەلمەيدۇ؟ دەپ لىكسىيەلىرىدە سۆزلەيتى. ئەمسە بۇ پۇرسەت قاچان كىلىدۇ؟

4. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئۆز مىللىتى ئۈچۈن پىداكارلىق  قىلغانلارنى مۇكاپاتلىغانلىقىدىن سۈيۈندىم.  پىداكارلارنى، مىللىتى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلغانلارنى چۇقۇم مۇكاپاتلاش كېرەك. شۇنداقلا مەسئۇلىيتىنى ياخشق ئادا قىلالمىغان، مەسئۇلىيەتتىن قاچقانلارغىمۇ چارە كۈرۈش، يەنى جازالاش ياكى ھۇقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاشتەك ئۇسۇللارنىمۇ تەڭ قوللىنشى كېرەك.شۇنداق قىلغاندىلا تېخىمۇ كۆپ پىداكارلارنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشىغا تۈرۈتكە بولغىلى بۇلىدۇ، شۇنداقلا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ مەسۇلىيەت، مەجبۇرىيەتتىن قاچقان جانباقتىلارنىڭ تېخىمۇ كۈپىيىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جازا تەدبىرلىرىنىمۇ يولغا قۇيۇپ ئۈز مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلالمىغان، زىدىيەت، پىتنە پاسات تېرىپ ئىچكى -جىدەل ماجىراغا سەۋەبچى بولغانلارنى جازالايدىغان بىر ئىشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارسا ئىكەن دىگەن تەكلىپنى سۇنماقچى. قۇرۇلتاي بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟

بۇ سۇئاللار ھازىرچە تورغا ئۇچۇق شەكىلدە يوللانمىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش بىلەن  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي  تەپتىش بۈلمىنىڭ مۇدىرى پەرھات ياقۇپ ئاكىمىزغا ئايرىم يوللىدىم. بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئۇچۇق ۋېدىيولۇق شەكىلدە خەلقىمىزگە سۇنشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا ئىلگىرىمۇ بىر قانچە قېتىم تەكلىپ ۋە تەۋسىيە، شۇنداقلا بەزى ساقلىنىۋاتقان مەسىللەر ھەقىقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇرۇنقى تەپتىش مۇدىرى ئابلىكىم ئىدىرىسقىمۇ ئايرىم يوللاپ بەرگەن ئىدىم. مەن سۈرۈشتۈرۈپ جاۋاب بىرىمەن دەپ جاۋاب بەرمىدى. قايتا-قايتا سۈيلىسەممۇ جىمىدە تۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرۋالغان ئىدى. ئۆتكەندە سزگە بۇ ھەقتە دىسەم، تەكلىپ-پىكىر، سۇئاللار بولسا تور دۇنياسىدا يازماي ئايرىم يېزىپ ئىۋەرتىڭ، مەن سۈرۈشتۈرۈپ جاۋاب بىرەي دىگەن ئىدىڭىز. شۇڭا تورغا يوللىماي سىزگە ئايرىم يوللىدىم. جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن. ئەگەر مىللەتكە ئۇچۇق شەكىلدە جاۋاب بىرىلمىسە ئاندىن توردا ئېلان قىلىمەن. خەۋرىڭىزنى كۈتىمەن.

ئىزاھات: مەن بۇ سۇئاللارنى يوللىغاندىن كىيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ تەپتىش بۈلۈمىنىڭ مۇدىرى پەرھات ياقۇپ ئاكىمىز ماڭا ئايرىم ئۇچۇر قىلدى. سۇئالىڭىزنى ئەركىن ئەكرەمگە يەتكۈزدىم، ئۈزى سىز بىلەن ئالاقىلشىدىغان بولدى، ھەم سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاب بىردىغان بولدى دەپ.

2022-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئەركىن ئەكرەم ئاكىمىز ماڭا ۋېدىيولۇق جاۋابنى يوللىدى. مەن ھازىرغىچە بەزى كىشلەردىن سۇئال ۋە ئۇچۇق شەكىلدە خەت ياغان ئىدىم. ھىچكىم جاۋاب قايتۇرمىغان ئىدى. تۈنجى قېتىم ئەركىن ئەكرەم ئاكىمىز تەپسىلى جاۋاب قايتۇردى. بۇنىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن.