ئائىلە نۆبىتىدىن، مىللەت نۆبىتىگىچە>> ھەركىتىگە ئاۋاز قۇشۇپ گوللاندىيەدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش باشلايمەن

 ئائىلە نۆبىتىدىن، مىللەت نۆبىتىگىچە>> ھەركىتىگە ئاۋاز قۇشۇپ گوللاندىيەدىكى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا نامايىش باشلايمەن>>

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانسى ۋە ئورۇق-ئورۇق تۇققانلىرىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلالمىغان تۈركىيەدىكى 15 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرى باشلىغان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى كونسۇللىرىنىڭ  ئالدىدا <<ئائىلەم قەيەردە>> ناملىق ئىزچىل پائالىيەتنىڭ تەسىرى كۈندىن –كۈنگە كۈچىيىپ بۇ ھەكەتكە ئەگىشىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ نەچچە يۈزدىن ئېشىپ تۈركىيە ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. بۇنىڭ ھەركەتنىڭ نەتىنجىسدە  خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلى ئىزدېرىكىنى قىلالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزنىڭ ئاتا-ئانسى ۋە ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى بەرسە، ئۈزىنىڭ ئۇلار ھەققىدە جاۋاب بىردىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار 5000 مىڭدىن ئارتۇق ئىزدېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنى ئارخىپلاشتۇرۇپ ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلىغا سۇنغاندا خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ ماتېرىياللارنى قۇبۇل  قىلمىدى. خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ بۇ يولسىز قىلمىشغا نارازىلىق ئىپادىلگەن ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتنىڭ ئىسمىنى << ئائىلە نۆبىتىدىن، مىللەت نۆبىتىگىچە>>  ھەركەتكە ئۆزگەرگەنلىكى ئېلان قىلدى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ ھەركەتكە ئاۋاز قۇشۇپ ئۈزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە خىتاي كۇنسۇلىنىڭ ئالدىدا تنىچ شەككىللىك نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. مەن بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قۇشۇپ، شۇنداقلا ئۈزەمنىڭ 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئىزدېركىنى قىلىش مەقسىتىدە  گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدادا 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر ھەپتە ئىزچىل نامايىش قىلىمەن. نامايىش شەرقى تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشىنى قۇيۇش بىلەن شەرقى تۈركىستانننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى بۇيچە باشلايمەن. ئەلچىخاننىڭ ئالدىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت رەسىملەرنى تىزىپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلىمەن.

2021-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى