<< ئائىلە نۆبىتىدىن، مىللەت نۆبىتىگىچە>>  ھەركىتىگە ئاۋاز قۇشۇپ گوللاندىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا 3- قېتىملىق نامايىشمنى باشلىدىم

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانسى ۋە ئورۇق-ئورۇق تۇققانلىرىنىڭ ئىزدېرىكىنى قىلالمىغان تۈركىيەدىكى 15 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈندىن باشلىغان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدىكى كونسۇللىرىنىڭ ئالدىدا <<ئائىلەم قەيەردە>> ناملىق ئىزچىل پائالىيەتنىڭ تەسىرى كۈندىن –كۈنگە كۈچىيىپ بۇ ھەكەتكە ئەگىشىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ نەچچە يۈزدىن ئېشىپ تۈركىيە ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا

بۇ ھەركەتنىڭ نەتىنجىسدە  خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلى ئىزدېرىكىنى قىلالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزنىڭ ئاتا-ئانسى ۋە ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى بەرسە، ئۈزىنىڭ ئۇلار ھەققىدە جاۋاب بىردىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ نامايىش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار 5000 دىن ئارتۇق ئىزدېرىكى بولمىغان ۋە جازا لاگىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئارخىپلاشتۇرۇپ ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلىغا سۇنغاندا، خىتاي كونسۇلى گېپىدىن يېنىۋېلىپ بۇ ماتېرىياللارنى قۇبۇل  قىلمىدى. خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ بۇ يولسىز قىلمىشغا نارازىلىق ئىپادىلگەن ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتنىڭ ئىسمىنى << ئائىلە نۆبىتىدىن، مىللەت نۆبىتىگىچە>>  ھەركەتكە ئۆزگەرگەنلىكى ئېلان قىلدى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بۇ ھەركەتكە ئاۋاز قۇشۇپ ئۈزى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدىدا تنىچ شەكىللىك نامايىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى. مەن بۇ ھەركەتكە ئاۋاز قۇشۇپ، شۇنداقلا ئۈزەمنىڭ 19 ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئىزدېركىنى قىلىش مەقسىتىدە گوللاندىيەنىڭ گاگا شەھرىدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ ئالدادا 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ بىر ھەپتە ئىزچىل نامايىشمنى باشلىدىم. بۇقېتىملىق نامايىشنى ئۈزگىچە يېڭىچە ئۇسۇلدا ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن نامايىشنى شەرقى تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشىنى قۇيۇش بىلەن شەرقى تۈركىستانننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى چىقىرىش مۇراسىمى ئېلىپ باردىم. ئەلچىخاننىڭ ئالدىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت رەسىملەرنى تىزىپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلقىغا قارشى بايانات ئېلان قىلدىم.

خىتاينىڭ گوللاندىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا
خىتاينىڭ گوللاندىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا
خىتاينىڭ گوللاندىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدا