گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلار بىلىشكە تىگىشلىك ئىشلار

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن نۇرغۇن قېرىنداشلار فەيىسبوكتا ئۇچۇر قىلىپ ئۈزىنىڭ گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ نۇرغۇن سۇئالارنى سورىدى. ئۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا بىلگىنىمچە تۇلۇق جاۋا بىرىپ كىلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلارنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن بۇ سۇئاللارنى ئاساس قىلىپ رەتلەپ ئېلان قىلدىم. باشقىلارنىڭمۇ پايدىلنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ قۇيۇڭلار.

 

1. قانداق كىشلەر سىياسى پانالىق تىلسە بۇلىدۇ؟
– ئۇرۇش، زوراۋانلىق، ھەرخىل ئاپەت يەنى ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ياشاش ئىمكانىيتى بولمىغانلار
– سىياسى كۆز قارشىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ھاياتىغا خەۋىپ يىتىدىغانلار
– مىللىتى، دىنى سەۋەبىدىن كەمسىتىلدىغانلار
– ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇراۋاتقانلار
– ھەمجىنىس بولغانلىقى ئۈچۈن كەمسىتىلدىغانلار

يۇقارقى شەرتلەرگە چۈشىدىغانلار پانالىق تىلەش سالاھىيتىگە ئىگە. بۇنداق سالاھىيەتكە ئىگە كىشلەر ئامىرىكا، كانادا، ئاۋستىرالىيە، يېڭى زىللاندىيە شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە كىلىپ پانالىق تىلسە بۇلىدۇ. مەن ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى پانالىق تىلەش ھەققىدە توختىلىمەن. خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېرقى قىرغچىنچىلىق يۈرگىزىۋاتقان بولغاچقا ئۇيغۇرلار سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە 100% چۈشدۇ. مەن ئاساسلىقى گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلمەكچى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم دەپ بىلگەن بەزى نوقتىلارنى سۇئال-جاۋاب ئاساسىدا تەييارلىدىم.

1- گوللاندىيەگە قانداق بېرىپ سىياسى پانالىق تىلەيمەن؟
گوللاندىيەدە سىياسى پانالىق تىلەش ئۈچۈن ساياھەت ۋىزىسى بىلەن كىلىپ پانالىق تىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. ئەمما خىتاي پاسپورتى بىلەن گوللاندىيەگە ۋىزا ئىلتىماس قىلسا تەلەپ قىلدىغان ماتېرىياللار ۋە ۋاكالەت پۇلى بىر قەدەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يول نۇرغۇن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كىلىدۇ.
يەنە بىر يول- دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئايرۇپىلان بېلىتى سېتىۋالغاندا ئامىستېردامدىن ئايرۇپىلان ئالمىشىدىغان بېلەتنى سېتىۋالسىز. ئەمما ئامىستېردامغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا چىقىرامدۇ-چىقارمامدۇ؟ بۇنى مەن بىلمەيمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىڭىزنىڭ تەلىينى سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. باشقىلار ئايرۇپىلانغا چىقىرپ قۇيمەن دىسە پۇل بىرىپ قويمىچىلارنىڭ ئالدام خالتىسغا چۈشۈپ كەتمەڭ. ئايرۇپىلانغا چىقىرىپ قالسا تەلىيىڭىزنىڭ كەلگىنى، ئامىستېردام ئايدۇرۇمىغا چۈشۈپ قەھۋەدىن بىرنى ئىچىپ دىمىڭىزنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇدۇل ئايرۇدۇمدىكى ساقچىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مەن ئۇيغۇر، گوللاندىيەدىن سىياسى پانالىق تىلەيمەن دىسىڭىز ساقچى ئۇدۇل ساقچىغانغا ئېلىپ بارىدۇ. سىزنىڭ قۇلىڭىزغا كويزا سالمايدۇ. سىزگە قۇپال مۇئامىلە قىلمايدۇ.ساقچىخانغا بارغاندىن كىيىن ساقچى خادىمى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قەھۋە ئىچەمسەن ياكى چايمۇ دەپ سوراپ سىزخالىغاننى ئەكىلىپ بىرىدۇ. بەزى ساقچىلار سىز راسىت خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇرمۇ بۇنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن دۇنيا خەرىتىسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، سەن قايسى دۆلەتتىن كەلدىڭ؟ ماۋۇ خەرىتىدىن ئۈزەڭنىڭ دۆلىتىنى كۆرسىتىپ باق دەيدۇ. بۇ چاغدىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتمەي ۋەتەننىڭ ئورۇننى كۆرسىتىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ. ئاندىن سىزنىڭ بارماق ئىزىڭىزنى ئېلىپ سىزنى تىراپۇل دىگەن پانالىق تىلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇلازىمە قىلىش مەركىزىگە ئېلىپ بارىدۇ. بۇ يەردە سىز گوللاندىيە ئەدىلىيە خادىمى بىلەن سىياسى پانالىق ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارسىز. بۇ يەردە سىز سىرىتقا چىقالمايسىز. سىز يەيدىغانغا تاماق ۋە ئىچىملىكلەرنى ھەقسىز بىرىدۇ. ئىنگىلىزچە بىلمىسىڭىز سىزگە ئۇيغۇرچە تەرجىمان تەرجىمانلىق قىلىدۇ. بۇ سۆھبەت جەريانىدا سىز ختاي پاسپورتىدىكى ئىسمىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئەمەس بەلكى خىتايچە يېزىلغانلقىنى ئېنىق دەپ مەن قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئۈزەمنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىمەن دەپ سۆھبەت خاتېرسىگە كىرگۈزۋېتىڭ. بولمىسا خىتايچە پىنيىنچە يېزىلغان ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىش بەك تەسكە توختايدۇ.ئاندىن سىزنى گوللاندىيەدىكى مالۇم بىر پانالانغۇچىلار تۇردىغان ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردۇ. ئائىلە بىلەن كەلگەن بولسىڭىز ئايرىم بىر ئۆيدە تۇرسىڭز. ئەگەر بويتاق بولسىڭىز ئوپچە ياتاق شەكىللىك ئۆيدە سىزگە ئوخشاش پانالىق تىلگۈچىلەر بىلەن بىللە تۇرسىز.ئەڭ ياخشىسى توي قىلمىغان بولسىڭىز توي قىلىپ كىلىڭ، بولمىسا يالغۇزلۇقنىڭ دەردى يامان. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بارماق ئىزى بىرشىڭىز شەرت. ھەرھەپتىدە ئادەم بېشىغا 55 ياۋرۇدەك پۇل بىرىدۇ. ئۆي ئىجارىسى، توك-سۇ پۇلى تۈلمەيسىز. سىزنى ساغلاملىق سۇغۇرتىسغا ئەزا قىلىدۇ. ھەرقانداق كىسىلىڭىز بولسا ھەقسىز داۋالىنالايسىز. بۇ ئارلىقتا گوللاندىيەنىڭ خالىغان يېرىگە بارالايسىز، ئەمما گوللاندىيەنىڭ سىرتىغا چىقسىڭىز بولمايدۇ.

2- سىياسى پانالىق ئىلتىماسىم قانچىلىك ۋاقىتتا قۇبۇل قىلىندۇ؟
سىياسى پانالىق ئىلتىماسىڭىز قانچىلىك ۋاقىتتا قۇبۇل بۇلشىغا ھىچكىم بىر نىمە دىيەلمەيدۇ. بۇ سىزنىڭ ئەدىلىيە مىنىستېرلىرىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىياسى پانالىق سۆھبىتىڭىزگە باغلىق. يەنى سىز سۆھبەت جەريانىدا سىياسى پانالىق تىلشىڭىز ئۈچۈن قانداق ھىكايىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنلكىڭىز ۋە قانداق ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىزگە باغلىق. بەزى ئۇيغۇرلار تىراپۇلدىكى سۆھبەتتىن كىيىنلا سىياسى پانالىق قۇبۇل قىلىش ئوقتۇرشىنى ئالغانلارمۇ بار.ئادەتتە 6 ئاي ئىچىدە سىزگە جاۋاب بىرىدۇ. رەت قىلىنسىڭىز يەنە داۋاملىق ئادۋۇكات ئارقىلق قايتا ئىلتىماس قىلىش ھەققىڭىز بۇلىدۇ. ئادۋۇكاتنىڭ ھەققىنى سىز تۈلمەيسىز گوللاندىيە ھۈكۈمىتى تۈلەيدۇ. ھەتتا ئادۋۇكاتىڭىز بىلەن كۈرشىش ئۈچۈن بېرىپ كىلىش ئۈچۈن پويىز، ئاپتۇبۇسلارغا ھەقسىز ئولتۇرالايدىغان بىكارلىق كارات بىرىدۇ. خاتېرجەم بۇلۇڭكى ھىچقانداق ئۇيغۇرنى قايتۇرۋەتمەيدۇ. شۇڭا سىز جىدىيلىشىپ پانالىقىم قۇبۇل قىلىنمىسا قانداق قىلارمەن دەپ ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ. بۇ بىر ۋاقىت مەسلىسى بولغانلىقى ئۈچۈن سەۋېرچانلىق بىلەن ساقلاڭ. بۇ جەرياندا ئىشلەشكە بولمايدۇ. بۇ ۋاقىت گوللاندىيە تىلى ئۈگنىشنىڭ، كىتاب ئوقۇشنىڭ، چېنىقىشنىڭ، ئارام ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.

3. سىياسى پانالىقىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قىلدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشىڭىز نىمە؟
سىياسى پانالىقىڭىز قۇبۇل قىلىنغاندىن كىين سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەزگىل ساقلايسىز. بۇ ئارلىقتا سىز خىتاي پاسپورتىدىكى خىتايچە يېزىلغان ئىسمىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىڭ. يەنى خىتايچە پىنيىنچە ئىسمىڭىزنى ئۇيغۇرچە لاتىن يېزىقىغا ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىڭ. كىملىك كارتىڭىزغا ئۈزىڭىزنىڭ ئەسلى ئىسمىڭىز يېزىلىدۇ

3- سىياسى پانالىقىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۆيگە ئىرشەلەيمەن؟
سىياسى پانالىقىڭىز قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. بۇ ئاساسلىقى سىزنىڭ بۇرۇن ۋەتەندە نىمە ئىش قىلغانلىقىڭىز، ئەمدى نىمىە ئىش قىلماقچى، قايسى شەھەردە ئولتۇرماقچى دىگەندەك تىمىلارنى ئاساس قىلىدۇ.سىزگىمۇ ئىنتېرناتتىن ئۆي تاللايدىغان بىر مەخپى نۇمۇر بىرىدۇ. بۇ مەخپى نۇمۇر ئارقىلىق ئۈزىڭزمۇ خالىغان يەردىن ئۆي تاللاپ تەلىيىڭىزنى سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ. بولمىسا ئۆزلىرى سىزگە گوللاندىيەنىڭ خالىغان يەرلىرىدىن ئۆي تېپىپ بىرىدۇ. ئائىلە بۇيچە كەلگەن بولۇپ باللىرىڭىز جىقراق بولسا چوڭ ئۆي بىرىدۇ. بويتاق بولسىڭىز بىر ئېغىزلىق ئۆي ياكى باشقىلار بىلەن بىللە تۇردىغان ئوپچە ئۆي، تەلىيىڭىز كىلىپ قالسا بەلكى چوڭراق ئۆيمۇ بىرىپ قالىدۇ. بۇ ئىشلارغا ھىچكىم ئارلىشالمايدۇ. بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا بويسۇنشىڭىز كېرەك. بويتاق بولسىڭىز زىيان تارتىسىز.

4. ئۆيگە ئورۇنلاشقاندىن كىيىن نىمە ئىشلارنى قىلىمەن؟
سىزنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرغانلىق ئوقتۇرشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن دەرھال سىزنى قۇبۇل قىلغان شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۆي توختامى ھەققىدە كۈرىشسىز. بۇ چاغدا سىزگە بېرىپ كىلشىڭزىگە قۇلايلىق بۇلشى ئۈچۈن ھەقسىز قاتناش كارتىسى بىرىدۇ. بېرىپ سىز ئولتۇرماقچى بولغان ئۆينى كۈرسىز. سىزگە ئۆي بىزەشكە، شۇنداقلا ئۆيگە لازىملىق توڭلاتقۇ، كىرئالغۇر، تېلۋوزۇر، كارۋات، يوتقان-كۆرپە، قاچا-قۇچا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئالغۇدەك پۇل بىرىدۇ. بۇ پۇلنىڭ 30 پىرسەنتىنى كىيىن ھەر ئايدا سىزگە بىردىغان ياردەم پۇلىدىن ئاز ئازدىن ئۈچ يىل تۇتىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنى سىزگە ھەدىيە. گوللاندىيەدە باللارغا ھەرئايدا ۋە ئۈچ ئايدا بىردىغان بىردىغان باللار ياردەم پۇلۇ بىلەن ھەر ئۈچ ئايدا بىردىغان باللار پۇلىغا ئىلتىماس قىلسىز.ئۆيگە ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كىيىن سىزنى گوللاندى تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن مەكتەپلەرگە ئىۋەرتىدۇ. بۇ سىزنىڭ كىيىن ئالى مەكتەپ، كەسپى مەكتەپلەردە ئوقۇشىڭىز ۋە خىزمەت تېپىپ ئىشلىشىڭىز ئۈچۈن ھالقىلىق پەيىت.شۇڭا تىلنى ياخشى ئۈگىنىڭ.

5. خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە ئالغان دىپلوم بىلەن خىزمەت قىلغىلى بۇلامدۇ؟
خىتاي ئونۋېرسىتلىرىدا ئالغان دىپلوملارنى مەخسۇس دىپلوم باھالايدىغان ئورگاندىن باھالاپ دەرىجىسنى بىكتىدۇ. خىتاي دىپلوملىرى بىلەن ئادەتتە خىزمەت تاپماق تەس. ئەگەر ئىنگىلىزتىلىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى بولسا ماگىستېرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىپ ئوقۇيالايسىز. دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنسىڭىزغەرپ دۆلەتلىرىدە ئادەتتە مۇئاش ئېلىپ ئوقۇيسىز.غەرپ دۆلەتلىرنىڭ دىپلوملىرى بىلەن ئىش تېپىپ ئىمكانىيتى ئاسانراق. بۇنىڭ ئۈچۈن يا ئىنگىلىز تىلىڭىزياكى گوللاندىچە تىلىڭىز ياخشى بۇلشى كېرەك.

5. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىمكانىيتى بارمۇ؟
بار. سىز بۇرۇن تۇلۇق كۇرۇسنى ياكى ماگىستېرلقنى تاماملىغان بولسىڭىز، ئىنگىلىز تىلىڭىز ياخشى بولسا بىۋاستە ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەتتىن قەرىز ئېلىپ ئوقۇيسىز، ئوقۇش پۈتتۈرگەندە قەرىزنى ئاز-ئازدىن قايتۇرسىز. ئوقۇش جەريانىدا بىر ياقتىن ئوقۇپ بىر ياقتىن ئىشلەش ئىمكانىيتى بار. دوكتۇرلۇققا قۇبۇل قىلىنسىڭىز ئايلىق مائاش ئېلىپ ئوقۇيسىز.

6. سىياسى پانالىق ئىلتىماسىم قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن باشقا دۆلەتلەردە قالغان بالا-چاقىلىرىمنى گوللاندىيەگە ئېلىپ كىلەلەمدىم؟
ھەئە ئېلىپ كىلەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن چۇقۇم توي خېتى بۇلشى كېرەك. ئەگەر توي خېتى بولمىسا سىزنىڭ ۋە باللىرىڭىزنبىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈش ئىسپاتلاس ئارقىلىق ئائىلىڭىزنى ئېلىپ كىلەلەيسىز. ئۇلارنىڭ گوللاندىيەگە كىلىش ئايرۇپىلان بېلىتىنىمۇ ئېلىپ بىرىدۇ.

6. سىياسى پانالىق ئىلتىماسىم قۇبۇل قىلنىپ بولغاندىن كىيىن ئائىلەمنى قانچىلىك ۋاقىتتا ئېلىپ كىلەلەيمەن؟
سىياسى پانالىق ئىلتىماسىڭىز قۇبۇل قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن سىز ئائىلە-ئەزالىرىڭنى ئەكىلىپ بىرىش ھەققىدە سۆھبەت قىلىدۇ. سىزدىن توي قىلغانلىق كىنىشكىسنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر توي قىلغانلىق كىنىشكىڭىز بولمىسا، يەنى ۋەتەندە قالغان بولسا بۇنى چۇقۇم سىز تۈنجى قېتىم سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلىش سۆھبىتىدە ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك. ئەگەر ۋەتەندە توي قىلماي تۈركىيەدە ۋە ياكى باشقا بىرەر دۆلەتتە توي قىلغان بولسىڭىز، يەنى توي خېتى ئالماي، مەسچىتتە نىكاھ ئوقۇتقان بولسىڭىز، شۇ مەسچىتتىن ياكى ئىسلام دىنى ئورۇنلىرىدىن نىكاھ ئوقۇغانلىق ئىسپاتىڭىز بولسىمۇ بۇلىدۇ. باللىرىڭىزنىڭ ۋە سىزنىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن قارا قىلىدۇ. د ن ئا رىڭىز باللىرىڭىز بىلەن ئوخشاش چىقسا ۋىزىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىلىرى بۇلۇپ بىر قانچە ئاي ۋاقىت كىتىدۇ. بۇ ئاساسلىقى سىزنىڭ ئائىلىڭىزدىكىلەر ھەققىدە ئۇچۇرلارنى تۇلۇق تاپشۇرشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مدتېرىياللارنى تۇلۇق تاپشۇرسىڭىز گوللاندىيە كۆچمەنلەر مىنىستېرلىكىدىن تىزراق ۋىزا ئىشلىرىنى بىجىرىپ بۇلۇپ سىزگە خەۋەر قىلىدۇ. بۇ جەريانىدا ئائىلىڭىز ئۈزى تۇرۇشلۇق دۆلەتىتىكى گوللاندىيە ئەلچىخانسىغا بېرىپ كۈرشىدۇ، تەلەپ قىلغان ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. ۋىزا چىققاندا خەۋەر قىلىدۇ. ۋىزىنى قويدۇرۇپ كەلسىڭىز بۇلىدۇ.

7. ئائىلەمدىكىلەرنىڭ پاسپورتى بولمىسا قانداق قىلىمەن؟
سىزنىڭ سىياسى پانالىق ئىلتىماسڭىز قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ئائىلىڭزدىكىلەرنىڭ پاسپورتى بولمىسا ( ئۇلارنىڭ پاسپورتى يوقلىقىنى چۇقۇم تۈنجى قېتىملىق سىياسى پانالىق تىلەش سۆھبىتىدە ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك )، ئائىلىڭىز خىتايدا بولسا ئەكىلىپ بىرەلمەيدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن باشقا دۆلەتتە بولسا شۇ دۆلەتتىكى گوللاندىيە ئەلچىخانسى بىلەن كۈرۈشسە شۇلار چىگىردىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بىرىدۇ. بۇ جەرياننى سىزگە گوللاندىيەدىكى سىزگە مەسئول خادىملار بىجىرىپ بىرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ھىچقانداق ھەق تۈلمەيسىز.

8.. مەن توي قىلمىغان، ئەمما توي قىلىشنى نىشان قىلغان قىز ياكى ئوغۇل بار. ئەگەر مەن بېرىپ سىياسى پانالىق تىلىسەم، نىشانىمنى گوللاندىيەگە ئەكىلىپ بىرەمدۇ؟
ئەگەر سىز ھەقىقەتەن توي قىلمىغان بىرسى بولسىڭىز سىز چۇقۇم تۈنجى قېتىم سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلغان ۋاقىتتىكى سۆھبەتتە ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك، يەنى قارشى تەرەپنىڭ ئىسىم-فامىلسى، يېشى، جىنسى ، تۇغۇلغان يىل ئاي كۇن دىگەندەك ئۇچۇرلارنى تۈنجى قېتىملىق سۆھبەتتە ئېنىق دىيشىڭىز بەك مۇھىم. بۇ ۋاقىتتا دىمگەن بولسىڭىز ئەكىلىپ بەرمەيدۇ. نىكاھ ئوقۇتقان بولسىڭىز،مەسچىتنىڭ نىكاھ ئوقۇغان ئىسپاتى بولسا يىتەرلىك. ئەگەر نىكاھمۇ ئوقۇمغان بولسىڭىز، ئەملىي ئەھۋالنى ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك. يەنى بىز مۇھەببەتلەشكەن توي قىلىشقا پۈتۈشكەن. ئەمما ئىقتىسادى قىيىنچىلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر يەنى قارشى تەرەپ تېخى ئوقۇۋاتقان، ئوقۇشى تۈگمىگەن ئوقۇشى تۈككەندە توي قىلىمىز دىگەن. مەن بۇ ئارلىقتا گوللاندىيەگە كىلۋالدىم. سىلەرنىڭ بۇ ئىشقا ياردەملىشىپ ئەكىلىپ بىرشىڭلارنى ئۈمىت قىلمەن دەپ ئېنىق دىيشىڭىز كېرەك.

9.ئونۋېرسىتلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋىزر قويدۇرۇپ بارسا سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس قىلسا بۇلامدۇ؟
ھەئە، بۇلىدۇ. ئەگەر گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز چۇقۇم بارماق ئىزىنى گوللاندىيە ئەلچخانسىغا بىرشىڭىز كېرەك. دۇبلىن كىلشىمى بۇيچە بارماق ئىزىنى قايسى دۆلەتكە بەرگەن بولسىڭىز شۇ دۆلەتتە سىياسى پانالىق تىلەيسىز. ئەگەر فىرانسىيە، ئىتالىيە، بۇلغارىستان، ۋىنگىرىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارماق بىرىپ مۇشۇ دۆلەتلەرگە ۋىزا ئېلىپ كىلىپ ئاندىن گوللاندىيەگە كىلىپ سىياسى پانالىق ئىلتىماس قىلسىڭىز،سىزنى قۇبۇل قىلماي قايسى دۆلەتكە بارماق ئىزى بەرگن بولسىڭىز شۇ دۆلەتكە قايتۇرۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئىشلىرى سەل مۇرەككەپ.

10.تۈركىيەدىن ياكى باشقا بىردۆلەتتىن خىتاي پاسپورتى بىلەن قايسى خىل ئۇسۇلدا گوللاندىيەگە بېرىپ سىياسى پانالىق تىلىيەلەيمىز؟
بۇ سۇئالغا باشتا جاۋاب بىرىپ بولغان، شۇنداتىمۇ يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ قۇياي. بىرىنجى خىل ئۇسۇلدا ئۈزىڭز تۇرۇشلۇق دۆلەتتكى گوللاندىيە ئەلچىخانسىغا بېرىپ ساياھەت ۋىزىسىغا ئىلتىماس قىلىش خىتاي پاسپورتى بار ئۇيغۇرلارغا بىر قەدەر قىيىنراق ئۇسۇل. ئىككىنجى ئۇسۇل- ئافىرىقا دۆلەتلىرى، جەنۇبى ئامرىكا دۆلەتلىرى، ياكى رۇسيە ياكى مالايسىيا دىگەندەك دۆلەتلەرگە خىتاي پاسپورتىغا ۋىزا قويدۇرۇش ئاسان، بەزى دۆلەتلەرگە ئېلىكتىرۇنلۇق ۋىزا قودۇرالايسىز. ئاندىن شۇ بارماقچى بولغان دۆلەتلەرگە بېلەت ئالغاندا ئامىستېردام ئايرۇدۇمىدىن ئالمىشىپ ئۇچۇدىغان ئايرۇپىلانغا چىقىسڭز، ئەمما ئاۇرۇپىلانغا چىقىرامدۇ-چىقارمامدۇ بۇنى تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىڭ، چىقىرىپ قالسا تەلىيىڭىز ئۇدۇل ئامىستېردامغا كەلگەندە پانالىق تىلسڭىز بۇلىدۇ.

11.تۇركىيە نۇپۇسدىكى ئۇيغۇرلارمۇ سىياسى پانالىق تىلىسە بۇلامدۇ؟
تۈركيە نۇپستىكى بولسڭىز بولمايدۇ ، ئەمما سىزدە ۋەتەندىن كەلگەن ئۇيغۇر ئىكەنلىكىڭزنىى ئىسپاتلايدغان پاسپورت ، كىملىك دىگەندەك نەرسىلە بولسا، تۈركىيە ساقچىلرى تۇلا ئاۋارە قىلىپ تۇرلۈك باھانىلار بىلەن تۈرمىگە سۇلاپ قويغان ئالاھىدە ئەھۋاللار بولسا ھەم بۇنىڭغا ئىسپات بولسا قۇبۇل قىلىدۇ.

12. سىياسى پانالىق ئىلتىماس سۆھبىتىدە دىققەت قىلدىغان ئىشلار قايسى؟
سىياسى پاناھلىق ئىلتىماس قىلىپ، ئەدلىيە خادىملىرى بىلەن سۆزلەشكەندە، چوقۇم شەخسەن بېشىغا كەلگەن قىسمەتنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش كىرەك. ھەرگىزمۇ ئومۇمى مىللەتكە كېلىۋاتقان قىسمەتنى ئۆزىگە تەدبىقلىماسلىق كىرەك. يەنى ” مېنى پالانچى ۋاقىتتا، پالانچى يەردە، مانچە ساقچىلار ئۇردى دەسسىدى، قىيىن قىستاققا ئالدى” دىگەندەك.
ھەرگىزمۇ “5- ئىيۇل ۋەقەسىدە ئۇيغۇرلارنى قىرغاچقا مېنىمۇ چۇقۇم قىرىدۇ دەپ قورقۇپ قېچىپ كەلدىم” دىگەندەك ئەمەس.
كەچۈرگەن قىسمەتلەر چۇقۇم شەخسى كەچۈرمىش( ياكى ئائىلە بويىچە) بولۇشى كىرەك. ئۇرۇن، ۋاقىت، قاتناشقان ئادەم ئىسىملىرى قانچە ئېنىق بولسا شۇنچە ياخشى.
لوگىكىلىق سۇئال سورايدۇ: “ئەگەر سىز ھازىر قايتىپ كەتسىڭىز، سىزنى نىمە ساقلاپ تۇرىدۇ؟”
بۇنىڭغا شەخسى نوقتىدىن چىقىپ تۇرۇپ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرەلەش كىرەك. ھەرگىزمۇ ئامما نامىدىن سۆز قىلماسلىق كىرەك.

يەنە بىر نوقتىنى قوشۇپ قويغۇم كەلدى. ئۇ بولسىمۇ قايسى تىللارنى بىلىسىز دىگەن سۇئالغا جاۋاپ بېرىش.
نورمالدا ۋەتىنىمىزنى خىتتاي بېسىۋالغان بولغاچقا، بىزگە دۆلەت تىلى دەپ خىتتايچە تېڭىلغان. ھەر بىر ۋەتەندىن كەلگەن كىشى خىتتايچىنى يامىداپ بولسىمۇ بىلىدۇ.
ئەمما جىقلىرىمىز تەرجىمانلىققا بىرەر خىتتاينىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ۋەتەندە ئۇنۋېرسىتىت پۈتتۈردۈم دەيدۇيۇ، خىتتايچە بىلمەيمەن دەپ تۇرىۋالىدىكەن. بۇ لوگىكىغا چۈشمەيدۇ.
ئىشنىڭ ئاسىنى خىتتايچە بىلىمەن، ئەمما مەن ھىچبىر خىتتايغا ئىشەنمەيمەن، خىتتايچە سۆزلەشنى خورلۇق دەپ بىلىمەن، شۇڭا ئانا تىلىمدا ياكى بىلىدىغان باشقا تىلدا تەرجىمان تەلەپ قىلىمەن(ئەگەر باشقا تىلدا يۈكسەك سەۋىيەدە بولۇپ ئۆزىگە ئىشەنسە)” دىسىلام بولدى. ئۇلار سىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىڭىزغا ۋە تاللىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىدۇ. ھەم خىتتاي تەرجىماننى زورلىمايدۇ.

13. سۇئال: يىشىل كارت ئېلىپ بولغاندىن كىيىن باشقا دۆلەتلەرگە بارغىلى بۇلامدۇ؟ قانچىلىك ۋاقىت باشقا دۆلەتلەردە تۇرالايمەن؟
سىياسى پانالىق ئىلتىماسىڭىز قۇبۇل قىلنىپ سىزگە گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق كارتىڭىزنى بەرگەندىن كىيىن ساياھەت قىلىش پاسپورتىغا ئىلتىماس قىلسىڭىز بىر ھەپتىدە ساھايەت پاسپورتى ئالالايسىز. بۇ پاسپورت بىلەن خىتايدىن باشقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىگە ۋىزا قويدۇرۇپ بارالايسىز. قايسى دۆلەتكە بېرشىڭىزدىن قەتئىنەزەر سىزنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر يىلدا 4 ھەپتە تەتىل ۋاقتىڭىز بار، مۇشۇ 4 ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە گوللاندىيەگە قايتىپ كىلشىڭىز كېرەك.

تەۋسىيە ئۈچۈن:
گوللاندىيەدە تېخنىك كەسىپ ئىگىللىرىنىڭ خىزمەت تېپىش پۇرسىتى كۆپ. مەيلى سىز قايسى تخنىكا كەسىپلىرىدە ئوقۇغان بۇلۇڭ، گوللاندىيە تىلىنى ياخشى ئۈگەنسىڭىزلا ئاسان خىزمەت تاپالايسىز. شۇڭا تۈركىيەدىكى قېرىنداشلار ماشىنا، ۋېلسىپىت، تېلفۇن رېمىنىۇتچىلقى، سەتراچلىق، كىيىم تىكىش، سۇۋاقچىلىق، پىچىنە پىرەنىك پىشۇرۇش دىگەندەك كەسىپلەرنى ياخشى ئۈگەنسىڭىز ئۆز ئالدىڭىزغا ئىش قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئوقۇپ بۇلۇپ تارقىتىپ قۇيۇڭ. يەنە سورايدىغان سۇئاللىرىڭىز بولسا داۋاملىق تۇلۇقلاپ قۇيمەن. بولسا باشقا دۆلەتلەردىكى قېرىنداشلارمۇ سىلەرمۇ ئۈزەڭلار تۇرغان دۆلەتلەردە سىياسى پانالىق تىلەش ھەققىدكى ئۇچۇرلارنى يېزىپ ئېلان قىلىڭ. باشقىلار پايدىلانسۇن.

يېزىلغان ۋاقتى: 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى

ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇلغان سۇئاللار ئاساسىدا 8-ئاينىڭ 22- كۈنى يەنە تۇلۇقلاندى. كەم قالغان سۇئاللار بولسا قالدۇرۇپ قويساڭلار داۋاملىق تۇلۇقلىندۇ.