گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئېرقى قىرغىنچىلق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلدى

گوللاندىيەدە ئۇيغۇر مەدەنىيتى ۋە ئېرقى قىرغىنچىلق رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلدى

 

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۇ يىل 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىغا 12 يىل بولغان كۈن. ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىنى ئەسلەش پائالىيتى ئېلىپ بارىدۇ. گوللاندىيەنىڭ زەيىس شەھرىگە جايلاشقان ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا <<5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقى>> نى ئەسلەش رەسىم كۆرگەزمىسى پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيتىنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن مەنمۇپائالىيەتكە ئاكتىپ قاتناشتىم ۋە ئۈزەم نەچچە يىلنىڭ ياقى ئامىستېردام دام مەيدانىدىكى يالغۇز كىشلىك نامايىش جەريانىدا ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان بارلىق تەشۋىقات ماتىرىياللارنى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇردۇم.

 

  بۇ پائالىيەت 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 2- ۋە 3-كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 دىن چۈشتىن كىيىن سائەت 17:30 غىچە داۋاملاشتى. پائالىيەتكە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلقىغا ئائىت رەسىملەر، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ 21- ئەسىردە شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلقىغا ئائىت رەسملەر، ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ئائىت رەسىملەر تىزىلغاندىن باشقا زىيارەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەتلىرىگە ئائىت كىيىم –كىچەك ۋە تۈرلۈك مەدەنىيەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ ئۇلارنىڭ سېتىۋېلىشى ئۈچۈن قۇلايلىق شارائىت يارتىپ بىرىلدى. زىيارەتچىلەرگە ئۇيغۇرلار ئۆز قۇلى بىلەن ھازىرلىغان تۈرلۈك پىچىنە-پىرەنىك ۋە ساڭزا ۋە چاي-قەھۋەلەر ھەقسىز بىرىلدى.

كۆرگەزمە جەريانىدا مەن 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى زىيارەتچىلەرگە دەلىل -ئىسپات بىلەن ئاڭلاتتىم. ئۇلار مىنىڭ 2017-يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈندىن باشلاپ 19 ئائىلە ئەزالىرىم بىلەن بارلىق ئالاقەمنىڭ ھەتتا نورمال تېلفۇن ئالاقەمنىڭمۇ يوقلىقىنى ئاڭلىغاندا ھەيران قالدى. مىنىڭ ئائىلەمنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەر نەچچە مىليۇن ئۇيغۇرنىڭ بىر جانلىق كارتىنسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدى.

زىيارەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلق قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىپ بىرەلەيمىز؟ سەن بىر گوللاندىيە پۇقراسى ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپتىڭ بىلەن گوللاندىيە ھۈكۈمىتىدىن ۋە خەلقىدىن نىملەرنى كۈتسەن -دەپ سۇئاللارنى سوردى. مەن گوللاندىيەدىن پەخىرلىنىمەن، گوللاندىيە دۆلىتى ئۈزى كىچىك بولسىمۇ گوللاندىيە پارلامنتى دۇنيا بۇيچە 3- قېتىم، ياۋرۇپا بۇيچە تۈنجى بۇلۇپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىپ ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ يۇلنى ئاچتى.بۇنىڭ ئۈچۈن گوللاندىيە پارلامىنتىغا ۋە گوللاندىيە خەلقىگە پۈتۈن ئۇيغۇرلار نامىدىن رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن دىدىم. شۇنداقلا گوللاندىيە ھۈكۈمىتىنىڭ ياۋرۇپا پارلامنتىدىمۇ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشقا چاقىرىمەن. گولاندىيە خەلقىنى خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشقا، گوللاندىيە ھۈكۈمىتىگە بېسىم قىلىش ئارقىلىق گوللاندىيەدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە جازا يۈرگۈزۈش ھەركەتلىنىشكە چاقىرىمەن.