گوللاندىيەدىكى قېرىنداشلاردىن ياردەم سورايمەن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ھەممىڭلارنىڭ كۈرۈپ تۇرۋاتقاندەك شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئامىستېردام دام مەيدانىدا خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن رەسىملەرنى كۆرگەزمەقىلىپ كىلۋاتقىلى بىر ئاي بولدى. نۇرغۇن ساياھەتچىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قىزىقىپ بىز ساڭا قانداق ياردەم قىلالايمىز؟ ئىمزا تەلەپ قىلامسەن؟ دىگەندەك سۇئاللارنى سوراۋاتدۇ. شۇڭا بۇ ھەپتىدىن باشلاپ لاتىغا ئىمزا قويدۇرۇش ئىشنى بىرلىكتە ئېلىپ باراي دەپ تەييارلىق قىلۋاتمەن. لاتىغا ئىمزا قۇيۇش ئۈچۈن بىردانە قاتلىندىغان ئۈستەل لازىم بۇلدىكەن. ھەممە نەرسىلەرنى كۈتۈرۈپ دام مەيدانىغا ئېلىپ بىرىشقا يالغۇزلۇق قىلىپ قالدىم. شۇڭا بىرەر قېرىنداشلار ياردەم قىلىپ كىرەكلىك نەرسىلەرنى ئاپىرىشىپ ھەم يىغشىپ بەرسە. مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ،ئورۇق تۇققانلىرىمنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇمنى پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چەتئەلىككە بىللە ئاڭلاتمەن دىسە تېخمۇ خوش بۇلمەن. مەن بىلەن بىللە يەنە 2ئادەم بىللە تۇرسا بۇلدىغانغا رۇخسەت ئالدىم. ناۋادا بىللە تۇرۇشقا ۋاقتى بولمىسا مەيلى ئۈزەم يالغۇز تۇرىۋېرمەن. ياردەم بىرىشنى خالايدىغان پىداكار قېرىنداشلارنىڭ مەن بىلەن ئالاقە قىلشىنى ئۈمىت قىلمەن.
Yezilghan wakqti : 19-07-2018